«شىنجاڭدىكى ئىككى يىغىن» ۋە ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنىش قەدىمى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 30-يانۋاردىن باشلاپ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ۋەكىللىرى 2-يىغىنى (ئاتالمىش ئىككى يىغىن) ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. تۆت كۈن داۋاملاشقان خىتاينىڭ بۇ يىغىنى خۇددى ئاۋۋالقىغا ئوخشاشلا تۈرلۈك يالغانلار بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشنى يىغىننىڭ مۇھىم تېمىسى قىلدى. شۇنداقلا بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر ئىككى يىغىنغا ئاشكارا ئىشتىراك قىلىشىدەك «كەڭ قورساقلىق» نىمۇ قىلىپ ئۈلگۈردى. ئەھۋالدىن قارىغاندا خىتاي نۆۋەتتە چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالغۇدەك شارائىتنى ھازىرلىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىز يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ تۇغقان يوقلىشىغا قىسمەن يول قويۇۋاتقانلىقى ۋە ۋەتەندىكى قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە خىزمەت، ئوقۇش ۋە تۇغقان يوقلىشىغا يول قويۇلۇۋاتقانلىقىدىنمۇ كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

دەرۋەقە نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئېچىلغان ئاتالمىش «ئىككى يىغىن» بىزگە خىتاينىڭ كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە بىر مۇھىم سىگنال بەرمەكتە. بۇ سىگنال دەل ئاتالمىش «ئىككى يىغىن» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شىنجاڭنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى» نىڭ باش پرىنسىپى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ باش نىشانى قىلىش» سىگنالىدۇر. جۇڭخۇا مىللىتى بەرپا قىلىشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ باش نىشانى قىلىش دېگەنلىك، خىتاي كىملىكى يارىتىشنى بارچە مەسىلىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشان خىتاي كىملىكىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىدىيەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەسلىدە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى مىنگو دەۋرىگە تۇتۇشىدۇ. ئەمما «جۇڭخۇا مىنگو» نى، يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنى ئەشەددىي دۈشمەن كۆرىدىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بۇ ئىدىيەنىڭ «بازار تېپىشى ۋە دۆلەت ستراتېگىيەسىگە ئايلىنىشى» كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

بىزگە مەلۇم، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى خۇددى 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» گە ئوخشاشلا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىدىكى 1931-يىلى قۇرۇلغان «خىتاي سوۋېت جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1935-يىلى قۇرۇلغان «خىتاي سوۋېت غەربى شىمال فېدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى» نىڭ داۋامى بولغان بىر دۆلەتتۇر. يەنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ ئامىل كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسى ۋە خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ تۈرلۈك ياردىمىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن، 1949-يىلى جۇڭخۇا مىنگو، يەنى خىتاي جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز دۆلىتىنى ئىدارە قىلىشتا، تەبىئىي ھالدا سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن، مىللەتلەرنى ئايرىپ چىقىش ۋە مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونوم رايونلارنى بەرپا قىلىشلارمۇ دەل سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن قىسمەن ئۆرنەك ئېلىنغان. ئەمما بۇ يەردە قىسمەن ئۆرنەك ئېلىش ئاتالغۇسىنى قوللىنىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، خىتاي مىللەتلەر مەسىلىسىدە سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدەك «ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر» ياكى «ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت» تۈزۈمىنى قوللانمىغان. ئەكسىچە مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەنلا چەكلەنگەن. لېكىن ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندا بولسا، تېخىمۇ رادىكال ئۇسلۇبنى قوللانغان. مىسالغا ئالساق، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامى گەرچە 1955-يىلى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نام ئۇيغۇرلارغا بېرىلىشتىن ئاۋۋاللا، ئۇيغۇر رايونىنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولمىغان 13 مىللەتكە ئاپتونوم ھوقۇقى بىلەن تەقسىم قىلىپ، قالغان زېمىننى بىڭتۇەننىڭ ئىگىدارچىلىقىغا «بوز يەر ئېچىپ، غەربىي رايونلارنى ئېچىش» نامىدا بۆلۈپ بەرگەن. دەرۋەقە، 1955-يىلى ئۇيغۇرلارغا قالغىنى پەقەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىن ئىبارەت يوغان قالپاقلا بولغان. ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنداق ھىيلىگەرلىك بىلەن ئىش قىلىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنى زېمىن ئىگىدارچىلىقىدىن مەھرۇم قىلىشلا بولماستىن، بەلكى يەنە كېيىنكى ئىرقىي يوقىتىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلاشنىمۇ مەقسەت قىلاتتى.

دەرۋەقە، 90-يىللاردىن باشلاپ «مىللەتلەر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش» خىتاينىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي زىيالىيلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئورتاقلىق بولسا خىتايدىكى ئاپتونومىيە بېرىلگەن بەش مىللەتنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى بىكار قىلىش ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى» دىن ئىبارەت بىرلا مىللەت كىملىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئىدى. ئەمما خەلقئارادا باشقا دۆلەتلەرمۇ بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم ھەقلىرىنى بىكار قىلىش سەۋەبلىك، بۇ مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانىدى. مەسىلەن، 1990-يىلى سېربىيە ھۆكۈمىتى كوسوۋو ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقىنى بىكار قىلدى بۇ سەۋەبلىك كوسوۋودىكى ئالبان خەلقىنىڭ ئومۇمىي خەلق بىلەت تاشلاپ، مۇستەقىل بولۇش يولىنى تاللىشىغا ئاساس ياراتتى(كوسوۋو 2008-يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان). ناۋادا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم ھەقلىرى بىكار قىلىنسا، كوسوۋولۇقلاردەك نەتىجە يۈز بېرىشىنى ئېھتىمالدىن يىراق دېگىلى بولمايتتى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللەت مەسىلىسى سۈپىتىدە خەلقئارا سەھنىلەرگە چىقىشى خىتاي ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىمۇ خىتاي زىيالىيلىرى قاتتىق باش قاتۇردى. مىسالغا ئالساق، يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان خىتاينىڭ قانۇن ئىلمى دوكتورى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ ليەنخې ئەڭ ياخشى مىسالدۇر.

خۇ ليەنخې ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مىللىي مەسىلە سۈپىتىدە خەلقئارالىشىپ كېتىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان شەخسلەردىن بىرى بولۇپلا قالماي، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ نەمۇنىسىدۇر. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مىللەت مەسىلىسى سۈپىتىدە خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش مەسىلىسىدە، خۇ ليەنخې 2001-يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى: بۇ، «شىنجاڭدىكى پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم ئىدىيەسىدىكى بىر تۈركۈم رادىكال تېررورچىلارنىڭ ئىسلام خىلافىتى دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى، خەلقئارادىكى ئىسلام تېرورىزىمىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ» دەپ بۇرمىلاپ، بۇنداق ئەيىبلەشنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خۇ ليەنخېنىڭ بۇ قارىشى خىتاي تەرىپىدىن تېزلا قوبۇل قىلىنىپ. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «خەلقئارا تېرورىزم» غا باغلىنىپ، تۆھمەتلىنىشىگە ئاساس سالغان. بۇ تۆھمەت تاكى بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشىدىكى مۇھىم كوزىر بولۇپ كەلدى.

بۈگۈن قارايدىغان بولساق، دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاپتونوم ھەقلىرى بولغان مىللەتلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنىڭ بۈيۈك قەدەملىرىنى ئېلىپ بولغانلىقى ئاشكارا. ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىمۇ خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتىكى قالقان خالاس. مانا يېقىندىن بۇيان ۋەتەندىن تارقىلىۋاتقان سىن فىلىملىرىدا كىچىككىنە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆزى جۇڭخۇا مىللىتى دەپ قوبۇل قىلغانلىقىغا دائىر فىلىملارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىدىغان، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ رازىمەنلىك بىلەن خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق قىلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشلەرنى كۆپ كۆرىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى كۆپلەپ ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدۇق. بۇنداق ھادىسىلەر ئون ياكى يىگىرمە يىل ئاۋۋال ئۇيغۇرلار ئەسلا قوبۇل قىلالمايدىغان، ھەتتا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلار ھېسابلىناتتى. دېمەك، نۆۋەتتە خىتاي يولغا قويۇۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نامىدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايسى دەرىجىدە ئېغىر تەقىبلەرگە ئالغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەس ئەمەس.

تېخىمۇ دىققەتنى تارتىدىغىنى، ئىككى يىغىننىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپلار تىزىملىكىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرلار سانىنىڭ بۇرۇنقىدىن كۆپ ئازىيىپ كەتكەنلىكى، ھەممە ساننى دېگۈدەك خىتايلارنىڭ ئىگىلىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىغىنلاردا ئۇيغۇر تىلىمۇ ئىشلىتىشتىن پۈتۈنلەي چەكلەنگەنىدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت مۇختارىيەت ھوقۇقىنىڭ ھېچقانداق بەلگىلىرىمۇ كۆرۈلمىگەنىدى.

مەزكۇر ھادىسە خەلقئارا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزەتكۈچىلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ بۇرۇنقى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە ئايلاندۇرۇۋېتىشنى ئاساس قىلغان «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈمى» نىڭ ئالىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، «ئىككى يىغىن» دا ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەردە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى يارىتىشنى باش نىشان قىلىش» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر. يەنى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى يارىتىش» دېگەنلىك، مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، بارلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى نامىدىكى خىتاي كىملىكىگە سىڭىپ كېتىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر دېيىشىنىڭ ئۆزىلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى پرىنسىپىغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ، تەبىئىي ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئىدىيەسىگە تۈپتىن قارشى بىر تۈزۈلمىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا قانداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونومىيە ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىشىدۇر. جەزم قىلىشقا بولىدۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئۆزلىرى قويغان بۇ ئاپتونومىيەدىنمۇ ۋاز كېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى نەچچە ئۆلكىگە بۆلۈپ تاشلاش تەييارلىقىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.