ئىنسانىي ۋە مىللىي قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەت يوقالمايدۇ!

0:00 / 0:00

(5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەپ)

بۇنىڭدىن 15 يىل ئاۋۋالقى 5-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تىنچلىق نامايىشى باشلىنىپ، كېيىن خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي-ساقچى كۈچلىرى تەرىپىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئاخىرلاشقان بىر پاجىئە يۈز بەرگەن. بۇ پاجىئە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۇچرىغان تۈرلۈك قەتلىئاملاردىن پەقەت بىرى ئىدى. لېكىن خىتاي ئۈچۈن بولسا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاشكارا ئېلىپ بېرىشتىكى تۇتقىغا ئايلاندۇرۇلدى. گەرچە خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل ھالدا خەلقئارا تېررورىزم بىلەن باغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ھېچقاچان باش تارتمىدى. خىتايمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئورنىغا، ئەكسىچە ئەسىرلەر بويى ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى تاللىدى. دەرۋەقە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك داۋام قىلغان ئېغىر زۇلۇملىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەكرار قارشىلىقلىرى، قانلىق باستۇرۇلۇشلار ۋە باش ئەگمەسلىكلەردىن كېيىن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ساختا «ۋەتەنداشلىق» ۋە «قېرىنداشلىق» نىڭ نىقابىنى ئاخىرى يىرتىپ تاشلىدى. بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار مىللەت گەۋدىسى بويىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «دۆلەت دۈشمىنى» گە، خىتاي خەلقىنىڭ «كۈشەندىسى» گە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇلغانىدى. بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ ھالدا بىر دۆلەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىشى بىر قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكەت بىلەنلا روياپقا چىقمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئەلۋەتتە! بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت دۈشمىنىگە ئايلىنىشىغىمۇ 5-ئىيۇل ۋەقىسىلا سەۋەب بولغىنى يوق. بەلكى خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىسلاھاتى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاستا-ئاستا كۈچەيگەن ئۇزۇن يىللىق تەتۈر تەشۋىقاتلار ئۇيغۇرلارنى ئاقىۋەت دۆلەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇردى. بۇ ھەقتە فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا 2009-يىلى مارتتا پىروفېسسور ئىلھام توختى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر زىيارەت ماقالىسىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ (ئىلھام توختى 2014-يىلى خىتاي تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن قارىلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى) . مەزكۇر زىيارەت 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىشتىن 4 ئاي بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدا ئىلھام توختى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بەرگەن. يەنى ئىلھام توختى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە، «تېررورچى، ئوغرى-يانچۇقچى، سەرگەردان ئۆسمۈر» دېگەن ناملاردا قارىلانغانلىقى؛ گەرچە 1949-يىلىدىن كېيىن خىتايدا مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تۈزۈم ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى، بۇنىڭ قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالغانلىقى؛ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئۇيغۇرلارغا مۇتلەق ئاپتونومىيە ھەققىنى بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىۋاتقانلىقى راست بولسىمۇ، ئەمما بۇ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سىياسەت بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكى؛ خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكىگە ئوخشاش ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، يەككە ھالدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى؛ لېكىن خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇققا، چەت ئەل بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە باغلاپ تەشۋىق قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ ئايرىم كاتېگورىيەلەشتۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدىكى مىللىي ئوبرازىنىڭ خۇنۈكلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا يول قويۇۋەرسە مىللىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تۈگۈل، تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

دەرۋەقە، مەزكۇر زىيارەت بولۇپ، ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەندە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرگە كوللېكتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، يەنى «شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقى» يۈز بەردى. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە كۆچۈرۈلۈشىدىن ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئوبرازى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتۈر تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئېغىر دەرىجىدە خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، خىتايلاردا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك قورقۇش، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى كۈچەيتىلگەنىدى. نەتىجىدە بۇ ئۆچمەنلىك شاۋگۈەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن كوللېكتىپ زوراۋانلىقى ئۇچراشتەك پاجىئەگە سەۋەب بولدى. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھۆكۈمەتنىڭ «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ھەققىدە ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمەي سۈكۈت قىلىشى 5-ئىيۇلدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا سەۋەب بولدى. ئۈرۈمچىدىكى خەلق مەيدانىدا تىنچلىق، سۈكۈت بىلەن ھۆكۈمەتتىن چۈشەنچە كۈتۈپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ، بىر دەمدىلا قانلىق بىر قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى نەق مەيداندىكى ئۇيغۇرلار ئەسلىدە خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ھالبۇكى، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تۇتقا قىلىنىدىغانلىقى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان رېئاللىق ئىدى.

دېمەك، ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سەۋەبى بولغىنىدەك، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ ئوخشاشلا سەۋەبى بار. ئەگەر 26-ئىيۇندىكى «شاۋگۈەن ۋەقەسى» ئادىل بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا ئىدى، كېيىنكى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب قالمىغان بولاتتى. خۇددى ئىلھام توختى ئېيتقاندەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشى بولمىغان بولسا، ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستانچىلار» نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورىزمىغا باغلىمىغان، خەۋپىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلمىغان بولسا، قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلمىغان بولسا، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدەك تۈرلۈك پاجىئەلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن بولارمىدى؟

دېمەك، خىتايدىكى ئاتالمىش مىللىي زىددىيەت ياكى مىللەتلەر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن پەيدا بولغان مەسىلە ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى! خىتاي بۇ ھەقتە ئەزەلدىن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ باققىنى، ئۆز سىياسەتلىرىدىكى نۇقسانلار ھەققىدە ھېچقاچان ئويلىنىپ كۆرگىنى يوق. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا باستۇرۇش، چەتكە قېقىش، يېتىم قالدۇرۇش، تېگىشلىك ھەقلىرىنى بەرمەسلىك، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قارىلاش، ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلدى.

ئۇيغۇرنىڭ ئىلھام توختىسى خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن ھاكىمىيەت دۈشمىنى، دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولغان جىنايەتچى دەپ قارىلىنىپ، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. تىبەتنىڭ دالاي لاماسى تىبەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھەقلىرىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن «ۋەتەن بۆلگۈچ خائىن» دەپ قارىلاندى. خىتاي زىيالىيسى ليۇ شاۋبو خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىدا بولغىنى سەۋەبلىك تۈرمىگە قامالدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلدى. يەنە موڭغۇللار، تۇڭگانلار، مانجۇلار، خوڭكوڭلۇقلار… خىتايدىكى خىتاي بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەر، ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىش تەشەببۇسىدا بولغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقلىرى، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلاشقانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ھاكىمىيەت دۈشمىنىگە ئايلاندى…

دەرۋەقە، يۇقىرىقى مىساللارنىڭ ھەممىسى شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، خىتايدا تېررورلۇق ھەرىكىتى يوق، بەلكى ھەقسىزلىككە قارشىلىق كۆرسىتىش بار! قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يوق، دەپسەندە قىلىش بار! باراۋەرلىك يوق، تەڭسىزلىك بار! ئادالەت يوق، ھەقسىزلىك بار! مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئاساسىي قانۇندا بار، ئەمما ئەمەلىيەتتە يوق! مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك-تۈمەن يوقلار سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە، 28-ئىيۇل يەكەندە، 5-فېۋرال غۇلجىدا، 5-ئاپرېل بارىندا… ھەر يەردە، ھاياتى بەدىلىگە ھەقسىزلىككە قارشى باش ئەگمەي كەلدى. لېكىن خىتاي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئۆزىگە دائىم مەسىلە تۇغدۇرىدىغان مىللەتنىڭ ئىككىنچىلەپ مەسىلە تۇغدۇرماسلىقى ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قەدەم ئالدى. ئەمما بىر نەرسە ئېنىقكى، 2010-يىلىدىن بۇيان ئاشكارا يوسۇندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ئۇيغۇرلارغا سانسىز ئۆلۈم، جازا لاگېرى، قۇل ئەمگەك ۋە خىتايلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك زۇلۇملارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تېخى خىتاي ئۈمىد قىلغاندەك ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇلىرىدىن ۋاز كەتكىنى يوق! ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئۇلارغا بۈگۈن ھۆرلۈكنىڭ، ئەركىنلىكنىڭ بىباھالىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈرمەكتە. شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، خۇددى تارىختىكى يەھۇدىيلاردەك ئۇيغۇرلارمۇ ھامان بىر كۈنى بۇ قاباھەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىشەنچ ۋە ئۈمىدكە تولغان گۈزەل كەلگۈسىنى زۇلۇمغا باش ئەگمەس روھى بىلەن قايتا يارىتىدۇ.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]