ياپونىيەدە ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان تۋىتېر تورى نامايىشى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

15-يانۋار خىتاي دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ 15 مىڭدىن ئوشۇق ئەزاسى بولغان تۋىتېر تور بېتىدە 17-يانۋاردىن باشلاپ ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تۋىتېر تورى نامايىشىنى باشلىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، مەزكۇر نامايىشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتقان قانۇنشۇناس ياماگاجو تۋىتېر تورىدىكى نامايىش ئارقىلىق ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىغا مېڭىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى تۋىتېر تورى نامايىشى «دوتسېنت ئىلھام توختىنىڭ تىزدىن قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئۇيۇشمىسى» دېگەن سۆزنى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر قىلىپ، تۋىتېر ۋە فېيسبۇك ئارقىلىق ياپونىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەردىن ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ تۋىتېر تورى نامايىشىغا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۋىتېر تورى نامايىشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان تورداشلاردىن راكۇئان ئوكومېسكي ئىسىملىك تورداش ئىلھام توختىنىڭ زورلۇق بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق ئىنكاس قالدۇرغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان پوزىتسىيىسى غەيرىي بولۇۋاتىدۇ. سان-ساناقسىز باستۇرۇشلار، كۆپ قېتىملىق ئاتوم بومبىسى سىناقلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراقلىرىنى بۇلاش، ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇ ناھەقچىلىككە قارشى چىققان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى تۇتۇپ قاماپ قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زاماندا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىنتايىن غەيرىي ئىشلار. مەن ئىلھام توختىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

ئۇندىن باشقا يەنە، كىنوكو ئىسىملىك تورداش ئۆز ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ مۇنداق ئىنكاس قالدۇرغان: «خىتاي كومپارتىيىسىدىكى كىشىلەرگە دېمەكچىمەنكى، ھازىر 21-ئەسىر، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى زورايغان مەملىكەت. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى. ئىنسانلارنىڭ سۆز قىلىشىنى چەكلەش نومۇس.

كۆپلىگەن تورداشلار؛ «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايمەن. خەلقلەرنى خالىغانچە باستۇرۇپ، زەھىرى دۇنياغا چېچىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرغان.

مەزكۇر تۋىتېر تورى نامايىشىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان يوكوياما خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

-مەن ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىگە تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئىلھام توختى بىر تەتقىقاتچى، ئۇنىڭ ماقالىلىرى پەقەتلا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ماقالىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھېچقانداق مەزمۇن يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ.

تۋىتېر تورى نامايىشى 17-يانۋار باشلانغان بولۇپ، ئىگىلىشىمىزچە بۇ نامايىش ئىلھام توختى قويۇپ بېرىلگۈچە داۋاملىشىدىكەن.

ئاخىرىدا بىز، مەزكۇر نامايىش ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.