يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدا ھەممە كەسىپنىڭ «پېشۋاسى» نى ئىزدەش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بۇ دولقۇن ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ، قويۇق سىياسىي تەشۋىقات تۈسىگە كىردى. بۇ دولقۇندا ۋاڭ لوبىڭ ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ «نىجاتكارى» ۋە ھەتتا ئاتالمىش «ئىجادكارى» بولۇۋالدى. 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى قايتا رەتلەش ۋە نوتىغا ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋەن تۇڭشۇ 99 ياشقا كىرىپ ئۆلۈۋىدى، مەرتىۋىسى «مۇقام پېشۋاسى» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ ئۈرۈمچىدە ھەشەمەتلىك خاتىرە سارىيى سېلىندى ھەمدە ھەيكىلى تىكلەندى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تەكلىپ قىلىنغان بىر ئۆمەك ئەنە شۇ سارايدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئاڭلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۈيلەشتى. ئالدىنقى كۈنى ئاقسۇدا ئاياغلاشقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ غەيرى-مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنىمۇ ۋەن تۇڭشۇنىڭ نامىغا ئاتالدى.

خىتاي خېلىدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئارخېئولوگىيە ساھەسى ئۈچۈنمۇ بىر «پېشۋا» يارىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خۇاڭ ۋېنبى (黄文弼) ئىسىملىك بىرىنى نامزات قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقتى. 1930-يىللاردا شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سىۋېن ھېدىننىڭ تارىم ئويمانلىقىنى تەكشۈرۈش ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىگە قاتناشقان خۇاڭ ۋېنبى ئەسلىدە مەزكۇر ئەترەتتىكى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى خادىم ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە داۋامىدا تاپقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىرقانچە پارچە خىتايچە يازما ھۆججىتى بۈگۈن «ئارخېئولوگىيەلىك زور بايقاش» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ مەخسۇس «مەدھىيە يىغىنلىرى» ئېچىلماقتا، كىتابلار نەشر قىلىنماقتا. ھەتتا ئۇنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلىرى» كۆرگەزمە قىلىنماقتا. يېقىندا يەنە لەنجۇدىكى غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، خۇاڭ ۋېنبى ئۆمۈر بويى چوقۇنغان قەھرىمانى جاڭ چيەننىڭ قەبرىسىگە يېقىن جايدا ئۇنىڭ يەنە بىر ھەيكىلى تىكلەنگەن. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر قەدىمكى مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارمۇ خۇاڭ ۋېنبىنىڭ نامىنى تاج قىلماي تۇرۇپ ئېچىلمايدىغان بولغان.
بۇرۇن خۇئاڭ ۋېنبى توغرىلىق كىتاب ۋە ماقالە يازغانلار، ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىدا قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي ئارخېئولوگى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدىغان بولغان. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇنى خاتىرىلەيدىغان ۋە تەبرىكلەيدىغان پائالىيەتلەر ھەسسىلەپ كۆپەيگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ ئاساسلىق ھۆكۈمەت تارتقۇلىرى ۋە ۋە خىتايدىكى ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بەس-بەس بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، خۇاڭ ۋېنبىنى «ئەڭ ياخشى ئارخېئولوگ» ، «يىپەك يولى ئارخېئولوگىيەسىنىڭ ئاساسچىسى» ، «جۇڭگو شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ 1-دەرىجىلىك يېتەكچىسى» ، «تۇرپان ئارخېئولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتاشقا باشلىغان. شۇنداقلا ئۇنى دۇنياغا مەشھۇر شىۋېتسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى سۋېن ھېدىن بىلەن تەڭلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئارخېئولوگىيە تارىخىدىن ئازراقلا خەۋىرى بار كىشىلەر، «ئارخېئولوگىيە ئاساسچىسى» دېگەن بۇ ئۇلۇغۋار نامنىڭ قىممىتى شۇنچىلىك تۆۋەنلەپ كەتتىمۇ ياكى دۇنيادا ھېچ بىر نامى بولمىغان خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلىرى» ئەمدى ئوچۇقچىلىققا چىقتىمۇ، بۇنى ھېچ بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشماقتا.
ئۇنداقتا، خۇاڭ ۋېنبى كىم؟ ئۇ قانداق قىلىپ سىۋېن ھېدىن بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان «مەشھۇر ئارخېئولوگ» بولۇپ قالغان؟ ئۇ ئۇيغۇر دىيارىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ-تەكشۈرۈش ئېكسپېدىتسىيەلىرىدە زادى نېمە ئىشلارنى قىلغان؟ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك شۇنچىلىك مۇھىم شەخسمۇ؟ ئۇنى سۋېن ھېدىن سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
خۇاڭ ۋېنبىنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر مەلۇماتلارغا قارىساق، مۇنداق ئۇچۇرلارغا كۆزىمىز چۈشىدۇ: خۇاڭ ۋېنبى 1918-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. 1921-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان «دۆلەت تىلى» (خىتاي تىلى) كەسپىنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. تاكى 1926-يىلىغىچە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى بولغان خۇاڭ فەننى «خۇاڭ ۋېنبى» غا ئۆزگەرتكىنىدىن باشقا ھېچبىر كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ئىشى ئۇچرىمايدۇ. 1924-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دەرھال بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، 1924-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1925-يىلى 10-ئايغىچە داۋاملاشقان بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى رەتلەش خىزمىتىگە ياردەمچى بولۇپ قاتناشقان. بۇ ئىش ئۇنىڭ كېيىنچە «مەشھۇر ئارخېئولوگ» بولۇپ سەھنىگە چىقىشىدا مۇھىم بىر شوتا بولغان.
1927-يىلى سۋېن ھېدىن گېرمانىيە لۇفتخانسا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان ھاۋا يولىنى لايىھەلەش ئۈچۈن، بۇ شىركەتنىڭ 10 ئۇچقۇچىسى ۋە ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىك ھەمراھلىرىنى باشلاپ بېجىڭغا كەلگەن. بۇ خىتايدا مىللەتچىلىك كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان، چەت ئەللىكلەرگە، بولۇپمۇ تەتقىقات ۋە باشقا ئىشلار بىلەن خىتايدا تۇرۇۋاتقان ئەجنەبىيلەرگە نىسبەتەن قارشىلىقلار بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بىر ۋاقىتلار ئىدى. خىتايدىكى ئەنە شۇنداق مىللەتچىلىك كەيپىياتىنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى بېرلىندىن شاڭخەيگە ئۇچىدىغان ياۋرو-ئاسىيا ھاۋا يولى لىنىيەسى ئېچىش پىلانىنى رەت قىلغان. بۇنىڭ ئورنىغا سىۋېن ھېدىننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەشكىللىگەن بىر ئەترەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا تۇتۇشىدىغان بىر تاشيول قۇرۇلۇشىنى سىزىش ۋە لايىھەلەش پىلانلانغان. خۇاڭ ۋېنبى دەل مۇشۇ بۇ ئەترەتتە خىتاي تەرەپنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل ۋەكىلى بولۇپ تاللانغان. شۇنىڭ بىلەن خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى پارلاق ھاياتى» باشلانغان. ئۇ، سېۋېن ھېدىن ئىلمىي يېتەكچى بولغان شۇ قېتىملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېكسپېدىتسىيەسىدە تاكى 1930-يىلىغىچە ئۆزى ئىلگىرى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈپ بىلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «يولۋاس يوق يەردە مايمۇن پادىشاھ» دېگەندەك، ئۆز ئالدىغا خىتاي ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تەشكىللەپ ئۇدا 3 قېتىم، يەنى 1933-يىلى، 1948-يىلى ۋە 1957-1958-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان

ھالبۇكى، خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىلگىرى-كېيىن قىلغان تۆت قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرىدە ئۇنىڭ زادى قانچە خىل ۋە قانچە پارچە ئاسارە-ئەتىقە ياكى مەدەنىيەت يادىكارلىقى يىغىۋالغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئارخېئولوگىيە ھاياتىغا دائىر ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇ قاتناشقان ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە ئۆز ئالدىغا قېزىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بەزى ئاسارە-ئەتىقىلەرنى توپلىغانلىقى مەلۇم. خۇاڭ ۋېنبىنىڭ 1927-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە 3 يىل جەريانىدا يازغان «خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋە شىنجاڭدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا يازغان كۈندىلىك خاتىرىسى» ، «تارىم ئويمانلىقىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى» ، «تۇرپان ئارخېئولوگىيەسىدىن تەكشۈرۈش خاتىرىسى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. شۇ كىتابلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا كۆپلىگەن ئاسارە-ئەتىقە، قوليازما ۋە تاش باسما ئەسەرلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
بىز ئۇنىڭ خاتىرىلىرىدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، خۇاڭ ۋېنبى مەيلى مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) دەۋرىدە بولسۇن ياكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەۋرىدە بولسۇن، ئۇن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدە ھېچ بىر زامان توسالغۇغا ئۇچرىمىغان، بەلكى ھەر قېتىم ئۇنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە يېشىل چىراغ يېقىلغان.
خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئاتالمىش ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملىرىنىڭ تۈرىدىن ئۇنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ئۇ قەدەر ئىلمىي بولۇپ كەتمىگەنلىكىنىمۇ پەرەز قىلىش مۇمكىن. مەلۇم بولۇشىچە، خۇاڭ ۋېنبى پەقەت تۇرپاندىكى يارغول ۋە تۇيۇق خارابىلىكلىرىدىن بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان 120 دانە قەبرە تېشىنى كولاپ چىقىرىۋالغان. ئادەتتە قەبرىلەرگە ئورنىتىۋېتىلىدىغان بۇنداق قەبرە تاشلىرىنى شۇ قەبرىلەرنى بۇزماي تۇرۇپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس.
خۇاڭ ۋېنبى 1958-1959-يىللىرى، يەنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان 4-قېتىملىق ئارخېئولوگىيە سەپىرىدە توپلىغان 55 ساندۇقتىكى 1700 خىلدىن ئاشىدىغان 7500 پارچىدىن ئارتۇق ئاسارە-ئەتىقە بۇيۇمىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا تاپشۇرۇپ بەرگىنىدىن باشقا، قالغان 3 قېتىملىق سەپىرىدە توپلانغان بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كەتكەن. 1927-يىلى باشلانغان 1-قېتىملىق خىتاي چەتئەل ھەمكارلىقىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرىدە شىۋېتسىيەلىكلەر توپلىغان مەدەنىيەت مىراسلىرى سىۋېن ھېدىن تەرىپىدىن ستوكھولمغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئىلمىي باھالاشتىن كېيىن، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەسكىرىي مۇزېيغا يەرلەشتۈرۈلگەن بۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن كېيىنچە خۇاڭ ۋېنبىنىڭ خالىغانچە پايدىلانغانلىقى مەلۇم.
خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇيغۇر دىيارى سەپىرىدە توپلىغان ئاسارە-ئەتىقىلەرنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ تىراگېدىيەلىك بولغان. ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملىرى خەنكو شەھىرىدىكى بىر چوڭ بىناغا توپلانغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ بىنا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىدا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. شۇ بومباردىمانلاردا غايىب بولغان بۇ بىباھا مىراسلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى بىز ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۈندىلىك خاتىرىلىرى ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ ناچار سەۋىيەدە تارتىلغان فوتو سۈرەتلىرىدىن كۆرۈۋالالايمىز.
يۇقىرىدا خۇاڭ ۋېنبىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ پېشۋاسى» دەپ كۆككە كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى ئوبزورىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار. «ئارخېئولوگىيە» يېپىنچىسى ئاستىدا ئۆمۈر بويى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سىياسىي سەپسەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ھاياتىغا يوشۇرۇنغان سىرلارغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار ئوبزورىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بولغاي!
(داۋامى بار)
***
[بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]