ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى N H K قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، بۇ يىل 15-يانۋار خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 8-ئايدا ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگە قەدەر ئىككى كۈن سوت ئېچىلىپ، ئاخىرى 23-سېنتەبىر ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلگەن سوت مەيدانى كۆرۈنۈشىگە قارىغاندا، سوتقا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلار بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن پەقەتلا ئاز ساندىكى بىر قىسىم گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشتىراك قىلغان.
تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئىلھام توختى ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ھەققىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سوت مەيدانىنىڭ ئەتراپى ساقچى، ئەسكەر ۋە برونىۋىك قىسىملار بىلەن قورشالغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردىكى مەسچىت، بازار، رەستە ۋە كوچىلار قوراللانغان قىسىملار بىلەن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان.
ئىلھام توختىنىڭ باش سودىيەسىدىن تارتىپ تاكى ئۇنى سوت مەيدانىغا ياللاپ كىرگەن ئىككى نەپەر ساقچىمۇ خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرگەن ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، سوت مەيدانىنىڭ بىرىنچى رېتىدىن بەشىنچى رېتىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئورۇنلارغا ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى، سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىدىن ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىغا مەسئۇل بولغان پۇقراچە كىيىنگەن قانۇن خادىملىرى ئورۇنلاشۇرۇلغان.
تېلېۋىزور ئېكرانىدا يەنە، ئىلھام توختىنىڭ سوت مەيدانىدا ئەيىبلىگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى قىسمەن كۆرسىتىلدى.
دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئىش پائالىيەتلىرى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىمۇ تىلغا ئېلىندى.
خەۋەردە ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ سوت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قانۇنشۇناس ياماگاجو: «ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈمى بۇ سوتنىڭ كېسىمى ئەمەس، بەلكى بۇ سىياسەتنىڭ ھۆكۈمى. ئەگەر بۇ راستىنىلا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بولسا ئۇ ھالدا بۇ سوت جۇڭگو كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ياساپ چىقىرىلغان يالغان سوت بولىدۇ» دېدى.
قانۇنشۇناس ياماگاجو سۆزىدە: «ئەمدىلىكتە بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ئويغىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە تىزدىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئالاھىدە بېسىم قىلمىسا، جۇڭگو تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان سىياسىي مەھبۇسلار، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى جۇڭگو كومپارتىيىسى يالغان-ياۋىداق باھانە سەۋەبلەر بىلەن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. جۇڭگو كومپارتىيىسى ئىنسانلارنى قەستلەش، سۇيىقەست قىلىشتەك ۋاسىتىلەرگە تولىمۇ ماھىر» دېدى.
ئۇ،يەنە: «كۆپلىگەن دۆلەتلەر جۇڭگودىن ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى پۇلغا تېگىشىپ، خەلقئارا سورۇنلاردا بۇ خىل مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ‹قۇلىقى گاس، تىلى گاچا› بۆلىۋالىدۇ. دۆلەتلەر ئىقتىسادىي قىممەت بىلەن ئىنسانىي قىممەتنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك دەپ قارايمەن» دېدى.
ئۇ، سۆھبىتىمىز داۋامىدا بۇ يىل 11-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى دۆلەت سۆھبەت يىغىنىدا ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ ياپونىيە تەرەپتىن چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ۋاقىتتا ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە جۇڭگوغا سۆز ئېچىشىدىن ئۈمىد يوقلۇقىنى، سەۋەبى ھازىرچە ياپونىيەنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭگو بىلەن بولغان ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسى، ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈپ نىشانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدىكى سوت بىلەن، خىتاي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ پەرقىي ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
دوكتور ئاسپىرانت مۇختەرجان ئابدۇراخمان يەنە، ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشۇپ خەلقئارا پرىنسىپلاردىن پايدىلانغان ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.