ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ 15-يانۋار كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
بۇ ھەقتە «فەيسبوك» تىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادرېسىدىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار بېرىلدى:
1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 15 ئەتراپىدا، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ۋە ئۆيى 6 سائەت ئاختۇرۇلغان. ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن ساقچىلار ئىلھام توختىنى ئىتتىرىپ، سافاغا يىقىتقان. كېيىن ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئىلھام توختىنىڭ كىچىك ئىككى ئوغلى كۆز يېشى تۆككەن ھالدا ئۆيىدە قالغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بىر قانچە نەپەر ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
ئىلھام توختىنىڭ ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر غەرب مەتبۇئاتلىرىدىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئاۋازى ۋە باشقىلاردىمۇ ئېلان قىلىندى. بۇ ھەقتە يەنە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇچۇر تارقاتتى.
ئىلھام توختىنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. تۈركىيەدىكى ئىزمىر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ئەنقەرەدىكى خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەملەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ قانچىلىك پىلانسىز، ئىستراتېگىيەسىز، تاكتىكىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بولسا، ئىلھام توختى ۋە ئانىسىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوپاللىق بىلەن ئېلىپ كېتىشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ سەلبىي جەھەتتىن ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.