قۇتۇلغان ئىدرىس ۋە خەتەردىن قۇتۇلۇش يولى
2025.02.25

مۇھاجىرەتتە خەۋپلەر ئۇيغۇرلارنى ئەگىپ يۈرىدۇ. بولۇپمۇ مۇستەبىت، يېرىم مۇستەبىت ۋە چالا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا پېشكەللىكلەر ئۇچراپلا تۇرىدۇ. ھازىر تايلاند، ھىندىستان، مالتا، سۈرىيە، تۈركىيە، كىرودىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە پاسپورتسىز، كىملىكسىز دەككە-دۈككىدە ياشاۋاتقان، قاماققا ئېلىنغان، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بار. ئۇلارنى قۇتقۇزۇش تامامەن مۇمكىن، ئەمما ئۇلاردا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش جاسارىتى، ھازىرلىقى ۋە قابىلىيىتىنىڭ بولۇشى مۇھىم.
بۇ يىل 14-فېۋرال ئاشق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنىدە پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن قويۇپ بېرىلدى. ئۇ 2021-يىلى 19-ئىيۇلدىن بۇيان غەربى ئافرىقادىكى ماراكەشتە تۇتقۇندا ئىدى ۋە ھەر زامان خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇراتتى. ئۇ ئەركىنلىككە چىققان كۈنى ئۇنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئايالى بۇزەينۇر ئوبۇل ۋە ئۈچ پەرزەنتىگە بايرام بولدى. رىم ئىمپېرىيەسى زامانىدا دىنى ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالانغانلارنى قوغداپ قالغان ۋەلېنتايىننى ئەسلەش ئۈچۈن پەيدا بولغان بۇ بايرام، خىتاي ناتسىست ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك خەلقئارا ساقچىنىڭ تورىغا چۈشۈپ قالغان بىر مۇساپىر ئۇيغۇرغا ياراشتى.
بۈگۈر ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئىدرىس ھەسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش كۈرىشىگە خىتايدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا كىرىشكەن ئىدى. ئۇ 2008-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تيەنجىندە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغاندا بولغان ۋەقەنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا يەتكۈزگەن ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن. شۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھاياتى خەۋپتە قالغان، 2013-يىل بىخەتەرلىك تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنمۇ تۈرلۈك تەشكىلاتلاردا پىدائىيلىق بىلەن پائالىيەت قىلغان. ئۇنىڭ كۈرىشى خىتاينى بىئارام قىلىپ خەلقئارا ساقچى تىزىملىكىگە ئېلىنىپ قالغان. ئۇ 2021-يىلىغىچە تۈركىيەدە تۆت قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىلگىرى كېيىن ئۈچ يىللىق ھاياتىنى قاماقتا ئۆتكۈزگەچكە ئاخىرى جاننى ئالقانغا ئېلىپ ياۋروپاغا قېچىشنى قارار قىلغان ۋە شۇ يولدا تۇتۇلغان. ئۇنىڭ ماراكەشتە تۇتۇلۇشى ئۇيغۇرلارنى جىددىيلەشتۈرگەن بولسا، خەۋپتە تۇرۇپمۇ پىدائىيلىق بىلەن قىلغان خىزمەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قايىل قىلدى.
ئىدرىس ھەسەننىڭ تۈركىيەدە ۋە ماراكەشتە تۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان، خەلقئارا ساقچى چىقارغان قىزىل خەتلىك تۇتۇش بۇيرۇقى ھەققىدە 2020-يىلى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا يوللانغان ھۆججەت مەۋجۇت. 2021-يىلى ئىيۇلدا مەزكۇر ھۆججەتنى بىزگە تەمىنلىگەن ئىدرىسنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئادۋوكاتىدىن ئېگىلىشىمىزچە، يەنە ئابدۇقادىر ياپچان، ئەلى ئابلەت، ئابدۇخەۋەر جېلىل، نەسرۇللا مەمەت، ئابدۇرېھىم مەمەتئېلى، مەمەتيۈسۈپ ئابدۇكېرىملەرنىڭمۇ ئىسمى خەتلەنگەن. شۇڭا ئىدرىسنى قۇتقۇزۇشتا بىرىنچى قەدەم خەلقئارا ساقچىغا ئىلتىماس قىلىپ، تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن باشلاندى.
خىتاي 2003-يىلى ئۇيغۇرلارغا خەلقئارا ساقچى ئارقىلىق بېسىم قىلىشنى باشلىغان. ئۇ چاغدا خىتاي ب د ت دا كىچىك بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى خەلقئارالىق سېپىدىن ئورۇن ئالغان، شۇنداقلا دولقۇن ئەيسا، ئابلىمىت تۇرسۇن قاتارلىق 11 ئۇيغۇرنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ھەمدە ئۇلارنى خەلقئارا ساقچىغا ئەنگە ئالدۇرۇۋالغان. ئىدرىس ھەسەن بولسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى نۆۋەتلەردە خەتلەنگەنلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچىغا سىڭىپ كىرىپ، ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنيادا ئوۋلاش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ئىدى. ئىدرىسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقى سەۋەبلىك خەلقئارا ساقچىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئۇچرىغانلىقى ھۆججەتلىك ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ناھەق بۇيرۇق ئەمەلدىن قالدى.
2021-يىلى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا خىتاي ئىدرىس ھەققىدە ماراكەش ساقچى تەرەپكە يۈز بەتكە يېقىن ئەيىبلەش ھۆججىتى ئەۋەتىپ، تېررورلۇق جىنايىتى ئارتقان ۋە ئۇنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى. بۇنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئالاقە قىلىندى. ماراكەشنىڭ ب د ت قىيناشقا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغانلىقى ئىشقا ياراپ، ئىدرىسنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا قىيناشقا ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەندى. ناھايەت، ب د ت، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، مېنا (MENA)، قوغدىغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى (Safe Guard Defender) ۋە ئۇيغۇرياردەك تەشكىلاتلارنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن ئىدرىس قۇتۇلدى.
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارغا خەتەر كۆپرەك خىتاي سەۋەبلىك كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار بىرى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا خەتلىنىپ قالىدۇ؛ تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ئەرز قىلىنىپ مەھكىمىلىك بولۇپ قالىدۇ؛ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كىملىكسىز قالىدۇ؛ بىرەر دۆلەتكە قانۇنسىز كىرىپ سالاھىيەتسىز قالىدۇ؛ ھەتتا پاسپورتى، كىملىكى تۇيۇقسىز ئەتكەس قىلىنىپ ۋەتەنسىز قالىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن سىرت، ياشاۋاتقان يېرىدە سەۋەبسىز تۇتقۇنغا ئۇچرايدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ.
بۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىدرىس ھەسەن قۇتۇلغانغا ئوخشاش تۈرلۈك يوللىرى بار. ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، قوغدىغۇچىلارنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى، خەتەردە قالغان تەتقىقاتچىلار تەشكىلاتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىتېتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش، ھەر قايسى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىغا ئىلتىجا قىلىش قاتارلىق ئاماللارمۇ كارغا كېلىدۇ.
تۈركىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا قاتارلىق ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مۇتەخەسسىسلەر، دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەنلەر خەتەردە قالغان تەتقىقاتچىلار تەشكىلاتىغا، تەتقىقاتچى ۋە سەنئەتكارلار فىرانسىيە پائوز (PAUSE) پىروگراممىسىغا ئىلتىماس سۇنسا، بىخەتەرلىكى قوغدىلىپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەندىن باشقا بىر يىللىق، ياكى بىر قانچە يىللىق خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن بۇنداق تۈرلەرگە ئېرىشكەنلەر بار بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدە تۇرغان ئىككى دوكتور يۇقىرىقى تۈر بويىچە پۇرسەتكە ئېرىشىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ.
ئەگەر بىر ئۇيغۇر خىتاي ئالقىنىدىكى بىر ئەلدە ئاخبارات، سەنئەت، يېزىقچىلىق، تەتقىقات، داۋا، ئاممىۋى خىزمەت، ئاياللار-بالىلار ھوقۇقى ۋە مۇھىت ئاسراش دېگەندەكلەرگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتتە ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاۋارىچىلىككە ئۇچراۋاتقان بولسا، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئايكورن (ICORN) دەيدىغان بىر پىروگراممىسى بار. مۇشۇ پىروگراممىغا ئىلتىماس سۇنسا، غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىدە ئىككى يىللىق ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ؛ مائاشى، ھەقسىز تۇرالغۇسى بولىدۇ، ئىككى يىل توشقاندا خالىسا شۇ دۆلەتتە تۇرۇپ قالسا بولىدۇ. ئايكورن پىروگراممىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن پاسپورتى بولمىسا، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ۋاقىتلىق كىملىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئايكورن پىروگراممىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن ئىككى مۇزىكانت، ئۈچ قەلەمكەش، بىر تەتقىقاتچى ۋە بىر ئاخباراتچىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنى نورۋېگىيە، ئەنگلىيە ۋە پولشاغا ئورۇنلاشتۇردى. يەنە بىر ئۇيغۇر شائىر ياۋروپاغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئىدرىس ھەسەن قۇتۇلدى. ئۇ ھازىر ئامېرىكادا بىخەتەر ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ قۇتۇلۇشى ئىستانبۇلدا ياشىغان 8 يىلدا، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچ يىلىنى قاماقتا ئۆتكۈزۈۋاتقاندىمۇ ئامالى يوقلارغا ئامال كۆرسىتىپ، گېزىت چىقىرىپ، تور بەت ئېچىپ، كىتاب يېزىپ، مۇساپىرلىقتا تىلدىن قىينالغانلارغا تىلى ۋە يېزىقچىلىقى بىلەن ياردەم قىلغانلىقىنىڭ مۇكاپاتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن قىلغان تاماسىز پىدائىيلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھەتتا ئۇ ماراكەشتە قاماقتا تۇرۇپمۇ بىر ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيغا تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەن دوستلاشقانلىقى، ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىنى سۆزلەپ رىغبەتلەندۈرگەنلىكى ئاخباراتلارغا چىقتى.
دېمەك، مۇھاجىرەتتە، خىتاينىڭ قولى يېتىدىغان خەتەرلىك قىتئەلەردە، خەۋپلىك ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قۇتۇلۇشنىڭ يولى تار ئەمەس. قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك خەلقئارالىق ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىدىن باشقا، شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى، پەزىلىتى ۋە شىجائىتىمۇ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]