ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ بىر قىسمى قاچىلانغان تۆت چوڭ ساندۇق ساقلىنىپ قالغانلىقى ھەتتا بۇلارنىڭ 1949-يىلى 10-ئايغىچە بارلىقى مەلۇم. ئەپسۇسكى ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلاردىن يەنە ئىككى ساندۇق يوقالغان.
خۇاڭ ۋېنبىنىڭ 1933-1934- ۋە 1943-1944-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش سەپىرى ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن ۋە ھەتتا مىللىي ئىنقىلاب قىسمەن غەلىبىگە ئېرىشىپ، بىر قىسىم جايلار مىللىي ئازادلىق مېۋىلىرىنىڭ تەمىنى تېتىغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. ھەر يەردە ئىنقىلاب ئوتلىرى كۆيۈۋاتقان بۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە شارائىتنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن ئېغىر قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ھەر ئىككى ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش سەپىرى» ئەمەلىيەتتە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. يېقىندا يېڭىدىن ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئىچكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، خۇاڭ ۋېنبىنىڭ شۇ يىللاردا ئىنقىلاب ئوتى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا «ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» نامى بىلەن بېرىشىغا جاسۇسلۇق ۋەزىپىسىنىڭ يۈكلەنگەنلىكى، ئاتالمىش «ئارخېئولوگىئەلىك ئىلمىي تەكشۈرۈش» دېگەن نامنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ۋە ئۇچۇر توپلاش ھەرىكىتى ئۈچۈن بىر ۋىۋىسكا بولۇپ بەرگەنلىكى مەلۇم.
1933-يىلى ئۇ مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۇيغۇر دىيارىغا يەنە بىر قېتىم ئەۋەتىلگەن. شۇ يىلى 5-ئايدىن باشلاپ، ئۇ ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئىلى ۋە قاراشەھەرلەردە مائارىپ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. خىتايدا چىقىدىغان «غەربىي شىمالنى ئېچىش» نامىدىكى ژۇرنالنىڭ شۇ يىللىق 2-توپلام 5-سانىدا ئۇنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغان. ئۇ، بۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مائارىپنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەننىي مەكتەپەلەردە كۆپ ئوقۇمايدىغانلىقى ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرىنىڭ كەملىكىدىن بولغان دەپ يازغان. ئۇ يەنە شۇ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇلارنىڭ تىلى بىرلىككە كەلمىگەن. شۇڭلاشقا ئۆلكىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار كۆپ ھاللاردا بىر بىرىگە ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارىشىدۇ. ھەر قېتىم ئىسيان ياكى توپىلاڭ چىققاندا، تۈركۈملەپ ئادەم ئۆلتۈرۈلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئاساسلىق ساننى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ خەلقىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، دۆلەت تىلىنى چوقۇم سۆزلىيەلەيدىغان ھەم چۈشىنەلەيدىغان قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى ئازايتقىلى بولىدۇ.»

ئۇنىڭ 1930-يىللاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە سۇنغان دوكلاتىدىكى «شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا خىتاي مائارىپى ئارقىلىق دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» دېگەن بۇ تەكلىپى، ئارىدىن ئاز كەم بىر ئەسىر ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست خىتاينىڭ قولى بىلەن ئەمەلىيلەشمەكتە.
خۇاڭ ۋېنبىنىڭ «يۈگوڭ: يېرىم ئايلىق سۆھبەت» ناملىق خىتايچە ژۇرنالنىڭ 1935-يىللىق 4-توم 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان قىلغان «2-قېتىملىق موڭغۇلىيە-شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى» ناملىق بىر پارچە ماقالىسى ئۇنىڭ قانداق بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

«يىپەك يولى» ئاتالغۇسى ئۇ ۋاقىتلاردا دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە ئاساسەن شەرق بىلەن غەربنى باغلايدىغان، ئۇيغۇر دىيارىنى ئاساسلىق تۈگۈن قىلغان «مەدەنىيەت يولى» دېگەن ئۇقۇمنى بېرەتتى. ھالبۇكى، ئۆزىنى بىر «ئارخېئولوگ» دەپ بىلىدىغان خۇاڭ ۋېنبى «يىپەك يولى» دېگەن بۇ مەشھۇر نامنى ئەسلا ئېتىراپ قىلمىغان. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ ھېچ بىر ماقالىسى ياكى يازمىسىدا «يىپەك يولى» دېگەن نام ئۇچرىمايدۇ. ئۇ شۇ ماقالىسىدە «يىپەك يولى» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك تارىخىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان باشقا بىر نامنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا بارىدىغان 3 يولنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى ئىككىسىگە «سودا يولى» ۋە «ئوتتۇرا يول» دېگەن ناملارنى قوللانغان. ھالبۇكى، 3-يولنى زۇ زۇڭتاڭنىڭ ئاچقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنى «زۇ زۇڭتاڭ يولى» دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بەرگەن. خۇاڭ ۋېنبىنىڭ بۇ تەكلىپىدىن، ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى بىر «ئارخېئولوگ» ئەمەس، بەلكى «ئارخېئولوگىيە» نى ئۆزىگە يېپىنچا قىلىۋالغان بىر سىياسىي بېدىك ئىكەنلىكىنى؛ يەنى كېلىپ ئارخېئولوگىيە كەسپىنى سىياسەتنىڭ قولتۇقىدا ئېلىپ بارىدىغان بىر كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «ئارخېئولوگىيە» ئىلمىنىڭ تونىغا ئورىنىۋالغان خۇاڭ ۋېنبىڭ مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىككىنچى قېتىم ئىستىلا قىلغان ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۆلكىسى» قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن قانخور زو زۇڭتاڭنى خىتاينىڭ «مىللىي قەھرىمانى» قىلىپ تىكلەپ چىقىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇنجى خىتاي ئالىمى بولغانلىقىدا ھېچقانداق شۈبھە يوق!
ناھايىتى ئېنىقكى، خۇاڭ ۋېنبى تېڭى-تەكتىدىن ئېيتقاندا رەسمىي تەربىيەلەنگەن بىر كەسپىي ئارخېئولوگ ئەمەس ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ كۆپ خىل ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان بۇ كەسىپنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر يوچۇق تېپىشقا ئۇرۇنغان. خىتاي تىلىدىن باشقا ھېچقانداق قەدىمكى تىل-يېزىقلارنى ياكى ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر تىلنىمۇ بىلمىگەن خۇاڭ ۋېنبى ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىن شۇنداق بىر غەيرىي يول تېپىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» سەپەرلىرىدە پەقەتلا خىتاي تىلى ۋە خىتاي تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارغىلا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. ئۇ بايقىغان ھەر بىر ئاسارە-ئەتىقىنى، قازغان ياكى زىيارەت قىلغان ھەر بىر تارىخىي ئورۇننى پەقەتلا خىتاي تارىخى بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنغان. خىتاي ئارخېئولوگلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېنىق بىر يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ يەر ئەينى ۋاقىتتىكى «غەربىي دىيار تۇتۇق مەھكىمىسى» ئىدى دەپ كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خۇاڭ ۋېنبى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىزىل توپىلىق بىر ئىگىزلىكنى كۆرسىتىپ، ئۇنى خىتاينىڭ «تۇتۇق ھىراۋۇل مەھكىمىسى» دەۋالغان، شۇنداقلا نۇرغۇن يەرلەرنى «جاڭ چيەن ئۆتكەن يەر» دەپ جۆيلۈگەن.
ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەزى يەرلەردىن خىتايچە خەت ئويۇلغان تەڭگە پۇللارنى تېپىۋالغىنىدا، ئۇ يەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى ئىسمىنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئىسىم قويماقچى بولغان. ئۇنىڭ قاراشەھەردىكى ئۇيغۇر ئۇزۇنقومۇش خارابىسىگە ۋە مارالبېشىدىكى تۇمشۇق خارابىلىقىغا «تاڭۋاڭچېڭ» («تاڭ خانىدانلىقى شەھەرچىسى») دېگەن خىتايچە ئىسىملارنى قويۇشىمۇ دەل شۇ سىياسىي مەقسەتتىن بولغان.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن چەت ئەللىك سەيياھلار ئۆزلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك ئىلمىي تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا توپلىغان ئاسارئەتىقىلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، خىتايلارنىڭ ئۇلارنى «ئوغرى»، «قاراقچى»، «بۇلاڭچى» دەپ ھاقارەتلەنگەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنداقتا، نەچچە ئون مىڭلىغان قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئىچكى خىتايغا ئېلىپ كېتىپ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان خۇاڭ ۋېنبىنى نېمە دەپ ئاتاش كېرەك؟ شۇ يوقىتىلىشتا خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ چەت ئەلگە ئېلىپ كېتىلگەن شۇ بۇيۇملارنىڭ تەتقىقاتى پەقەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا قانداق ھەسسىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى قانداق دەلىللەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ۋە تەمىنلەۋاتقانلىقىغا شاھىت بولغان ئىلىم دۇنياسى، خۇاڭ ۋېنبى يوقاتقان قىممەتلىك قول يازمىلار بىلەن ئاسارئەتىقىلەرنىڭ ھېسابىنى كىمدىن ئالىدۇ؟ خۇاڭ ۋېنبىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىغا ئالاقىدە كۈسەن، توخار ۋە سوغدى قاتارلىق قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىلىرىگە سالغان تەسۋىرلىگۈسىز زىيىنىنى، «ئوغرى»، «قاراقچى» ياكى «بۇلاڭچى» دەپ ھاقارەتلەۋاتقان ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر سىۋېن ھېدىن بولسۇن ياكى ئالبېرت فون لېكوك بولسۇن، ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر «بۇلاڭچى» دېيىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا خۇاڭ ۋېنبىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىسىم تاپقىلىمۇ بولمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خۇاڭ ۋېنبى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىدىكى 1-نومۇرلۇق شەخس» دەپ كۆككە كۆتۈرۈشىنى، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئارخېئولوگىيەنى يېپىنچا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئەبەدىي بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن سىياسىي تەكلىپلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.