خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە سۆز بولغاندا كىشىلەرنىڭ يادىغا 1978-يىلى خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بىر قاتار يېڭى ئىقتىسادىي سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن خىتايدا تەدرىجى ھالدا ئىقتىسادىي جۇغلانمىنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىدەك ئومۇمىي مەنزىرە كېلىدۇ. ئەمما ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «خۇدسون ئاقىللار مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، ئىقتىسادشۇناس توماس دۇستېربېرگنىڭ «خىتاي سەددىچىنىدىكى ئىقتىسادىي دەزلەر» ناملىق دوكلاتىدا ئالماشتۇرۇش سودىسىدىن پايدا ئېلىشنى ئاساس قىلغان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مەزگىلللىك مەۋجۇتلۇقى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر پاكىتلار ئاساسىدا شەرھىلەنگەن. يېقىندا خۇدسۇن ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى مۇشۇ دوكلاتنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا خۇدسۇن ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نادىيا شادلوۋ خانىم ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ساھەدىكى مۇتلەق كونتروللۇق ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي قۇرۇلما ساھەسىدىكى دائىر بىر قاتار مەسىلىلەر، بولۇپمۇ نوپۇس نىسبىتىدىكى ياشانغانلار سانىنىڭ ئېشىپ مېڭىشى ھەمدە ئىقتىسادنى ئالغا سىلجىتقۇچى ئىجادچانلىقنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك كەمچىل بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئەمىلىيەتتە دەل خىتاي ئىقتىسادىنى بۆھرانغا باشلاۋاتقانلىقى قاتارلىق بىرنەچچە غول مەسىلىلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى رېئاللىق توغرىسىدا سۆز قىلىشنى مۇتەخەسىسسلەرگە ھاۋالە قىلدى.
كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىسادشۇناس، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى توم دۇستېربېرگ شۇ قاتاردا سۆز ئېلىپ، خىتاي ئىقتىسادىدىكى بىرنەچچە ھالقىلىق ئامىللار ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى ساھەسىنىڭ شى جىنپىڭ كونتروللۇقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر قوللۇق نازارىتىدە بولۇشى خىتايدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ مەنبەسى ئىكەن. بىرىنچىدىن، نەچچە ئون يىللاپ داۋام قىلغان «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتى خىتاي نوپۇسىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش بىلەن بىرگە نوپۇس ساھەسىدىكى بىرقاتار ئەجەللىك مەسىلىلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ ياشانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى كەلگۈسى كەلگۈسى 15 يىلدا ئاز دېگەندىمۇ 15 پىرسەنت ئاشىدىكەن، شۇنىڭغا ماس ھالدا خىزمەت يېشىدىكىلەرنىڭ سانىمۇ 15 پىرسەنت كېمىيىدىكەن. مۇشۇ سۈرئەت بويىچە ماڭغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا ئاز دېگەندىمۇ 500 مىليون خىتاي نوپۇسى 60 ياشنىڭ ئۈستىدىكى كىشىلەرگە ئايلىنىدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج بولىدىكەن. ئىككىنچىدىن، خىتايدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە تىببىي كۈتۈنۈش سىستېمىسى غەرپ دۇنياسىغا سېلىشتۇرغاندا ئاساسىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلمىغان ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل رېئاللىق نۆۋەتتە مىليونلارچە ئىنساننى كەلگۈسىنىڭ غېمىنى قىلىش يۈزىسىدىن تاپقان پۇلىنى خەجلىمەستىن يىغىپ قويۇشقا ئۈندىمەكتە ئىكەن. بۇ بولسا شى جىنپىڭ تەكىتلەۋاتقان «ئۆز-ئۆزىنى قامداش شەكلىدىكى ئىستېمالچىلارنى نىشان قىلىش» ئىقتىسادىي ئەندىزىسىگە ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. ئۈچىنچىدىن، خىتايدىكى ئىقتىسادىي كىرىم ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئېغىر تەڭسىزلىك نۆۋەتتە بارغانسېرى زورايماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ يېزا-قىشلاقلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ پەرقى بەكمۇ زور بولماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ خىل تەڭسىزلىك مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىگە، شۇنىڭدەك جىنسىي پەرق ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى كەمسىتىشكە كېڭەيمەكتە ئىكەن. بۇ خىلدىكى تەڭسىزلىكنىڭ ئېشىپ مېڭىشى ئومۇمىي جەھەتتىن بىر ئورتاق نارازىلىققا زېمىن ھازىرلىماقتا ئىكەن.
توم دۇستېربېرگنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۈچ خىل ئامىلدىن باشقا يەنە قوشۇمچە ئورۇندىكى ئىككى خىل «يېتىشسىزلىك» نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ پېيىنى سىرقىراتماقتا ئىكەن. بىرى، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادى ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە ھاۋا، سۇ ۋە تۇپراقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان بولۇپ، يېزا-ئىگىلىك دۆلىتى بولغان خىتاي ئۈچۈن ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. ئىككىنچىسى، خىتايدا نۆۋەتتە خام ئەشيا مەنبەسىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى بارغانسېرى ئاشكارا بولماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ كەمچىللىكى خىتاينىڭ سانائەت سىستېمىسىنى خورىتىپ قويماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تولدۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش ماھىيەتتە دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئارىلىقىنى بارغانسېرى زورايتىپ ماڭماقتا ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىققان ھاكىممۇتلەقلىقى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى ئىجادىيلىق يۈزلىنىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋەتكەن. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ھەممىگە كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلىش» دېگەن ئالىي يوليورۇق بويىچە، خىتايدىكى ھەرقانداق شىركەت-كارخانىلار نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يۈكسىلىشكە ئەمەس، ئەكسىچە شىركەت رەھبەرلىك قاتلىمىدا كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا زېھېن قويماقتا ئىكەن. خىتاي ئىقتىسادى ساھەسىدىكى «كۆپۈك» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك سودىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى سەۋىيەدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ھالدا «كۆپۈكنىڭ يېرىلىشى» نى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىكەن. دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىۋاتقان رەقەملىك (دىگىتال) ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىك ئەندىزىسى بىلەن سىغىشالمىغانلىقتىن خىتايدا زور چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا ئىكەن. مۇشۇ بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى (GDP) نى بىر سوم (يۈەن) ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەتتە سومدىن توققۇز سومغىچە سەرپ قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇ ھال بولسا 1990-يىللىرى بىر سومدىن ئىككى سومغىچە بولغان ئىكەن.
بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ يەنە بىر ئىشتىراكچىسى «سارغۇچ خىتايچە كىتابلار» ئاقىللار مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئىقتىسادشۇناس لىلەند مىللېر ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توم دۇستېربېرگنىڭ پىكرىگە ئاساسىي جەھەتتىن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سەۋىيىسىنى ئەڭ يۇقۇرى پەللىدىن تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىش، دەپ تەرىپلەشكە بولىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن 20 يىلدا خىتاي ئىقتىسادى راستىنلا سان جەھەتتە ئاشقان بولسىمۇ، شۇنىڭغا ماس ھالدا غايەت زور سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي زەئىپلىككە زېمىن ھازىرلىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر قاتار مەنفىي ئامىللار خىتاي ئىقتىسادىنى كىرىزىسقا يۈزلەندۈرۈشى پۈتۈنلەي مۈمكىن بولسىمۇ ئەمما خىتاي ئىقتىسادىنى كەسكىنلىك بىلەن ھالاك قىلىۋېتىش دەرىجىسىدە ئەمەس ئىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ ئۆزى يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولۇپ، سودا ئىقتىسادى بىلەن مەۋجۇت بولىدىغان ئامېرىكا ياكى ياۋروپاغا ئوخشىمايدىكەن. شۇڭا ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ھەرقانداق ئىپادىسى كۆرۈلگەندە خىتاي بۇنى «خىتايچە ئالاھىدىلىك» بويىچە ياماپ كېتىۋېرىدىكەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئامىللارنى نەزەرگە ئالغان ھالدا ئۆز سىياسىتىنى تەڭشىشى لازىم ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش» دېگەن مەزمۇندىكى كونا «ئىنقىلابىي شوئار» نى كۆپ قېتىم تەكرارلىغان بولۇپ، بەزىلەر بۇنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىقتىساد ساھەسىگە يوللىغان ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۇچۇرى، دەپ قارىماقتا ئىكەن. شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە نۆۋەتتە كۆپلىگەن مۇھاكىمە پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.