مىڭ خۇڭۋېي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى - ئىنتېرپولنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان تۇنجى خىتاي ئەمەلدارى. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ بالى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 85-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا بۇ ۋەزىپىگە سايلانغان.
مەركىزى فىرانسىيەنىڭ لىئون شەھىرىدىكى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىش ھوقۇقى بار. ئۇ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن جىنايەتچىلەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش، ئۇلارنى قولغا ئېلىپ، دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېلىشتىكى مۇھىم خەلقئارا مېخانىزم.
مىڭ خۇڭۋېي قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن سۆزىدە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى پرىنسىپ ۋە مىخانىزىمىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداشنى تەكىتلىگەن. ئىنتېرپولنىڭ نىزامنامىسىدە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ھەرقانداق سىياسىي، ھەربىي، دىنىي، ئىرقىي پائالىيەت ۋە مەقسەتلەردە ھەرىكەت قىلىشى» چەكلەنسىمۇ، ئەمما تەنقىدچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.
شۇڭا، بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا جىددىي ئەندىشە قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى-«پۇقرالار كۈچى» نىڭ رەئىسى، دوكتور ياڭ جيەنلى، «بىز خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېدى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى چېگرا سىرتىدا قانۇن ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. تايلاند، خوڭكوڭدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى تۇتۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئاتالمىش تېررورچى دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەرنى ئىنتېرپولغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىل 4-ئايدا بىز ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق رەھبىرى دولقۇن ئەيسا مۇشۇ سەۋەبلىك ھىندىستانغا بېرىپ، يىغىنىمىزغا قاتنىشالمىدى. ئەگەر خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى ئىنتېرپولدىكى بۇنداق مۇھىم ئورۇنغا قويۇلسا، بىز ناھايىتى ئەندىشە قىلىمىز. بىز بۇ ئورگاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن قورقىمىز.»
ياڭ جيەنلى يەنە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى دەرھال ئىسلاھ قىلىشنى تەكىتلەپ، بۇ ئارقىلىق خىتايغا ئوخشاش دۆلەتنىڭ بۇ تەشكىلاتنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز خەلقئارا جەمئىيەت، ب د ت ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلدارىنىڭ بۇنداق مۇھىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئاۋازىمىز بۇ كىشىلەرگە بېسىم پەيدا قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ھەزەر ئەيلەشكە پايدىلىق.
ئىككىنچى قەدەمدە ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن قۇرۇلغان بىر كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئالغا سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى چەكلەشتۇر.»
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى ۋىليام نې پەيشەنبە كۈنى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ سىستېمىسىنى قوللىنىپ، ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى نىشانغا ئېلىپ كەلگەن.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئىلگىرى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ «ئىنتېرپولنىڭ قارارى ئۇنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرىدۇ» دېدى.
دولقۇن ئەيسا: «ئىنتېرپولنىڭ باشلىقلىقىغا خىتاي مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرىنىڭ باشلىق بولۇپ سايلىنىشى ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ھادىسە. چۈنكى، ھازىرغىچە نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ھۆججەتلەر بىلەن، پاكىتلار بىلەن ئىنتېرپولنى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە زەربە بېرىشنىڭ قورالى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىنتېرپولنى ئىسلاھات قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن.
بۇنداق بىر شارائىتنىڭ ئۆزىدە، ئىنتېرپولنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ئېغىر جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ئىنسانلارنى ھەمكارلىشىپ تۇتۇشتەك خۇسۇسىيىتىنى بارغانسېرى ياخشىلاش ئورنىغا، خىتايدىن ئىبارەت ئىنتېرپولنى ئەڭ ئېغىر سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ساقچى مىنىستىرىنى بۇنىڭغا رەئىسى قىلىشى، ئىنتېرپولنىڭ ئوبرازى ۋە سالاھىيىتىگە داغ چۈشۈرىدىغان ھەرىكەت، دەپ قارايمىز» دېدى.
لېكىن دولقۇن ئەيسانىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىنتېرپولنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ قانۇنى مەجبۇرلاش كۈچى چەكلىك، شۇڭا، خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇنىڭغا پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
دولقۇن ئەيسا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قارارلىرىغا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىدۇ. خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تارقاتقان نەرسىلەر پەقەت خەلقئارا ھەمكارلىق ئاساسىدىكى چاقىرىق تۈسىنى ئالغان، ئەمما ئۇنىڭ ھۆكۈم خاراكتېرى يوق. ئۇنىڭ ھۆكۈم خاراكتېرى بولغان بولسا، مەن 1999-يىلى ئىنتېرپول تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئادەم. ھازىرغىچە بەزى دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدا تۇتۇلدۇم. كورېيەدە تۇتۇلدۇم. ئامېرىكىدا، 1999-يىلى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا تۇتۇلدۇم. تۈركىيە چېگراسىدا تۇتۇلدۇم. ئەمما ئامېرىكىدا بولسۇن، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدا بولسۇن، بۇ نەرسە ھېچقاچان جىددىي ئويلىشىدىغان بىر مەسىلە بولمىدى. ئەگەر گېرمانىيە ۋە دېموكراتىك مەملىكەتلەر ئىنتېرپولنىڭ ھەر دېگىنىنى قىلسا، مەن بۈگۈن تۈرمىدە بولغان بولاتتىم.»
ئەمما ياڭ جيەنلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى كونترول قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن ۋىزا ئېلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ بەزى دۆلەتلەردىن ۋىزا ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. ئەگەر خىتاينىڭ مۇئاۋىن ج خ مىنىستىرى بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرسا، ۋىزا مەسىلىسى قىيىنلىشىدۇكى، يېنىكلىمەيدۇ. بۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.»