يېقىندا، «مەرىپەت» تور بېكىتىدە، «ئىللەتلىرىمىز ۋە ئۇنى تۈزەش چارىلىرى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللەتتىكى ئاجىزلىق نۇقتىلىرى ۋە ئۇنى يېڭىشنىڭ چارىلىرى تەپسىلىي سۆزلەنگەن.
ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:«ئىللەت-مىللەت پسىخولوگىيىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىپ چىققان بىنورماللىقلار بولۇپ، ئۇ، بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان ھەرقانداق بىر توپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىندۇر. تۆۋەندە بىز شۇ ئىللەتلەرنىڭ بىر قانچىسى ھەققىدە توختىلىمىز.
1-ئۆگەنمەسلىك
كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمىز شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، بىز ئىككىلا دۇنيالىق بەخت-سائادىتىمىزنىڭ يولىنى توغرا بىر شەكىلدە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىلىمنى تەلەپ قىلىشتا مۇسۇلمان ئۈممىتى ئىچىدە ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىر مىللەتمىز. دەرۋەقە ھەممىمىز دىنىمىزغا باغلىق ئىكەنلىكىمىزنى دەۋا قىلىمىز، مۇسۇلمانلىقنى ھېچكىمگە بەرگىمىز كەلمەيدۇ، دىنىمىز توغرىلىق گەپ-سۆز قىلىنسا بىزدىن چوڭ موللا يوقتەك سورۇننى ئىشغال قىلىمىز. لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى: «قورسىقىمىزدا ئىلىپنىڭ سۇنۇقى يوق».
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىنىشكە تىرىشمايمىز. ھەر بىرىمىزنىڭ مەكتەپ-مەدرىسىلەرگە يەرلىشىپ تەپسىر، ھەدىس، فىقىھ ئىلىملىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ، بىردىن دىنىي ئالىم بولۇشىمىز كېرەك ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما بار بولغان دىنىي ئالىملىرىمىزنىڭ سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش، قۇرئان كەرىمىنىڭ ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىنى ئوقۇش، تور دۇنياسىدىكى ئىمكانلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق دىنىمىزنىڭ ھۆكۈم، ھېكمەت، ئەدەپ، ئەخلاق، ۋەز-نەسىھەت، قىسسە ۋە يوليورۇقلىرى توغرىلىق بىر يۈرۈش مەلۇماتقا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايمىز. بۇ بىز يەنى ھەممىمىز قىلالايدىغان ئىشلارغۇ! ئىمانىمىز ئاجىزمۇ، ياكى شەيتان گەجگىمىزگە مىنىۋالدىمۇ ۋە ياكى قەلبىمىزنى دۇنيا مۇھەببىتى ئورىۋالدىمۇ؟ تۇنجى نازىل بولغان ئايىتى «ئوقۇ!» بىلەن باشلانغان بىر كىتابنىڭ ئېتىقادچىسى تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۆگەنمەيمىز؟
بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىمىزنىڭ يەككە-يېگانە كاپالەتچىسى بولغان مۇقەددەس دىنىمىزنى توغرا-دۇرۇس ئۆگەنمىدۇق، مېڭىۋاتقان يولىمىز كۆرسىتىدۇكى، ئاللانىڭ قۇرئاندا مۇمىنلارغا ۋەدە قىلغان نۇسرىتىنىڭ بىزگە ئاتا قىلىنماسلىقى بىزنىڭ شىرىكنى ئىمان، خۇراپاتنى ئىسلام، ئادەتنى ئىبادەت، ئىبادەتنى ئادەت دەپ قارىغانلىقىمىزدىن بولغان.
ئىلىم بىر نۇردۇر. چىراغ ياندۇرۇلغان ئۆيدە چاشقانلار تۇرالمىغاندەك مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە ئىلىم-مەرىپەتنىڭ نۇرى يورۇسا يۇقىرىدىكى مەنىۋى چاشقانلارمۇ قېچىپ ئۇۋىسىغا كىرىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى: «ئىلىم تەلەپ قىلىش پەرز، ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىش زۆرۈر». چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەپ ھەر ساھەدە ئېلىپ بارغان كەشىپ ۋە يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۆزىگە ۋە مىللىتىگە غۇرۇر كەلتۈرەلەيدىغان، ئىلىم-مەرىپەت مەيدانىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرنىڭ ئۈستىگە تارتالايدىغان، ئىجادىيەت ساھەسىدە رىقابەتكە چۈشۈپ ئەڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان ئىلىم ئەربابلىرى ۋە سەنئەتكارلارغا موھتاج. چۈنكى بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى كۈندىلىك ھاياتىدا لازىم بولىدىغان تۇرمۇش لازىمەتلىرىنى ئەڭ سۈپەتلىك، ئەڭ چىداملىق ۋە زامانغا ماس بىر شەكىلدە ئىشلەپ چىقىرالايدىغان ھۈنەرۋەن ۋە سەنئەتكارلارغا موھتاج.
2-شەخسىيەتچىلىك
1981-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گېرمانىيەلىك يەھۇدىي ئەلىياس كانېتى پۈتۈن ھاياتىدىكى ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ يىغىندىسى قىلىپ يېزىپ چىققان ئەسىرى «مىللەت ۋە ھوقۇق» دېگەن كىتابىدا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنى بەشكە يىغىنچاقلاپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ بەشىنچىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ھەرقانداق مىللەتنى مىللەت قىلغان نەرسە، شۇ مىللەتنىڭ ھەر ئەزاسىنىڭ ئومۇمنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن تۇتۇش پسىخىكىسىدۇر، بۇ ھالەت تەبىئىي بىر شەكىلدە داۋاملاشقان مۇددەتچە ئۇلار مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالايلايدۇ».
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئۇ پسىخىكىسىنى يەنى چۈشەنچىسىدە، سۆزىدە ۋە ھەرىكىتىدە ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ئىبارەت تەبىئىي ھالىتىنى ئالىي غايە ۋە يۈكسەك نىشان قىلسىلا، ئۇ مىللەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقى شەخسىيەتچىلىك سۈپىتىدىكى ۋەيرانچىلىق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرمايدۇ.
بۈگۈنكى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، بىزدە ئاللاھ ياراتقان بۇ تەڭپۇڭلۇق ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان: شەخسىي غەرەز ۋە شەخسىي مەنپەئەت كۆزقارىشى مىللەتنىڭ ئورتاق نىشانىدىن ھامان ئۈستۈندە تۇرۇپ كەلگەن. مەسىلەن: ئارىمىزدا توي قىلىش يېشىغا يەتكەن بولسىمۇ، پۇل يوقلۇقتىن توي قىلالماي يېشى چوڭىيىپ كەتكەن قىز-يىگىتلىرىمىز شۇنچە تۇرۇقلۇق، بايلىرىمىزنىڭ تولىسى پەقەت قۇرۇق ھەۋىسى يۈزىسىدىنلا ئۆيلىرىنى، ماشىنىلىرىنى، ھەتتا خوتۇنىنى يېڭىلاشنىڭ كويىدا.
ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىمىز، تولۇقسىز ۋە تولۇققا چىققان ئۆسمۈرلىرىمىز، ئۇنىۋېرسىتېت ئىمتىھانلىرىغا كىرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن شۇنداقلا ئالىي مەكتەپلەردىن چاقىرىق كەلگەن ستۇدېنتلىرىمىز پۇلى يوقلۇقىدىن مەكتەپلەرگە بارالمايۋاتقان، ئۇنىۋېرسىتېتلارغا يەرلىشەلمەيۋاتقان، پۇللىرىمىز ئەيش-ئىشرەت ۋە كەيپ-ساپالارغا ئېقىۋاتقان. ئەگەر، ئۇ مال-دۇنيالار مەكتەپ-مەدرىسە سېلىش، ئۇستاز يېتىشتۈرۈش، زاۋۇت-كارخانا قۇرۇش قاتارلىق يوللارغا خەجلەنگەن بولسا ئىدى، مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم ئالغان بولاتتۇق.
ئەپسۇسكى، ئۇ پۇللار شەخسىي غەرەزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، نەپسانىي ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خەجلەنگەننىڭ سىرتىدا، بايلىقىمىزنى كۆز-كۆز قىلىش يولىدا رېستورانلاردا، توي-تۆكۈنلەردە، ئويۇن-تاماشالاردا ۋە ئولتۇرۇشلاردا ئىسراپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىمىز كوچىلاردا ئويۇن-تاماشا بىلەن، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇشى كېرەك بولغان ئۆسمۈرلىرىمىز بىھۇدە ئىشلاردا ئالتۇن ۋاقىتلىرىنى نابۇت قىلىش بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشى ياكى بىرەر فابرىكىدا ئىشلەپ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىشى كېرەك بولغان قېرىنداشلىرىمىز كوچا-يوللاردا تېڭىرقاپ يۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرى مۇنداق:
1.ئۆگىنىش
جاھىللىق كېسىلىمىزدىن ساقىيىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمىز كېرەك، ئاندىن داۋالىنىش ئۈچۈن كېسەلنىڭ ئۆز دورىسىنى ئىستېمال قىلىشىمىز لازىم. جاھىللىقنىڭ دورىسى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، تىرىشىش ۋە غەيرەت قىلىشتۇر. بۇ ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ھەممەيلەن ئۈچۈن مۇھىم. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىشىمىز كېرەك، ئاندىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدىشىمىز كېرەك.
بۇ سوئالنىڭ جاۋابى شۇنىڭدىن ئىبارەت: ھەممىمىز ھەر نەرسىنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى ئاللاھ تەئالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايەتلىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق بىر قاندىن ياراتتى. ئوقۇ! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى.»
2-ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئۈستۈن تۇتۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش
ئەسلىدە بۇ روھ ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىدە بار. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنى شۇنداق بىر روھ بىلەن ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار تارىخ بويىچە مەھەللە، قەبىلە، رايون ۋە دۆلەت شەكىللەندۈرۈپ ئۆزلىرىگە بىرەر باشلىق سايلاپ شۇ باشلىقنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ياشاپ كەلگەن شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلىۋى مەنپەئەتلىرىنى مەھەللىنىڭ، قەبىلىنىڭ، رايوننىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە قۇربان قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر ئەزاسى ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان. لېكىن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىزدىكى بىرىنچى خىل كېسەل يەنى جاھىللىق بۇ روھنى كۈندىن-كۈنگە تەسىر قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى، ھەتتا تەلتۆكۈس يوقاتتى. نەتىجىدە ھەربىرىمىز شەخسىيەتچى بولۇپ چىقتۇق.
ئەمدى جانابى ئاللاھ بىزنى ياراتقاندا تەبىئىتىمىزگە سىڭدۈرگەن ئۇ روھنى قايتا جانلاندۇرۇشىمىز ۋە ئۇ شەخسىيەتچىلىك كېسىلىمىزنى ساقايتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ دورىسى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى شەخسنىڭ مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن تۇتۇش روھىنى يېتىلدۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئۆگىنىشتۇر. يەنى بىز ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىشكە سەپەرۋەر بولۇش بىلەن بىرىنچى كېسىلىمىز بولغان جاھىللىقىمىزدىن ساقايساق، توغرا تەپەككۇر قىلىدىغان، توغرا تەسەۋۋۇر قىلىدىغان، توغرا ھۆكۈم چىقىرىدىغان ۋە توغرا ھەرىكەت قىلىدىغان بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز ئاستا-ئاستا دوست بىلەن دۈشمەننى، تۇغقان بىلەن ياتنى، يىراق بىلەن يېقىننى تونۇشقا باشلايمىز. دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يېرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يېرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە باشلايمىز. بۇنىڭغا ئەگىشىپ دوست-دۈشمەنگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشنى، تۇغقانلىرىمىزغا مېھرى-شەپقەت قىلىشنى ۋە يېقىنلىرىمىزغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىمىز. ئۆيىمىزگە، مەھەللىمىزگە ۋە زېمىنىمىزغا مۇھەببەت باغلاشقا باشلايمىز. نەتىجىدە، دوستلىرىمىز، تۇغقانلىرىمىز ۋە يېقىنلىرىمىز بىلەن ئۆيىمىزدە، مەھەللىمىزدە ۋە زېمىنىمىزدا باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاشنىڭ چارىلىرىنى قىلمىساق بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. ئىش بۇ سەۋىيىگە يەتكەندە بىزدە شەخسىي مەنپەئەتنى ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە قۇربان قىلىش ياكى ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى شەخسىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇتۇش روھى يېتىلگەن بولىدۇ.»