خىتاي دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر زاماندا ئىراندا شىيە مەزھىپىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.
خىتاي كورونا ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، يۇقۇمغا قارشى «بۈيۈك غەلىبە» نى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى داۋراڭ قىلىۋاتقان بىر چاغدا بۇ ۋىرۇس ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە. ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى بولغان خىتاينىڭ ئۆزىنى دۇنياغا، بولۇپمۇ ئىرانغا نىجاتكار سۈپىتىدە كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
29-مارت شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» سىياسىي ئانالىزچى، پروفېسسور ۋىلفىرد بۇختانىڭ «ئىراننىڭ كىرىزىستىن ئۆتەلىشى كۈچلۈك گۇمان قوزغايدۇ» سەرلەۋھەلىك ھەجمى ئۇزۇن بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ماقالىدا ئىرانغا كورونا ۋىرۇسىنى تارقاتقان بولۇش مۇمكىنچىلىكى دائىرىسىدىن ئورۇن ئالغان 3 گۇمانلىق نۇقتا ئىچىدە ئىراننىڭ قوم شەھىرىدە شىيە مەزھىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر تالىپلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 2018-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن قايتىدىن كۈچلۈك ھالەتتە يولغا قويۇلغان ئېمبارگو سەۋەبلىك ئىراننىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يىمىرىلىش ھالىتىگە چۇشۈپ قالغان. خەلق زور دەرىجىدە نامراتلاشقان. بۇنىڭ تەركىبىدە ئىراننىڭ سەھىيە سىستېمىسى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. 2019-يىلى 11-ئايدا يۈز بەرگەن ھاكىمىيەتكە قارشى زور نامايىشتىن كېيىن ئىران پۇقرالىرىنىڭ 90% تىن ئارتۇقى ھامىنى رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەتكە قارىتا ئىشەنچىنى يوقاتقان. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە كورونا ۋىرۇسى ئىرانغا تارقاپ خەلقنىڭ ھاياتىغا زور تەھدىتلەر ئېلىپ كەلگەن.
ماقالىدا ئەسكەرتىشىچە، ئىران ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەلقنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىم بولۇپ، ئىران ھۆكۈمىتىمۇ خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنى دەسلەپتە خەلقتىن يوشۇرغان ۋە ھازىر ئېلان قىلىۋاتقان مەلۇماتلىرىغا ئەمدى ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئىران ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئۆلۈم ھادىسىلىرى كۆرۈلگەندىمۇ سۈكۈت قىلغان. تاكى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگە قەدەر ھامىنى ھۆكۈمىتى ۋىرۇسقا قارشى ھېچقانداق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئالمىغان.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەل-جەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى تېھراندىكى «شارف تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ بىر مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا ئەگەر ئىران ھۆكۈمىتى جىددىي تەدبىر ئالمىسا ۋە خەلق بۇ تەدبىرلەرگە رىئايە قىلمىسا ئىراندا 3 يېرىم مىليون ئىنساننىڭ كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىران ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتىمۇ ئامېرىكانىڭ سەھىيە ياردىمىنى «يامان نىيەتلىك» دەپ رەت قىلىپ، خىتاينىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان.
ماقالىدا كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئىرانغا يامرىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسلىق 3 مەنبە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىرى، ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە «قۇياش ئېنېرگىيەسى باغچىسى» قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايلار.
ئېغىر ئېمبارگو ئاستىدىكى ئىراننىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى خىتايغا سېتىۋاتقان نېفىتتىن كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىران چارىسىز قالغان يامان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك رەقىبى بولغان ئامېرىكاغا قارشى بۇ دۆلەتكە زور دەرىجىدە مەبلەغ سالغان ۋە ئىراننىڭ نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان. بۇ سەۋەبتىن ئىران خىتايغا بېقىندى ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. ئىران خىتاينىڭ تېخنىك خادىملىرى ۋە ئىشچىلىرى ئۈچۈن بىر باغچىغا ئايلىنىپ قالغان. كورونا ۋىرۇسى بىرىنچى قىياستا مۇشۇ خىتايلاردىن يامرىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىككىنچىسى، ئىراننىڭ قۇم، مەشھەد، رەي، شىراز قاتارلىق جايلىرى شىيە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس تاۋابگاھى بولۇپ، تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىسى شۇ يەرلەرگە جايلاشقان. «ئىمام رىزا مەقبەرىسى» ۋە «ھەزرىتى مەسۈمە مەقبەرىسى» مەشھۇر جايلار ھېسابلىنىدىكەن. 2019-يىلى بۇ جايلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن 80 مىليوندىن ئارتۇق شىيە مۇسۇلمانلىرى زىيارەت قىلغان. شىيەلەردە كۆرۈشكەندە قۇچاغلىشىپ، سۆيۈشۈپ كۆرۈشىدىغان ئادەت بار. كورونا ۋىرۇسى ماناشۇ كىشىلەر تەرىپىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۈچىنچىسى، ئىراننىڭ قۇم شەھىرى شىيە مەزھىپىنىڭ ئىلىم ھەم ئىلاھىيەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى بولۇپ، بۇ شەھەردە تاللانغان 40 مىڭ دىنىي ئۆلىما ۋە ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتىدىكەن. «خەلقئارا ئەل-مۇستافا ئۇنىۋېرسىتېتى» بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە شىيە مەزھىپى ئېقىمىنى تەرغىب قىلىدىكەن ۋە «ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي روھى» نى تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن شۇنداقلا ئىران ئۈچۈن ئىشلەيدىكەن. بۇ مەكتەپلەردە چەتئەلدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان شىيە مەزھىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 30 مىڭ كىشىدىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقانلار 700 كىشى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر تالىپلار ئىكەن. ئۈچىنچى ئېھتىمالدا كورونا ۋىرۇسىنى يۇرتىدىن تەتىلدىن قايتىپ كەلگەن مۇشۇ ئۇيغۇرلار يۇقتۇرغان بولۇشى پەرەز قىلىنماقتىكەن. ئەمما ئىران ھۆكۈمىتى ئىراندىكى تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىل دوكلاتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردە دىققەتنى تارتىدىغىنى ئۇيغۇر تالىپلىرىنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى تارقاتقانلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن ئىراندا شىيە مەزھىپىدىن تەلىم ئېلىش مەسىلىسى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ چەتئەلگە چىققان، دىندا ئوقۇغان، ئۆيىدىن دىنغا ئائىت بىرەر ئۇچۇر چىقىپ قالغان بارلىق ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە سولاپ، ئۇلارنى دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئىراندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇۋاتقانلىقى كىشىدە «قانداقسىگە بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار مۇشۇ كۈندە ئىرانغا ئوقۇشقا چىقالايدۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن شىيە مەزھىپىدىن تەلىم ئالىدۇ؟ خىتاي ھاكىمىيىتى كەلگۈسىدە پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىنى دىنىي جەھەتتىن بۆلۈشنى پىلانلاۋاتامدۇ-قانداق؟» دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلىدىكەن.
گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر ھاجىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىزھار قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ماقالىدا ئەسكەرتىلىشىچە، كورونا ۋىرۇسى قانداق تارقالغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھازىر ئاسىيادىكى بۇ ۋىرۇس ئەڭ كۆپ تارقالغان ئىراندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 40 مىڭغا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 3 مىڭغا يېقىنلىشىپ قالغان بىر چاغدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئەستايىدىل، جىددىي مۇئامىلىدە بولمىغانلىقى ئىران خەلقىنى كۈچلۈك نارازى قىلماقتا ئىكەن. ھەتتا مەشھۇر تاۋابگاھلارنىڭ مەسئۇللىرى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر ئېلىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ: «بۇ زىيارەتگاھلار شىپالىق ئورۇنلاردۇر. ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن بۇ يەردە ئىنسانلار پاكلىنىدۇ، داۋا تاپىدۇ، ھېچكىمنىڭ ۋۇجۇدىغا كېسەل يۇقمايدۇ. كىم بۇنىڭغا قارشى دەۋادا بولسا، ئۇ ئاللانىڭ دۈشمىنى ۋە كاپىردۇر،» دېيىش ئارقىلىق ئىنسانلار كۆپ جۇغلىشىدىغان ئورۇنلارنىڭ تاقىلىشىغا قارشى چىققان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۈگۈن ئىران ھۆكۈمىتى ئاخىرى زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ جايلارنى تاۋاپ قىلىشنى ۋاقىتلىق چەكلەشكە، مەسچىتلەرنى تاقاشقا، بەزى شەھەرلەر ئارا قاتناشنى قىسقارتىشقا، چېگرالاردا قامالنى يولغا قويۇشقا باشلىغان.
0:00 / 0:00