ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ 9-يىلىدا

0:00 / 0:00

2014-يىلى 15-يانۋار ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي قولغا ئېلىندى. شۇنداقلا شۇ يىلى 23-سېنتەبىردە ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش» دېگەن «جىنايەت» بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، يىللاردىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن قارىلىنىپ، دۇنيانىڭ كۆزىدىن يىراق قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتىدىن خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. چۈنكى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانىدى. دەرۋەقە، يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتكۈل دۇنياغا «تېرورچى»، «بۆلگۈنچى»، «دىنىي ئاشقۇن» دەپ كۆرسىتىلگەنلەر، ئەمەلىيەتتە «بىر تۈركۈم پانتۈركىست، پانئىسلامىست ئۇنسۇرلار» بولماستىن، بەلكى خىتاي تېرىتورىيەسىدە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ ھەقلىق ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئىدى. ئىلھام توختىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاينىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ئويۇنىنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلىدى. ئەسلىدە خىتاي كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن «ئۈچ خىل كۈچ» مەسىلىسى، ماھىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشقا قارشى كۈرەشلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «ئۈچ خىل كۈچ» دېگەن قالپاق بىلەن بۇرمىلىنىشىدۇر، خالاس.

ئۇنداقتا، ئىلھام توختى قانداق قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە ئارتقان «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى؟

ئۇيغۇرلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىنىڭ ئارتىلىش سەۋەبلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ بېشى ئەلۋەتتە خىتاينىڭ 1978-يىلى «ئىسلاھات» يولىغا مېڭىشنى قارار قىلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

بىزگە مەلۇمكى، خىتاينىڭ 1978-يىلى ئاتالمىش «ئىسلاھات» يولىنى تاللىشى، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتا ماڭمىسا بولمايدىغان بىر يول ئىدى. چۈنكى بۇ دەۋردە خىتايدا نۇرغۇن ۋەقە ۋە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنىدى. خىتاي ئەمدىلا ئون يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە سىياسىي جەھەتتە ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قالغانىدى. 1975-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۇەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمۇ دەل مۇشۇ كرىزسلار تۈپەيلىدىن بولغان ئىدى. خىتاينىڭ 1978-يىلى ئاچقان 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن تاكى 1980-يىللارنىڭ بېشىغىچە، بۇ ئىسلاھاتنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى زادى قايسى يۆنىلىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاينىڭ كۆڭلىدىمۇ ئېنىق سان يوق ئىدى. لېكىن خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا ۋەيران بولۇشى، ئەگەر ئىسلاھات ئېلىپ بارسا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تەلەپلىرى سەۋەبلىك سىياسىي مۇقىمسىزلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە، يەنى 1979-يىلى خىتايدىكى موڭغۇل سىياسىيون ئۇلەنخۇ (乌兰夫)نىڭ «چېگرا رايون خىزمىتى يىغىنى» دىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپى، تېڭىرقاپ تۇرغان خىتايغا يېڭى بىر يول خەرىتىسى سىزىپ بەردى. چۈنكى ئۇلەنخۇ مەزكۇر دوكلاتىدا مىللەتلەر سىياسىتىنى ياخشى قىلىشتا، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مىللىي رايونلارغا نوقتىلىق ياردەم قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئۇلەنخۇ بولسا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ سادىق ئەزاسى، 1947-يىلىدىكى ئىچكىي موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى، 80-يىللاردا خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى، خىتاي مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن خىتاينىڭ موڭغۇللاردىن يېتىشتۈرگەن بىرىنچى ئەۋلاد كوممۇنىست رەھبىرى ئىدى.

بەلكىم بۇ يەردە ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىغا، «ياردەم بېرىش ياخشى تەكلىپقۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟» دېگەن سوئال كېلىشى ئېنىق. دەرۋەقە، ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پىلاننىڭ خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنى يوقىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ يەتمىگەنلىكى تەبىئىي. ئەمما ئۇلەنخۇنىڭ بۇ تەكلىپى ئەينى چاغدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن دەرھال تەستىقلىنىپ، مەركەزنىڭ (1979) 52-نومۇرلۇق ھۆججەتننى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولدى. مەزكۇر ھۆججەتتە دۆلەتنىڭ ئىچكىي خىتايدىكى ھەرقايسىي ئۆلكە، شەھەرلەرنى چېگرا رايونلارغا نوقتىلىق ياردەمگە تەشكىللەيدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى.

مەزكۇر ھۆججەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاينىڭ جياڭسۇ، سىچۈەن ۋە گەنسۇ رايونلىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتاي كۆچمەنلىرى كۆچۈپ كېلىشتى. بۇ ھادىسە بىڭتۇەن 1975-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا زور كۆلەمدە كۆچۈشىدىكى يېڭى بىر دولقۇن بولغانىدى. بۇ ھەقتە بېيجىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2015-يىلى ئېلان قىلىنغان، خىتاي ئاكادېمىك لى شياۋشيانىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىتايلار» ناملىق كىتابىدا ئېنىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئاتالمىش «ياردەم سىياسىتى» نىڭ ئەڭ مۇھىم نوقتىسى، ياردەم نامىدا چېگرا رايونلارغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يۆتكەش ۋە بۇ ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى ئىدى. خىتاينىڭ ئەينى چاغدا كۆزدە تۇتقىنى خىتاي بولمىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ئاپتونوم رايونى، جۇاڭ ئاپتونوم رايوننى، تۇڭگان ئاپتونوم رايونى ۋە موڭغۇل ئاپتونوم رايونلىرى ئىدى. چۈنكى بۇ ئاپتونوم رايونلار ئاتالمىش خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تېرىتورىيەسىنىڭ 64 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇ رايونلار تەبىئىي بايلىقلارغا مول، تېرىلغۇ يەرلىرى كۆپ، نوپۇسى ئاز بولۇشتەك «ئالاھىدىلىكى» بىلەن خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىناتتى. گەرچە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئۆرنىكى سۈپىتىدە ئەينى ۋاقىتتا بۇ كەڭ زېمىنلارغا «ئاپتونوم رايون» دېگەن نام بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئەس-يادى خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە مەنسۇپ بۇ زېمىنلارنى قانداق قىلغاندا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇشتا ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلەنخۇنىڭ تەكلىپى خىتاينىڭ بۇ باش قېتىمچىلىقىدىن قۇتۇلۇشىغا قولايلىق ياراتقان ئىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 52-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھى بويىچە ئاتالمىش «ئىسلاھات» نىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈردى. بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى مۇقەررەر ھالدا يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىش ئىدى. بۇ ۋەجىدىن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، بىر قاتار «مۇقىمسىزلىق» لارنىڭ باش كۆتۈرىدىغانلىقىمۇ، خىتاينىڭ كۆڭلىگە ئايان دەپ قاراشقا بولاتتى. لېكىن خىتاي بۇ مەسىلىلەرگە قانداق تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئالدىن كۆڭلىگە پۇككەن ئىدى. 1985- ۋە 1988-يىلىدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەر» لىك شۇئارى ئاستىدىكى ئاپتونومىيە ھەقلىرىگە كاپالەتلىك قىلىنىش تەلەپلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى بىلەن قارىلاش تەشۋىقاتلىرىدىن يەر ئالالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرمۇ دەل بۇ نوقتىدا ئىدى. 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ئىنقىلابتىن كېيىنلا ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» شۇئارلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ شۇئارلارنىڭ كۈچىدە 1996-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئېلان قىلغان 7-نومۇرلۇق ھۆججەت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى مۇۋەپپەققىيەتلىك ئارتىلدى.

ئۇيغۇرلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتى ئارتىلىپ تاكى 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگىچە، خەلقئارا جامائەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارىلاشلىرىغا كۆپ ئېتىبار قىلىپ كەتمىگەنىدى. لېكىن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن مەسىلىدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش بولدى. چۈنكى خىتاي مەزكۇر ۋەقەنى تۇتقا قىلىپ، خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىغا ئەپلەپ-سەپلەپ كىرىۋالغانىدى. بۇ دەۋر پۈتكۈل دۇنيا خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان بىر دەۋر بولغاچقىمۇ، خىتاينىڭمۇ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق بىلەن قارىلىنىشىغا كەڭ يول ئاچتى. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇيغۇرلار خىتاي تەرىپىدىن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا رەسمىي يوسۇندا خەلقئارا تېرورلۇققا باغلىنىپ، ئوبرازى خۇنۈكلەشتۈرۈلۈشكە يۈزلەنگەنىدى.

دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارغان قارشىلىق ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە «تېرورلۇق تامغىسى» نى بېسىپ، خىتاي پۇقرالىرى ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇردى. ئىلھام توختىنىڭ دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى سەۋەبسىز بولمىغانلىقى ئېنىق، ئەلۋەتتە. چۈنكى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا خىتاينىڭ يۈرىكىنى ئېنىق كۆرۈپ ياشاۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ تۇرغان بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن، ھەقىقەتنى دۇنياغا بىلدۈرۈش، تۆھمەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارالغانىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى تۆھمەتلەرنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايىتىمۇ ئاشكارا بولاتتى. ئۇيغۇرلار ئىزدىگەن ئادالەت، دەل بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئايدىڭلىشىشى بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقى ئىلھام توختىغا تولىمۇ ئايدىڭ ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ 1995-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىېتى مەكتەپ گېزىتىدە ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. 2005-يىلى ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا مەزكۇر ماقالە ئاساسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقانىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئىلھام توختى خىتاينىڭ كۆزىگە قادالغان بىر مىخ بولۇپ قالدى. گەرچە ئۇ بۇ جەرياندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك زىيانكەشلىكلىرىگە ئائىلىسى بويىچە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەسلا چېكىنمىدى. ئىلھام توختى خىتاينىڭ قانۇنى دائىرىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغانلىقىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىۋاتقىنى سەۋەبلىك، خىتاي جامائىتى ئىچىدىمۇ زور تەسىر قوزغىدى. 2011-يىلى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر پارچە تەكلىپ دوكلاتىنى سۇنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپتە ئاساسلىق مۇنۇ نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى:

1. ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تېپىش مەسىلىسى ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى مەسىلىسى؛

2. قوش تىل مائارىپى مەسىلىسى

3. مىللىي زىددىيەت ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىك مەسىلىلىرى

4. ئۇيغۇر كادىرلار ۋە زىيالىيلارغا ئىشىنىش مەسىلىسى

5. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەسىلىسى

6. ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش مەسىلىسى

7. خىتاي مىللەتچىلىكى مەسىلىسى

8. مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرى

ئىلھام توختىنىڭ بۇ يوللۇق تەلەپلىرى ئاقىۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى دەپ بېكىتىلىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئۇيغۇرلار خەلقئارا تېرورلۇققا باغلىنىپ، ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئاۋازسىز قالغان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىلھام توختىدەك بىر شەخسنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېرورلۇق بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى بولمىغان، مۇستەملىكە سىياسەتكە قارشى چىققان مىللەتنىڭ مەسىلىسى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خەلقئارا جامائەت ئىلھام توختىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ھەقلىق كۈرەش قىلىۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىگە ئاستا-ئاستا ئىشىنىشكە باشلىدى.

ئىلھام توختى بىر قېتىم «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى قايتۇرۇپ بېرىلمەيدىكەن ۋە ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان بۇ يوقىتىش سىياسەتلىرى داۋاملىشىدىكەن، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە خىتاي ھاكىمىيىتى بۈگۈنكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە يۈزلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن تارىخقا، بۈيۈك مەدەنىيەتكە، كۈچلۈك ئېتىقادقا ئىگە بىر مىللەت. ئەگەر ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىنمايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ قىممەت قاراشلارنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلار تارىختىكى ئەڭ زور ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈشى، شۇنداقلا ناھايىتى زور كۈچ بولۇپ شەكىللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قارشىلىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا خىتاي بۇ قارشىلىقلارنى يەنە تېرورلۇق بىلەن باغلىيالامدۇ؟»

دەرۋەقە، ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ئىتتىپاقلىشالايدىغانلىقى ۋە دۈشمىنىگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان بىر روھنى شەكىللەندۈرەلەيدىغانلىقىنى تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋۋاللا پەرەز قىلىپ بولغان. مانا بۈگۈن بىز دەل ئىلھام توختى ئېيتقاندەك، تارىختىكى ئەڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى شەكىللەندۈرۈشكە يۈزلىنىۋاتىمىز. ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىگە مەھكۇم قىلىنغان ۋە تاشقىي دۇنيا بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بۇ دەقىقىلەردە، بىز ئىلھام توختىنىڭ ئۆز خەلقىگە ھاياتى ۋە بارلىقىنى بېغىشلاشتەك روھىغا ئاپىرىن ۋە تەشەككۈرلەرنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇنى سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ياندۇرغان مەشئىلىنىڭ ئاخىرىقى مەنزىلىمىزنى چوقۇم يورۇتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.