«ئىككى يىغىن» دىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نېمە دەيدۇ؟
2023.03.07
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدىن ئىبارەت ئىككى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىشقا باشلىدى. مەزكۇر يىغىن خىتاينىڭ كېيىنكى بەش يىللىق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى چوڭ يىغىندۇر. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ئىككى يىغىننى دائىم «پۈتكۈل جەريانغا خەلق باش بولغان، پۈتۈنلەي دېموكراتىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىن» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما مەزكۇر يىغىننىڭ قاتناشقۇچىلىرى بولغان ئاتالمىش «مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى» نىڭ بارلىققا كېلىش جەريانلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات دائىرىسىگە كىرمەيدىغان «ئالاھىدە جەريان» لاردۇر.
دەرۋەقە، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇرلار چۈشەنمەيدىغان ۋە بىلمەيدىغان ئاتالمىش «خەلق ۋەكىللىرى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «ئاپتونومىيە ھەقلىرى» نىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدەك ساختا تەشۋىقاتلاردا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىنىدىمۇ مەزكۇر «ئۇيغۇر ۋەكىللىرى» ئوخشاشلا شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ ئاۋۋالقى بەش يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا كەلگۈسى پىلانلىرىنى قوللاشنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق پىكرى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-مارت كۈنى بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» ئومۇمىي يىغىن چاقىرىپ، «ھۆكۈمەت دوكلاتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن» ۋە مۇزاكىرە قىلغان. مەزكۇر يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۇي، مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن تۇنىياز، ئەزالىرىدىن شۆھرەت زاكىر، مەمەت جۈمە، قۇربان نىياز قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشىدا «ئىككىنى تىكلەش» (两个确立) ۋە «ئىككىنى قوغداش» (两个维护) نىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە توختالغان. چوڭقۇرراق ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن ئاۋۋال چۈشىنىش قىيىنغا توختايدىغان يۇقىرىقى تۆت سۆزنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغانلىقىدا شەك يوق.
ئۇنداقتا، بىز ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن «ئىككىنى تىكلەش» ۋە «ئىككىنى قوغداش» نىڭ نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا قانداق رول ئوينىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.
شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2012-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش بىلەن تەڭ «خىتاينىڭ مارشال پىلانى» دەپ قارالغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت كۈچىنى چىڭىتىشقا تىرىشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتاي ئىچىدە شى جىنپىڭنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ماۋ زېدوڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئەۋلاد داھى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش دولقۇنى ئەۋج ئالدى. ئاتالمىش «ئىككىنى تىكلەش» ۋە «ئىككىنى قوغداش» بولسا شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يادروسى بولۇشتەك ھاكىممۇتلەقلىق ئورنىنى تىكلەش ۋە قوغداشنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن تەڭ بۇ جىنايەتنى ئەپچىللىك بىلەن يوشۇرۇشتەك قوش ئۈنۈم يارىتىش، دەل شى جىنپىڭنىڭ بىر قوللۇق رەھبەرلىكىدە روياپقا چىققان.
بولۇپمۇ 2013-يىلىنىڭ ئاخىرى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يوليورۇقى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەم ئاشكارا ئېلىپ بارىدىغان ھەم دۇنيادىن سىر تۇتۇپ قالغىلى بولىدىغان ئەپچىل يولىنى ئاچقان. ئەينى چاغدا شى جىنپىڭ، «ئىدىيەنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش پىلانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىلىكىنى ئالدىنقى نىشان قىلىش» يوليورۇقىنى بەرگەن ئىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك» نى بۇزغۇچىلار پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتەتتى. بۇ ۋەجىدىن ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» سىياسىتىمۇ تەبىئىي يوسۇندا ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشنى كۆرسىتەتتى. 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، غۇلجا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلار ئاتالمىش «مۇقىملىق ۋە ئەمىنلىك» نىڭ كۈشەندىلىرىنى تازىلاشنىڭ باش نىشانى قىلىندى. بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىشتىن تارتىپ، تاكى ئۇيغۇرلارنى ئۆي-ئۆيلەرگىچە بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ھاياتى، ئىدىيەسى ۋە باشقا خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇش، تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش دائىرىسىگە ئېلىشلار ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ سىياسىي ھەرىكەتلەر پەقەت بىرلا نىشاننى، يەنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق ساھەنى يوچۇق قالدۇرماي تازىلاش تەبىئىي ھالدا باش نىشانغا ئايلاندى.
دەل بۇ ۋاقىتتا يىللاردىن بېرى بىڭتۇەن ئارقىلىق نامراتلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەش» نامىدا يوقىتىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا بولىدىغان ئەڭ ئەپچىل ئۇسۇلغا ئايلانغانىدى. چۈنكى ھەرقانداق سىياسەت پەقەت «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نى سەۋەب قىلسىلا، ئۇيغۇرلارنىمۇ، خەلقئارانىمۇ ئاسانلا ئالداپ كەتكىلى بولاتتى. دەرۋەقە، ئىشلار شى جىنپىڭ ياكى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بويىچە داۋام قىلدى. 2014-يىلى 200 مىڭ خىتاي مەمۇرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» نامىدا داغدۇغىلىق كۆچۈپ كىردى. گەرچە بۇ ئىش خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم بۇ ئىشنىڭ كەينىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت بىر جىنايەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدى. ھالبۇكى، 2021-يىلى 29-نويابىر ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكادىكى ئالىي مۇتەخەسسىس ئادرىئان زېنز يېڭىدىن «شىنجاڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى» نى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتلەردە شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىغا دائىر مەزمۇنلار بار بولۇپ، تاشقىي دۇنيا بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىغا شى جىنپىڭ بىر قوللۇق رەھبەرلىك قىلغان دېگەن قاراشقا كەلگەنىدى.
مەزكۇر ھۆججەتلەردە يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ئىنتايىن مۇھىم تاشقىي دىپلوماتىيە پىلانى بولغانلىقى سەۋەبلىك، دۆلەتنىڭ ئىچكىي مۇقىملىقى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. شى جىنپىڭ يەنە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى تېزگىنلەنمىسە، خىتاينىڭ دۆلەت پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانى ئېغىر خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر نوپۇسى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقى سەۋەبلىك، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسى دەپ كۆرسەتكەن. شۇنداقلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 300 مىڭ خىتاي نوپۇسىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكەپ كېلىش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنى كەسپ ئۆزگەرتىپ، زاۋۇتلارغا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دەرۋەقە، شى جىنپىڭنىڭ مەخپىي يوليورۇقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ يىلدىن يىلغا كۆپىيىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلىشىدەك پاجىئەلەر يۈز بېرىشكە باشلىغان.
دېمەك، نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ شى جىنپىڭغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنچىكە پىلانلىشى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ياخشى ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت جىنايىتى ئىكەنلىكىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتىدۇر.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.