ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى چەكتى

0:00 / 0:00

خەلقئارا خەۋەرلەر تور بەتلىرىدىن ئەنگلىيەدىكى ھامىي تور بېتىنىڭ 16-يانۋار ئىلھام توختى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە «خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلھام توختى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمەتنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسىتى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، يەرلىك خەلقلەرنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا شىنجاڭدا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك خەلقلەر بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز دىنىي ئېتىقادىنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن نارازى بولماقتا شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەر مۇستەقىل بولۇشنى ئارزۇ قىلماقتا» دېيىلگەن.

خەۋەردە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى رىيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يولدىشىنىڭ چارشەنبە كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى. قولغا ئېلىشقا كەلگەنلەرنىڭ شىنجاڭ ۋە بېيجىڭدىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇز نەچچە نەپەر ساقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ «مەن يولدىشىمغا ئىشىنىمەن. ئۇ،قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىدى. ئۇ،پەقەت شىنجاڭ خەلقىگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇندىن باشقا ھېچ ئىش يوق» دېگەن سۆزىمۇ قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى بولغان تىبەتلىك يازغۇچى تسېرىڭ ۋوئېسېرنىڭ ريتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ، ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلىپ ئىلھام توختىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە باشقىلاردىن شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ ساقچىلىرى بىرلىشىپ ئۆزىنى قولغا ئېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تولىمۇ خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە ئىلھام توختىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا ئۆزلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ تەرىپىدىن ئىلھام توختى ھەققىدە سوئال-سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئىلھام توختىنىڭ دوستى خۇاڭ جاڭجىننىڭ «ساقچىلار ئىلھام توختىنى تۇتۇشنى بۇرۇنلا پىلانلىغان» دېگەن سۆزىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

خەۋەردە ئاسىيا ئىشلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېنكۇلىننىڭ «ئۇ ئۆز سالاھىيىتىگە تايانغان ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بەلكىم بۆلگۈنچىلىك قىلدى دەپ ئەيىبلىنىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزىمۇ قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە، 2009-يىلى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇربىز تورىنىڭ يازغۇچىسى غەيرەت نىيازنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاشكارىلىدى، دېگەن بەتنام بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، شۇ قېتىمقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 200 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئاساھى شىمبۇن گېزىتىنىڭ 16-يانۋار ئىنگلىزچە تور بېتىدىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە «بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى، ئۇنىڭ ئايالى بولسا، ساقچىلارنىڭ ھەتتا ئەرىنىڭ كومپيۇتېر ۋە كىتابلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى» دېيىلگەن.

مەزكۇر خەۋەرنى ئوقۇپ تولىمۇ بىئارام بولغان، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان، ياپونىيەلىك قانۇنشۇناس ياماگاجو ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مەن دوتسېنت ئىلھام توختىنىڭ ئانىسى بىلەن بىرگە قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئوقۇپ تولىمۇ ئېچىندىم. كوممۇنىستلارنىڭ تۈزۈمىنىڭ نەقەدەر رەزىللىكىنى ھېس قىلدىم. بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ياخشىلىنىش ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە يامانلىشىشقا قاراپ ماڭماقتا. شۇڭا بۇ مەسىلىگە ھەممىمىز بىردەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

ئاخىرىدا بىز، ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پەنلىرى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان بىلەن ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋەقەسى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.