كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «ئىنتېرپول دولقۇن ئەيسانى نېمىشقا قىزىل ئۇقتۇرۇشتىن چىقىرىۋەتمەيدۇ؟»

0:00 / 0:00

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى - ئىنتېرپولنىڭ 26‏-سېنتەبىر بېيجىڭدا باشلىنىدىغان يىغىنى خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرپولنىڭ جىنايى ئىشلار قاچقۇنلىرىنى تۇتۇش توغرىسىدىكى «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشى» نى قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن ئەندىشە كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئىنتېرپولنىڭ 26‏-سېنتەبىردىن 29‏-سېنتەبىرگە قەدەر ئېچىلىدىغان بېيجىڭدىكى يىغىنىدا خىتاينىڭ دىققىتىنى خىيانەتچىلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق ئىككى مەسىلىسىدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مۇئاۋىن مىنىستىرى مىڭ خوڭۋېي 2016‏-يىلى 11‏-ئايدا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندا بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، مىڭ خوڭۋېي ئىنتېرپولنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇشقا باشلىغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشى» نى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بۇنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى ئىنتېرپولنىڭ باش كاتىپى جۈرگېن ستوك ئەپەندىگە خەت يېزىپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى بېيجىڭدىكى يىغىندا خىتاينىڭ «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش» نى سۇيىئىستېمال قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈرگېن ستوك ئەپەندىگە يازغان خېتىدە د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ مەسىلىسىنى مىسالغا ئېلىپ، «خىتاي ئىنتېرپولنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆكتىچىلەرگە ۋە باشقا كىشىلەرگە قارشى سىياسىي غەرەزلىك قىزىل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ كىشىلەرنى قولغا ئېلىشنى ۋە ئۆزلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ»، دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سوفىيە رىچاردسون دۈشەنبە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رىچاردسون: «ئىنتېرپول خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق خىتاي سىياسىيلاشقان دېلولار ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتنى مونوپول قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كەلدى. مۇئاۋىن خىتاي ج خ مىنىستىرى (مىڭ خوڭۋېي) بۇ تەشكىلاتنىڭ پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى ئاشكارا سۇيىئىستېمال قىلىشى، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

دوكتور رىچاردسون يەنە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىدىغان بىر قولىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خىتاينىڭ ‹قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش› ئارقىلىق ئۆكتىچىلەر ۋە باشقا كىشىلەرنى مەجبۇرى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىدىغان بىر قولىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قانداق ساقلىنىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ شارائىتتا ئۆكتىچىلەر ياكى باشقا كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ تەن جازاسى ياكى باشقا قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىشى تۇرغان گەپ. بىز ئىنتېرپولنىڭ باش كاتىپى جۈرگېن ستوك ئەپەندىگە يازغان خېتىمىزدە، ئىنتېرپولنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خىتاينىڭ سۇيىئىستېمال قىلىشىغا قارشى قوغدىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىراق بىز ئىنتېرپولنى ئۇنىڭغا قارشى يېتەرلىك تەدبىر ئالدى، خىتاينىڭ ئىنتېرپولدىكى ھەرىكەتلىرىگە ھۇشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىمايمىز».

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەن. دولقۇن ئەيسانىڭ 2016‏-يىلى ھىندىستانغا بېرىپ، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى دارامسالادىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىشى، بۇ يىل 6‏-ئايدا نيۇيورك شەھىرىدە ب د ت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشى، 8‏-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئاخبارات ئېلان قىلىشى كاشىلىغا ئۇچرىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى كاشىلىلارغا خىتاينىڭ ئون نەچچە يىل ئاۋۋال ئىنتېرپول ئارقىلىق دولقۇن ئەيساغا چىقارغان «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇشى» سەۋەب بولغان. ئىنتېرپولنىڭ قائىدىسىدە ئاساسى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە، دىنىي ھەربىي، سىياسىي، ئىرقىي ھادىسىلەرگە چېتىشلىق شەخسلەرگە، باشقا دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئۆكتىچىلەرگە «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش» چىقىرىش چەكلىنىدۇ.

بىراق، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىنتېرپولغا يازغان خېتىدە، دولقۇن ئەيسانىڭ 1996‏-يىلى گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىپ، 1999‏-يىلى گېرمانىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئىنتېرپولنىڭ ئۇنىڭغا «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش» چىقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ دولقۇن ئەيساغا چىقارغان «قىزىل تاشلىق ئۇقتۇرۇش» نى نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر بىكار قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ تەن جازاسى ۋە باشقا غەيرىي ئىنسانى مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى سورىغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنى داۋاملىق سۇيىئىستېمال قىلىشىغا قارشى تۇرمىسا، بۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى‏-«خىتاي پۇقرالار كۈچى» نىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، بەزى سىياسىي دېلولارنى جىنايى دېلو، دەپ كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. ئەسلى سىياسىي بىر دېلو ياكى سىياسىي زىيانكەشلىك دېلوسىنى ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار بىر دېلونى جىنايى ئىشلار جىنايىتى، تېررورلۇق جىنايىتى قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى كونترول قىلىشى چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ساياھەت قىلىشتىكى قۇلايسىزلىق قاتارلىق ناھايىتى زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ».

بىراق دوكتور ياڭ جيەنلى، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئارقىلىق بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى كونترول قىلىش غەرىزى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىنتېرپولنى كونترول قىلىش غەرىزىگە قارىتا ھوشيارلىقى ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى قىلماقچى بولغان بارلىق نەرسىلەرنى قىلالامدۇ؟ مېنىڭچە ئۇ بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ دولقۇن ئەيسا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن دوستلارغا كاشىلا چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى. بىراق بىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ مەسىلىدە داۋاملىق تىرىشىشىمىز كېرەك. دۇنياغا خىتاي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ ئەمەلىيەتنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىشىمىز زۆرۈر».

ئىنتېرپولنىڭ پرېزىدېنتى مىڭ خوڭۋېي بۇرۇن خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار ئىشلارنى باشقۇرۇپ كەلگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىنتېرپولغا يازغان خېتىدە، مەزكۇر ئورگاننىڭ مىڭ خوڭۋېيدەك بىر ئادەمنى مەزكۇر ئورگانغا پرېزىدېنت قىلىپ سايلىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، «ئىنتېرپول بىر زوراۋان ساقچىنى ئۆزىگە پرېزىدېنت قىلىپ سايلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئابرۇيىغا ئۆزى داغ چۈشۈردى»، دېگەن.