خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا قامىغاندىن سىرت، رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا نىشان قىلغان سىياسەتلىرىگە ئائىت پاكىتلار ئاشكارىلانغانسېرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتىمۇ شۇنچە دىققەت قوزغاپ، ئەيىبلەشلەرمۇ كۈچىيىپ بارماقتا.
ئالدىنقى ھەپتە پاكىستان پرېزىدېنتى ئارىف ئەلۋى «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇخبىرنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىن شېرىكى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى، بولۇپمۇ ئۇلارنى «قايتا تەربىيەلەش» ئۈچۈن قۇرغان لاگېرلىرىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ئىسلام ئەللىرىنىڭ مەسىلىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنىڭ بىر يارقىن ئۆرنىكى ئىدى. ئۇ سۆزىدە «پاكىستان بۇ مەسىلىدە خىتاي تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇنداق قەدەملەر مەيلى پاكىستان، مەيلى خىتاي، ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت مەجبۇر قالغاندا تاشلىنىدىغان قەدەملەردۇر. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز بۇ مەسىلىلەرنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،» دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا ئىسلام ئەللىرى ياكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق جازالاش قىلمىشى ئۈستىدىكى سۈكۈتىنى ئەمدى بۇزۇشقا چاقىردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ دىنى ئەقىدىسىگە ئاشكارا ھۇجۇم قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇنى كۆرمەسكە سېلىپ، «نومۇسسىزلارچە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى» ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇنداق سۈكۈتتە قېلىشىدىكى سەۋەبنى ئانالىز قىلىپ، بۇنىڭ ئۇ ئەللەردىكى جامائەت پىكرىنىڭ ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام ئەللىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كۆپىنچە ھاكىمىيەتلەر دىكتاتور ۋە چىرىك ھاكىمىيەتلەر بولغانلىقتىن بۇ ھاكىمىيەتلەردىن خىتايغا قارشى پىكىر چىقىشى ئېھتىمالدىن ئۇزاق ئىكەن.
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقتىن كېلىۋاتقان بۇ چاقىرىق ۋە بېسىملارغا يەنە قانچىلىك «قۇلاق يوپۇرۇپ» ئولتۇرالايدىغانلىقى قىزىقىش قوزغىماقتىكەن.
29-دېكابىر كۈنى ئامېرىكىدىكى «ئىچكى خەۋەرلەر مۇلازىمىتى» ناملىق خەۋەر تورى باشقۇرۇشىدىكى «لوبلوگ» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدىمۇ مانا بۇ مەسىلە مۇلاھىزە قىلىندى. جەيمىس دورسىي تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ھىندونېزىيەدىكى دىنى رەھبەرلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە داۋام قىلىۋاتقان پىكىر ئىختىلاپى ئىسلام دۇنياسى بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتىنى يەنە قانچىلىك ۋە قايسى دەرىجىگىچە داۋام قىلدۇرالايدۇ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلماقتىكەن.
ئاپتور ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆلىمالار بىرلىكى ئارىسىدىكى بۇ پىكىر ئىختىلاپىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن يەنىمۇ كۈچلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ئۇ سايلامدا ھازىر ۋەزىپىدە بولغان پرېزىدېنت ۋىدودونىڭ يەنە بىر نامزات، يەنى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى مارۇف ئەمىننى ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتىكەن.
ئاپتور مۇنداق دېگەن: «خۇددى ھىندونېزىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ئاساسىي قۇرۇلۇشقا سالغان مەبلىغى سەۋەبىدىن سۈكۈت قىلماقتا. گەرچە بۇ دۆلەتلەر ئەينى چاغدا ئەنگلىيەلىك يازغۇچى سالمان رۇشىدىنىنى ئۇنىڭ رومانى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى چىقارغان، دانىيەدە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىمىنىڭ سىزىلىشى ۋە بىر ئامېرىكىلىق پوپنىڭ قۇرئان كۆيدۈرۈشى قاتارلىق خىتاينىڭكىچىلىق خەتىرى بولمىغان ئىشلارغا ناھايىتىمۇ زور غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان ھۆكۈمەتلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلار خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋالماسلىقنى ئۈمىد قىلماقتا.»
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مايكىل كلارك يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى «SKY NEWS» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىنىڭ خىتاينىڭ مەبلىغىدىن سىرت، يەنە بىر قانچە خىل سەۋەبلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە «ئىسلام دۇنياسىدىكى بۇ سۈكۈتنىڭ بىرىنچى سەۋەبى خىتاي 1949-يىلىدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنى تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكتىن ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان خەلقى ئىسلام دۇنياسىنىڭ بەك تونۇشىغا ئېرىشەلمىگەن. ئىككىنچى سەۋەبى بولسا گيو-سىياسىي ئامىل بولۇپ، خىتاي ئۆزىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت دەپ ئاتاپ كەلگەن خىتاي تا ماۋ زىدۇڭ دەۋرىدىن تارتىپلا ئۆزىنى 3-دۇنيا ئەللىرىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ، پەلەستىن ھەرىكىتى قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللىغان. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىن كېيىن خىتاي ئوتتۇرا-شەرقتە نىسبەتەن ئاساسلىقى ئىقتىسادىي نۇقتىغا مەركەزلىشىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرغانلىقى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
مايكىل كلارك سۆزى داۋامىدا ئىسلام ئەللىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەبنى بولسا «خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئىسلام ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى بولغانلىقىدا» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى بىر ھەقىقەت. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئېلىشتىكى يادرولۇق سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىدۇر، ئىسلام ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ پەقەت بىر پارچىسى. ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر رايوندا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى پەقەتلا ئۇلارنىڭ تۈركىي مىللەت كىملىكىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت. مانا بۇلارنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پاسسىپلىقىنىڭ سەۋەبلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ»
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق زۇلۇمغا قارىتا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۆكتىچى پارتىيەلەر خىتايغا قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. ھىندونېزىيەدىكى چوڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرى يېقىندا ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاش ئارقىلىق ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى. مالايسىيا پارلامېنت ئەزاسى ۋە بولغۇسى باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىممۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئالدىنقى ئايدا يەنە دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قارمىقىدىكى دائىملىق كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
ئۇلار باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى ھەققىدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دوكلاتلاردىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارادىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ ئەندىشىلىرىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.
0:00 / 0:00