يېقىندا گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغىنىغا بىر ئاي بولار-بولمايلا، Hikvision شىركىتىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن تۈزۈشكەن بەش پارچە ھەمكارلىق توختامىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاش بىلەن تەڭ بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك پەرەزلەر خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە قىزىق تېما بولۇشقا باشلىدى. خەۋەرنىڭ بۇنچە كۈچلۈك دىققەت قوزغىشىغا دەل Hikvision شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەب بولغان. ئۆتكەن بىر قانچە يىلدىن بېرى مەزكۇر شىركەت بۇ سەۋەبلىك غەرب دۇنياسىدا كۈچلۈك تەنقىد ۋە جازالارغا ئۇچراپ كەلگەنىدى. ئۇنداقتا Hikvision شىركىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىش» دىكى سەۋەبنىڭ زادى نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ بەش تارمىقىنىڭ قاچان ۋە نېمە مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېرا شىركىتى بولغان «Hikvision» گەرچە 90-يىللاردىن باشلاپلا ئۇيغۇر رايونى بىلەن قويۇق ھەمكارلىقى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلار 2017-يىلىدىن كېيىن ئاندىن تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. خىتاينىڭ « بىخەتەرلىك ۋە ئالدىنى ئېلىش تورى» دا 2017-ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدىمۇ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيمىز. يەنى مەزكۇر ماقالىدا دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىخەتەرلىك كەسپىگە سەرپ قىلىۋاتقان مالىيە چىقىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغانلىقى، 2016-يىلى بولسا ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن يەنە 20 پىرسەنت ئېشىپ، تەخمىنەن 30 مىليارد سوم (تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك) قا يەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ نىسبەتنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۆلچەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ساھەسىگە سالغان مەبلىغى خىتاي بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك ساھەسىدە چوڭ ھەرىكەتنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، Hikvision مۇ دەل 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئۈرۈمچى شەھىرى خەيشى شىنئەن شىركىتى»، «قارىقاش ناھىيەسى خەيشى ئېلېكتىرون تېخنىكىسى شىركىتى»، «گۇما ناھىيەسى خەيشى يوڭئەن شىركىتى»، «كېرىيە ناھىيەسى خەيشى مېيتىيەن شىركىتى» ۋە «لوپ ناھىيەسى خەيشى دىڭجىن شىركىتى» قاتارلىقلارنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان. شۇنداقلا مەزكۇر تارماق شىركەتلەر ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ «بىخەتەر شەھەر قۇرۇلۇشى PPP تۈرى» نى ھۆددىگە ئالغان. ئەينى چاغدا مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىش مۇددىتى بىر يىل، كېيىنكى رېمونت ۋە ئاسراش كېلىشىمى بولسا ھەرقايسى جايلاردا 10 يىلدىن 20 يىلغىچە پەرقلىق ۋاقىت ۋە زور ئاسراش ھەققى بىلەن تۈزۈلگەن. ھالبۇكى بۈگۈن Hikvision شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان بۇ بەش تارماق شىركەتنى توختىتىپ، يەرلىك دائىرىلەر بىلەن بولغان توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. شۇنداقلا مەزكۇر رايونلاردىكى ئەسلىھەلەرنىڭ رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دېگەنلىك كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن ئون يىگىرمە يىللىق مۇقىم بولغان ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش مۇلازىمەت ھەققىدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك بولۇپ، Hikvision شىركىتىنىڭ مەزكۇر قارارنى چىقىرىشتا زور ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچ كېلىش خەۋپىنى ئويلاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
Hikvision شىركىتىنىڭ بۇنداق زور پايدىدىن تۇيۇقسىز ۋاز كېچىشى ھەيران قالارلىق ئىش بولسىمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. Hikvision شىركىتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشىنىڭ ئېنىق سەۋەبىنى دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەۋەبنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى شەكسىز! چۈنكى، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بەش شىركەتنى 2023-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان Hikvision شىركىتى ئىزچىل يوسۇندا ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك جازالاشلىرىغا ئۇچراپ كەلدى. يەنى بۇ شىركەت 2019-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، 2021-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر ئالاقە كومىتېتى «FCC» تەرىپىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى. بولۇپمۇ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى رولى ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى چۈشۈرگەن ئەڭ چوڭ ئامىلغا ئايلاندى.
Hikvision شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى رولىغا قارايدىغان بولساقمۇ، 2016-يىلىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن چوڭ تۇتقۇندا مەزكۇر شىركەتنىڭ چىراي تونۇش تېخنىكىسى ۋە چوڭ تىپتىكى نازارەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىمىز. مىسالغا ئالساق، 2017-يىلى ئۈرۈمچىنىڭ « بىخەتەر شەھەر بەرپا قىلىش PPP تۈرى قۇرۇلۇشى» غا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلىغى 150 مىليون سوم (21 مىليون دوللارغا يېقىن) ئېشىپ كەتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەككىز مەمۇرىي رايونى تەۋەلىكىدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى 1470 كۆزىتىش كامېراسى، 113 يېڭى تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ چىقىلغان. ئاھالىلەر كومىتېتىغا تەۋە نازارەت مەركىزىدىن يەنە 18 ى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىلغان. ھالبۇكى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ نازارەت سىستېمىلىرىنى دەل Hikvision ئۈستىگە ئالغان.
Hikvision شىركىتى تەمىنلىگەن بۇ خىل نازارەت سىستېمىسى شەھەر ۋە رايونلاردىكى ھەرقايسى يول بۆلەكلىرى، ئاساسلىق يول ھالقىسى ۋە مەھەللە يول ھالقىلىرىنى ئۆز ئارا گىرەلەشتۈرۈپ، مۇھاسىرە تورىنى شەكىللەندۈرگەن توقۇلما تور ئۇسلۇبى بويىچە لايىھەلەنگەن. يەنى، خەلق مەيدانى، مەكتەپلەر، ئاپتوبۇس بېكەتلىرى، سودا مەركەزلىرى ۋە نۇقتىلىق رايونلار (ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلارنى كۆرسىتىدۇ) نى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان. ھەتتا كۆكتات بازىرى، مەھەللە، مەسچىت ۋە نۇقتىلىق بولمىغان مەھەللىلەرمۇ بىر تۇتاش نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. دېمەك، Hikvision نىڭ يۇقىرىقىدەك مۇكەممەل بولغان توقۇلما شەكىللىك نازارەت سىستېمىسى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قارىقاش، كېرىيە، لوپ ۋە گۇما ناھىيەلىرىدە ئوخشاش شەكىلدە لايىھەلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى يوچۇقسىز نازارەت ئاستىغا ئالغان ۋە كەڭ كۆلەمدىكى تۇتقۇنغا شارائىت ھازىرلىغان.
دۇنيادىكى نازارەت كامېرا سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى 2022-يىلى «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا بىر يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلاتتا «Hikvision» شىركىتى كامېرالىرىنىڭ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايان قىلغانىدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «Hikvision» كامېراسى بىر ئۇيغۇر ئەر كىشى ھەيدەۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىدىكى نومۇر ئاپتوماتىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئەۋەتىلگەن. ئاندىن بۇ نومۇر سېلىشتۇرۇلۇپ كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان ۋە نەتىجىدە ئاپتوماتىك ھالدا بۇ كىشىنى «دەرھال قولغا ئېلىش» بەلگىسى چىقىرىلغان. دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 2018-يىلىغا ئالاقىدار ئىچكى ھۆججىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 23 مىليون ئائىلىنىڭ شەخس ئۇچۇرلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ بولۇنغانلىقى دېيىلگەن. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا يوللانغان بۇ ئۇچۇرلار خىتاينىڭ «بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسى» (IJOP) گە ئۇلانغان. بۇ سىستېما بولسا «خەتەرلىك ئادەملەر» نى ئايرىپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى دەل مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىغا تايانغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، Hikvision شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش شىركىتىنى تاقاپ، مۇلازىمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مالىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىدىن بولغانلىقى قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن. گەرچە بۇ مەلۇماتتىن مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشى يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمما مەسىلىنىڭ پۈتۈنلەي شۇنداق بولۇشى ناتايىن! چۈنكى بىز بۇ مەسىلىنى Hikvision شىركىتىنىڭ خەلقئارا ئىناۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يېقىندا گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىش مەسىلىسى بىلەن باغلاپ چۈشىنىدىغان بولساق، ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ باشقىچە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، Hikvision شىركىتى خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئىقتىسادىي جازا ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى سەۋەبلىك ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن، شۇنداقلا بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ بەش شىركىتىنى تاقاپ، «بېسىمدىن قۇتۇلماقچى» بولغان.
دەرۋەقە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ Hikvision شىركىتىنى جازالىشى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئەينى چاغدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو Hikvision شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت سىستېمىسىنى جورج ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق كىتابىدىكى دۆلەتنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا ئوخشاتقان. تېخىمۇ مۇھىمى، ماركو رۇبىيو دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى Hikvision ئۈچۈن ياخشى خەۋەر بولمىغانلىقى ئېنىق. دونالد ترامپنىڭ ئاۋۋالقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە پۈتتۈرەلمەي قالغان خىزمەتلىرىنى كېيىنكى تۆت يىللىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە داۋام قىلىشى ۋە بەزى ھېسابلارنىڭ ئېلىنىش ئېھتىماللىقى Hikvision نىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىشىمىز تەس ئەمەس ئەلۋەتتە!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]