«ئىككى يىغىن» نىڭ ئۇيغۇرلار سايلىمىغان «خەلق ۋەكىللىرى» 2025-يىلىدا نېمىلەرنى قىلماقچى؟

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.01.27
xelq-qurultay-wekil-beijing-1024 ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەر تيەنئەنمېن مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكەن چۈشكەن. 2024-يىلى 5-مارت، بېيجىڭ
ts.cn

2025-يىلى يانۋارنىڭ 18-ۋە 19-كۈنلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ 13-نۆۋەتلىك ۋەكىللىرى 3-يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىشقا باشلىدى. يىغىندا 2024-يىللىق خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىلىش بىلەن تەڭ، 2025-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە نېمىلەرنى قىلماقچى بولغانلىقىغا دائىر «پىلان» لار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2025-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىغا دەل 70 يىل بولىدۇ. ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغان بۇ «ئاپتونوم رايون» دا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى ھەقىقىي يۈرگۈزۈشىگە ھېچقاچان يول قويۇلمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ رايوننىڭ ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتىلىشى خىتاينى ئەزەلدىن خاتىرجەم قىلغان ئەمەس. ئەگەر ئۆتكەن 70 يىلنى قۇتلۇقلاش توغرا كەلسە، بەلكى خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قانداق قىلىپ 70 يىل ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالەتتە ئىدارە قىلالىغانلىقىنى قۇتلۇقلىشى مۇمكىن. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ئاپتونوم ھەقلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايون نامىنى ساقلاپ قالغان ھالدا يوقىتىۋېتىش ۋە رايون ئىگىسى بولغان مىللەتكە خەلقئارا تېررورىزمغا باغلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش، ھەممىلا دۆلەت قىلالايدىغان ئىشلار ئەمەس ئەلۋەتتە!

يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆتكەن يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، 2024-يىلىدىكى خىزمەتلىرىنى خىتاي مۇنداق بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغان. يەنى، «مۇقىملىق» ئاستىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، «كىرگۈزۈش» كۈچى تېخىمۇ كۈچەيگەن، «تەركىبنى يېڭىلاش» يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر يىل.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «مۇقىملىق» نىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتىشقا قارىتىلغانلىقىنى، «كىرگۈزۈش» نىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەشكە قارىتىلغانلىقىنى، «تەركىبىنى يېڭىلاش» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، يەنى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ھالەتتىن، خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ھالەتكە ئۆزگەرتىشكە قارىتىلغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. قىزىق يېرى، خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى ۋەكىللىرى» قاتناشقان بۇ يىغىندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرمۇ ۋەكىل مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «دېموكراتىك خەلق سايلىمى» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنى سايلام ھوقۇقىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەسلا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. گەرچە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەتتا ناھىيە ۋە يېزىلىرىدىكى بارلىق خەلق ۋەكىللىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى جار سالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، سايلىغۇچىلار بېلەت تاشلاپ سايلايدىغان كاندىداتلار پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تىزگىنلىشىدە بولىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ مەيلى «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى» بولسۇن ياكى «سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى ۋەكىللىرى» بولسۇن، ھەر ئىككىسىلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ۋە بىرلىكسەپ (统战部) تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنى قوللىمايدىغان ياكى ئۇلارغا خەۋپ دەپ قارىلىدىغان ھېچقانداق كىشى بۇ ئىككى ئورگاندا ۋەكىل بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ «سايلام قانۇنى» دىمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن. يەنى، بۇ قانۇندا ھەرقايسى ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاشتا، خەلق سايلىغان كاندىداتلار چوقۇم سايلام رايونىدىكى پارتىيە ۋە ھەرقايسى خەلق تەشكىلى تەرىپىدىن كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكى بېكىتىلگەن. دېمەك، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككى يىغىننىڭ ھېچبىر ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر خەلقى سايلىمىغان بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزى سايلىغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلمايدۇ!

بۇ سەۋەبتىن، مەزكۇر يىغىندىمۇ خۇددى ئۆتكەن يىلىدىكىگە ئوخشاشلا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى، شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باش پىرىنسىپ قىلىش» تەكىتلەنگەن. ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» سۆزىنىڭ خىتاي كىملىكىنى ئاساس قىلىدىغان خاراكتېرىدىن قارىغاندا، بۇ سۆزنىڭ ئوچۇق مەنىسى «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەقەت ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى پىرىنسىپ قىلىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

دەرۋەقە، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «ئالتاي خەۋەر تورى» نىڭ 20-يانۋاردىكى ئاتالمىش «ئىككى يىغىن» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدىمۇ، «جۇڭخۇا مىللىتى كىملىكىنى يارىتىش» نىڭ مۇھىملىقى يورۇتۇلغان. «ھەر مىللەت خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ھەم روھىغا سىڭدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قىلايلى» تېمىسىدىكى بۇ ماقالىدە، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى ئىدىيەسى» نى دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ، مىللىي روھنىڭ ئاساسىي دەپ تەسۋىرلىگەن. شۇنداقلا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئورتاق ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىقىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» سەپسەتىسى ئەسلىدە مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ يىمىرىلىش دەۋرىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنى سىياسىي بىر گەۋدىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بىر ئۇقۇمدۇر. بۇ ئۇقۇم مانجۇ ئىمپېراتورلۇقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولۇشقا تېگىشلىك بولغان، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئەينى چاغدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىمكانلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغانىدى. ھەتتا بۇ ئۇقۇم تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن «جۇڭخۇا مىنگو» مۇ ئەينى يىللىرى بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن پەرقلىق بولغان تارىخىي، مەدەنىيىتى، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئۇلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تەرىپىدىن «يوقىتىلىش تەھدىتى» ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردە مىللىي كىملىك تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشى ۋە خىتايلاشتۇرۇشنى رەت قىلىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن. ھەتتا بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە كۈچلۈك ئاساس بولغانىدى. گەرچە «جۇڭخۇا مىنگو» ئاللىبۇرۇن خىتايدىن چېكىنىپ، تەيۋەندە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» سەپسەتىسىنىڭ كوممۇنىست خىتايدا داۋاملىق بازار تېپىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، كوممۇنىست خىتاينىڭ ھاكىمىيەت ئاساسى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ «جۇڭخۇا مىنگو» دىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ دەل مىللىي زۇلۇمغا قارشىلىقى، مىللىي مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلىقى ۋە مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى تەرغىب قىلىشىدىندۇر. مىللەتلەر باراۋەرلىكى، مىللىي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش پىرىنسىپ قىلىنغان كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ شەكىل جەھەتتە ھازىرغىچە ساقلاپ تۇرۇشىمۇ، دەل بۇ سەۋەبتىن دېيىشكە بولىدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە، جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدىكى ئاشقۇن مىللەتچىلىكنىڭ مەھسۇلى بولغان «جۇڭخۇا مىللىتى» سەپسەتىسىنى قورال قىلماقتا. يەنى بۇ ئۇقۇمنى خىتاي قايتىدىن پەردازلاپ، خۇددى «ئامېرىكالىقلار» ئۇقۇمىدەك، «تارىختىن بۇيان بۇ تېررىتورىيەدە ياشاپ كەلگەن ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا سىڭىشىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئورتاق گەۋدىسى» قىلىپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن بۇ خىل ئويدۇرما مىللىي كىملىكنىڭ «ئامېرىكالىقلار» دەك تارىخىي يىلتىزى بولمىغانلىقى سەۋەب، بۇنىڭ ساختا كىملىك ماھىيىتىنى يوشۇرۇش خىتاي ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمەيۋاتقانلىقى ئېنىق.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھەمىشە ئوبيېكتىپ مەسىلىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ كەلدى. ھەتتا بۇ يالغانچىلىقلارنى «دۆلەت مەنپەئەتى» بىلەن باغلاپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنى دۆلەت مەنپەئەتىگە باغلىدى ۋە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلەرنى ھاكىمىيەتنى دۈشمىنىگە ئايلاندۇردى. قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2025-يىلى قىلماقچى بولغانلىرىمۇ بۇ ۋەجىدىن يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، ئۇنىڭ ئايرىم بىر مىللەت سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىشىنى يوقىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. يەنى خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار بولغان پىلانلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا، «مۇقىملىق» نىڭ كەينىگە تىزىلىشى دەل بۇ سەۋەبتىن.

خىتاي 1950-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىن غايەت زور تەبىئىي بايلىقلارنى، جۈملىدىن تەبىئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر ۋە باشقا قىممەتلىك بايلىقلارنى توختاۋسىز يۆتكەپ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ھەتتا تەبىئىي گازلار بىلەن 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسىنى تەمىنلەپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتايدىكى ئەڭ نامرات خەلق ھالىتىگە چۈشۈرۈلدى. بۇنىڭغىمۇ قانائەت ھېس قىلالمىغان خىتاي، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ھەرىكەت قىلماقتا. نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان توختىمىغان زۇلۇم، ئاسسىمىلياتسىيە دەستىدىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنلىرى ئۆچۈرۈلۈپ، ئىزلىرى كۆمۈلۈشكە باشلىدى. لېكىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان خىتاي بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتتە يالغان تەشۋىقات تارقىتىپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرماقچى بولدى. ھەتتا «ئىككى يىغىن» دىكى ئۇيغۇرلار سايلىمىغان «خەلق ۋەكىللىرى» بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھەققى بېرىلگەن بىر مىللەتلىكىنى ئىسپاتلىماقچىمۇ بولۇشتى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىقلىرى خىتاي تەشۋىقاتىدەك «خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ بىر قىسمى» ئەمەس، بەلكى دەل ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.