ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانىدا ئامېرىكىلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى فرانسىز فۇكۇيامانىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىقتىساد مودېلىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىشقا بولامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە خىتاينىڭ سىياسىي ئىقتىسادنى ۋە شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، مۇتەخەسسىس فرانسىز فۇكۇياما ماقالىسىدە ھازىرقى ۋاقىتتا خىتاينىڭ دۇنياغا «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا نۆۋەتتە خەلقئارادا ئامېرىكا، خىتاي، ياۋروپا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن بىر مەيدان ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سۈرئىتى ئاستىلاپ، مىللىي دارامىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 7% چۈشكەن، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شى جىنپىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسى» قارىغۇلارچە پىلانسىز ھالدا تاش يول، تۆمۈر يول، گاز يولى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇقداپ قويغانلىقىدىن ئىبارەتكەن.
فرانسىز فۇكۇيامانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىقتىساد مودېلىنى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا ئەللىرىگە تەشۋىق قىلغان. نەزىرىيەدە دېيىلىۋاتقان يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇش ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيەتتىن كۆپ يىراق بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش ئاساسەن سانائەتكە قارىتىلغان. بۇ دېگەنلىك سانائەت قۇرۇلۇشلىرىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى بىر قىسىم سانائەت زاۋۇتلىرىنى چەتئەلگە يۆتكەشنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە ئىقتىساد مودېلى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى مەبلەغ سېلىش مودېللىرىدىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ، خىتاي ھەرقانداق بىر دۆلەتكە مەبلەغ سالغاندا شۇ يەرنىڭ تۆمۈر يول قاتناش، ئايرودروم، دېڭىز پورتى، ئېلېكتر سانائىتىگە مەبلەغ سېلىپ ئاستىرتىن شۇ دۆلەتنىڭ سانائىتىنى مونوپول قىلىشنى پىلانلايدىكەن.
ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى بولسا بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇللىرىدىن ئۆزلىرىنى ئىزچىل قاچۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى جەمئىيەت پاراۋانلىقى، ئانا-بالىلار ساغلاملىقى قاتارلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىس فرانسىز فۇكۇيامانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ خىل مەبلەغ ئىستراتېگىيەسىنى خەلقئارادا ئاددىي، بىراق ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى دەپ ئاتايدىكەن.
ماقالىدە: «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيە پىلانى ھىندونېزىيەدىن پولشاغىچە بولغان ئارىلىقتا غەلىبە قىلالىسا، ئاندىن خىتاي ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق ھازىرقى خىتاي ئىقتىسادىدىن قارىغاندا خىتاي ئېيتىۋاتقان ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيەسىنىڭ نەزەرىيىسى بىلەن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىيىتى كۆپ پەرقلىق» دەپ تەرىپلىگەن.
تەتقىقاتچى فرانسىز فۇكۇياما، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى خىتاي دۆلىتىدە ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىپ غەلىبە قازانغان بىلەن، بۇنىڭ دېموكراتىك ئەللەردە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن ئۈمىد يوق دەپ قارايدىكەن. چۈنكى، دېموكراتىك ئەللەردىكى ئىچكى توقۇنۇش، قوزغىلاڭ دېگەندەك دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشى خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە سالغان مەبلەغلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىكەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ قوشنىسى بولغان پاكىستان بىلەن قازاقىستانغا بىر قىسىم مەبلەغلەرنى سېلىپ ھازىرچە ئاز تولا ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق، ئافغانىستاندىكى كان ئېچىشقا سالغان كۆپلىگەن مەبلەغلىرى تالىبانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان تۈرلۈك ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ھازىرچە پەقەتلا بىر ئىزىدىلا توختاپ قالغان.
فرانسىز فۇكۇيامانىڭ كۆزىتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىنى قاتتىق ئاياق ئاستى قىلىپ باستۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئاللىقاچان خەۋەردار بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە ۋە شۇنداقلا خىتاي سودىگەرلىرىگە زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن. شۇڭا خىتاي ھەمىشە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىسلام ئەللىرىگە سالغان مەبلىغىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
بىراق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن ناكو خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:«خىتاي ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشتە ئوتتۇرا شەرقنى ئىزچىل نىشان قىلىپ كەلدى. سەۋەبى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ يېرىكلىشىشىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي ئىسلام دۇنياسى بىلەن كۈچلۈك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورناتتى» دېدى.
فرانسىز فۇكۇيامانىڭ تەھلىلىچە، يېقىن كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا زور سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، بىر قىسىم خەلقلەر دېموكراتلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشنى تەرغىب قىلسا، يەنە بىر قىسىملىرى ئىسلام ئەھكاملىرى ئاساسىدىكى دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ رايوندا غايەت زور سىياسىي ئىدېئولوگىيە توقۇنۇشى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىكەن.
ئەگەر، ناۋادا فرانسىز فۇكۇياما ئېيتقاندەك، ئوتتۇرا ئاسىيادا يۇقىرىقىدەك توقۇنۇش يۈز بەرسە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇش ئىقتىساد پىلانى ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىلا توختاپ قالىدىكەن.
خەلقئارادا ھەتتا خىتاينىڭ يېقىن دوستى دەپ قارىلىدىغان رۇسىيەمۇ خىتاينىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ ئۆزى ئارقىلىق شەرق ياۋروپا ئەللىرىگە ئۆتۈشىنى پەقەتلا خالىمايدىكەن.
خىتاي ھازىرقى ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بەسلىشىپ ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىر قىسىم ئەللەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاپ ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول»ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مودېلىنى ئۇلارغا تاڭماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ رايونلاردىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ قارا نىيىتىنى بىلىپ قىلىپ، ھازىردىن باشلاپ خىتاينىڭ بۇ ئىقتىسادىي مودېلىغا قارشى چىققان.
فرانسىز فۇكۇياما ماقالىسىدە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئېكولوگىيەگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ خىل ئىقتىساد مودېلىغا تىزدىن تەدبىر قوللانمىسا، بۇ رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسى زور بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
ياپونىيەلىك بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار بولسا خىتاي ئىقتىسادىدا جانلاندۇرۇش ئامىلى كەمچىل دەپ قارايدىكەن.
خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇش ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن يامادا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ بۇ خىل سىياسىي ئىقتىساد پىلانى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ھەقىقەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا بۇنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد يوقتەك قىلىدۇ» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00