خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنى زادى قانچىلىك چۈشىنىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.07.31
usulchi-Qember-xanim.jpg داڭلىق ئۇسسۇلچى قەمبەر خانىمنىڭ 1947-يىلى نەنجىڭدە نەشر قىلىنغان «تىيانشان رەسىملىك مەجمۇەسى» نىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان سۈرىتى.
RFA/Qutlan

1930-يىللاردىن تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرغىب قىلىنغان ئۇيغۇرلار 1990-يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى تاراتقۇلاردا «بۆلگۈنچى»، «دىنىي رادىكال» ۋە «تېررورىست» قالپاقلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.

ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» كەلتۈرۈپ چىقارغانغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشىغۇچى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئەيىبلەيدىغان خاھىشلار ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشېنچىنىڭ ئىنتايىن سۇسلۇقىنى ھەتتا پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ ئاشكارىلاپ قويغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «تارىختىن بۇيان شىنجاڭدا يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ياشاپ قالماستىن، بەلكى كۆپ مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان» دېگەندەك سىياسىي تەشۋىقاتلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تونۇشىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان چۈشەنچىنى سۇسلاشتۇرغان ياكى چەتنەشتۈرگەن.
ئۇنداقتا، خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنى زادى قانچىلىك چۈشىنىدۇ؟

ئىلگىرى بېيجىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان كامىلە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇمكى، 1930-يىللاردا جاللات شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى پەردازلاش مەقسىتىدە بالىلىق دەۋرىدىكى دوستى، داڭلىق خىتاي يازغۇچىسى دۇ جۇڭيۋەننى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ كىتاب يازدۇرغان. دۇ جۇڭيۋەننىڭ «شېڭشىسەي ۋە يېڭى شىنجاڭ» ناملىق كىتابى 1938-يىلى شاڭخەيدە نەشر قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىغان. بۇ كىتابتا شېڭ شىسەينىڭ ئىش-ئىزلىرى دەبدەبىلىك تەسۋىرلەر بىلەن غايىۋىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «چېگرا رايون شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە دېموكراتىيىنىڭ بۆشىكى» گە ئايلانغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ياپونغا قارشى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە قالغان خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن مىڭلىغان خىتاي زىيالىيلىرى، جۈملىدىن مەشھۇر يازغۇچى ماۋدۇن ۋە سەنئەتكار جاۋدەن قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى كېيىنچە جاللات شېڭ شىسەينىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن.

1946-يىلى «11 بىتىم» ئىمزالىنىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، جاڭ جىجۇڭ بۇنى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭدىكى سىياسىي غەلىبىسى» دەپ ھېسابلىغان ھەمدە ئىچكى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» ئېلىپ بارغان. 1947-يىلى ئۇ «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» تەشكىللەپ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە 3 ئاي ئويۇن قويدۇرغان. قەمبەر خانىم باشلىق 50 تىن ئارتۇق ئارتىستلار جاڭ جىجۇڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي شەھەرلىرىدە ئويۇن قويۇپ، «شىنجاڭ ئۇرۇش-تالاش مەيدانى ئەمەس، بەلكى ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن چۈشەنچىنى تەشۋىق قىلغان.

1949-يىلىدىن كېيىن كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇ خىل تەشۋىقات ئەنئەنىسىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ، مىليونلىغان خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ يەرلىشىشكە ئۈندىگەن. 1990-يىللاردىن كېيىن دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەدرىجىي خەلقئارالىشىشى بىلەن خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئىلگىرىكى «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەشۋىق قىلىنغان ئۇيغۇرلار بىردىنلا «بۆلگۈنچى»، «دىنىي رادىكال» ۋە «تېررورىست» قالپاقلىرىنى كىيىشكە باشلىغان. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى تۈپەيلىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئىنتايىن يۈزە ھالەتتە قەپ قالغان. ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانىيى ھېسابلانغان «خەلق گېزىتى» نىڭ بۇ يىللىق 12-ماي سانىدا قەشقەرنى زىيارەت قىلغان خىتاي مۇخبىرىنىڭ «شادىمانلىق بىلەن دۇمبۇرا چېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.