كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى: «كانادا ھۆكۈمىتى كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قاچان قايتۇرۇپ كېلىدۇ؟»

0:00 / 0:00

خۇاۋېي شىركىتى خوجايىنىنىڭ قىزى مېڭ ۋەنجو خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپمۇ ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسىنى قويۇپ بەرگەن ئىدى. بىراق كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىل بولسا ھېلىھەم خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھۈسەيىن جېلىل كاناداغا قايتۇرۇلمىغۇچە، تەنتەنە قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خۇاۋېي شېركىتى خوجايىنىنىڭ قىزى مېڭ ۋېنجۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خىتايدا قولغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر كانادا پۇقراسى مايكول كوۋرىگ ۋە مايكېل سپاۋورنىڭ كاناداغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى كانادالىقلارنى خۇرسەن قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېلىھەم خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىمۇ يەنىمۇ كۈچەيتتى. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر، بۇ نۆۋەت كانادانىڭ ھۈسەيىن جېلىلنىمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

كانادانىڭ «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمەتكە لوبىچىلىق قىلغان كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزاسى گارنېت گېنۇيىس مۇنداق دېگەن: «ھۈسەيىن جېلىل خىتايدا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. بىز كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىغا قويۇشقا ئىزچىل ھالدا چاقىرىپ كەلدۇق. ئەمما بۇ نۆۋەت كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسنى خىتاي دائىرىلىرىغا ئوخشاش دەرىجىدە ياكى ئوخشاش سەۋىيىدە ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى ۋە بايدېن ھۆكۈمىتىگىمۇ دېمىگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا،» دېگەن.

كانادادىكى «راۋول ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ دايموند ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل قايتۇرۇپ كېلىنمىگۈچە، تەنتەنە قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى: «كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ تاشقىي سىياسىتىنىڭ مەركىزى قىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇمۇ باراۋەر ھوقۇقلارغا ئىگە كانادا پۇقراسى. ئۇنىڭ خىتايدا مەجبۇرىي تۇتۇپ قېلىنغان ۋاقتىمۇ ئىنتايىن ئۇزۇن. كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كېرەك ۋە بىز ھۈسەيىن جېلىل قاتارلىق بارلىق كانادا پۇقرالىرى قايتۇرۇپ كېلىنمىگۈچە، تەنتەنە قىلماسلىقىمىز كېرەك.»

ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مەسىلىسى كانادادىكى ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بولۇپ، «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىمۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ھېلىھەم خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرى ھەققىدە ئىشلىگەن خەۋىرىدە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان. كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خەلق ئارىسىدا «ھۈسەيىن جېلىلگە مۇسۇلمان بولغانلىقتىن ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ» دېگەندەك تەنقىدلەرگىمۇ دۇچ كەلگەن ئىكەن. مەمەت توختى سۆزىدە «ھازىر ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى بېسىم يەنىمۇ كۈچەيدى،» دېدى.

ھۈسەيىن جېلىل 2001-يىل ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان مۇساپىرلار قاتارىدا كاناداغا كەلگەن بولۇپ، 2005-يىل كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. شۇ يىلى ئۇ ئايالىنى ئېلىپ ئۆزبېكىستاندىكى تۇغقانلىرىنى يوقلىغىلى بارغاندا، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن؛ خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئايالى كامىلە خانىم «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېرلار يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ ئالاقىلىشىش ئىمكانى قالمىغانلىقى، شۇڭا يولدىشىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شۇنداقلا كانادا ھۆكۈمىتىنى يولدىشىنىڭ مەسىلىسىدە يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۈگۈن، يەنى 28-سېنتەبىر كۈنى كانادادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرلىكتە كانادا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى مارك گارنۇ ئەپەندىنىڭ مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ بار بولغان ئۇچرىشىشلاردا داۋاملىق تۈردە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە خىتاي تەرەپكە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«راۋول ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى يوناھ دايموند كانادا ھۆكۈمىتىنى ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرغان: «كانادا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى كانادا ھۆكۈمىتىگە بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ھۈسەيىن جېلىلنى قايتۇرۇپ كېلىش، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلەش ۋە مەخسۇس ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئەركىنلىككە چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر ئىشخانا قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان. يېقىندا ھۆكۈمەت بۇ تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ مەسىلىدە ئەلچى تەيىنلەيدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلغان. شۇڭا بىز ھۆكۈمەتنى ئۆزىنىڭ بۇ ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرىمىز. ھۈسەيىن جېلىل خىتاينىڭ سىياسىي تەقىبلىشى سەۋەبىدىن كانادادا پاناھلانغان، ئۇنىڭ خىتايدا خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن كاناداغا قوبۇل قىلغان. شۇڭا كانادانىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بار.»

يوناھ دايموند سۆزىدە يەنە ھۈسەيىن جېلىلنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىشى بارلىق كانادالىقلارغا قىلىنغان تەھدىت، دېدى. ئۇ: «ھۈسەيىن جېلىل كانادادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزبېكىستاندا تۇتۇن قىلىندى. ئۇنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىشى، بارلىق كانادالىقلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دەپ ئاگاھلاندۇردى.