ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بەدىلىگە كەلگەن «تەرەققىيات»

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.03.02
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەم ئىنكار قىلالمايدۇ ھەم يوشۇرالمايدۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» دا 25-فېۋرال «يېڭى دەۋردىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا جاۋاب» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ بۇرۇن «ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ ئاجىز بولۇشى ۋە جۇغراپىيەلىك توسالغۇلار سەۋەبلىك تەرەققىي قىلالمىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى» نىڭ بۈگۈن ئاجايىپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا بۇ تەرەققىياتلارنىڭ كوممۇنىست پارتىيەنىڭ «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

يېقىنقى بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ باردى. تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا قاتنىشى قاتارلىق تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار تېز سۈرئەتتە ۋۇجۇدقا كېلىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىياپىتىدە ھەقىقەتەن زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇ كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر مەنزىرە ئىدى. ھالبۇكى، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ تەرەققىياتلار ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋەتلىك بولدى؟ بۇ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى «تەرەققىيات» دېيىش راستتىنلا توغرىمۇ؟ بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىللاردا نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

«تەرەققىيات» سەۋەبلىك ئازىيىۋاتقان ئۇيغۇر نوپۇسى

ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، كوممۇنىست خىتاي مۇستەملىكىسى باشلانغان 1949-يىلىدىن بۇيان، شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بىڭتۈەن ۋە خىتاينىڭ تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا كەڭ-كۆلەملىك يوقىتىلىشقا دۇچ كەلگەنىدى. ھەتتا 60-يىللارنىڭ بېشىدا شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى زور كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك كوللېكتىپ ھالدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭغا قوشۇپ بىڭتۈەننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور كۆلەمدە كۆچمەن يۆتكىشى سەۋەبلىك، يىللاردىن بۇيان شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خىتايلار كۆپ سانلىق، ئۇيغۇرلار بولسا ئاز سانلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ھالەت 1980-يىللاردىن ئاۋۋاللا ئوتتۇرىغا چىققانىدى. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلى بولسا تاكى 1980-يىللارغىچە ئۇيغۇرلار نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان ھالەتنى ساقلاپ كەلدى. ئەمما خىتاينىڭ ئاتالمىش ئىسلاھاتىدىن كېيىن بۇ ئەھۋاللاردا زور ئۆزگىرىش بولدى. يەنى خىتاينىڭ 5-قېتىملىق (1999-يىلىدىكى)ئاتالمىش مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خىتاي نوپۇسى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 26.71 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ھالەتكە يەتكەنىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، قۇمۇل ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىرىدا خىتاي نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 60-70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان ئەھۋاللار شەكىللەندى. نۆۋەتتە خىتاي نوپۇسىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە زادى قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلار خىتاي تەرىپىدىن يەنىلا سىر تۇتۇلماقتا. ئەمما ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ 2021-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، كەلگۈسى 20 يىلدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 3 دىن بىر قىسمىنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئازىيىپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. دېمەك، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ داۋاملىق ئازايتىلىدىغانلىقى بىر مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى بۇ ۋەجىدىن تەخمىن قىلالايمىز.

ئاتالمىش «تەرەققىيات» ۋەيران قىلغان ئۇيغۇرلۇق كىملىكى

خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ياشاش ئۇسۇللىرىغىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلدى. بولۇپمۇ دىنىي پۇراققا ئىگە بولغان ئىمارەتلەر، مەسچىت ياكى تارىخىي ئورۇنلارنى چېقىپ يوقاتتى. مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرىنى چەكلەش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن خاس مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ تەڭلا ۋەيران قىلدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ «جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىۋى توپلىشىپ ياشاش ئادەتلىرىمۇ «تەرەققىيات» باھانىسىدە ۋەيران قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرى چېقىلىپ، مەھەللىلىرى بۇزۇۋېتىلدى. ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە كوللېكتىپ يۆتكىۋېتىلىش، خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇلۇش قاتارلىق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى. ئادرىئان زېنز تەرىپىدىن 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان «نەنكەي دوكلاتى» دا ئۇيغۇرلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشتىكى مەقسەتنىڭ، ئۇلارنى خىتايلارنىڭ ئارىسىغا قۇمدەك چېچىپ، يوقىتىش ئىكەنلىكى ئاشكارا بايان قىلىنغانىدى. دېمەك، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تەرەققىيات، ئۇيغۇرلارنى ئۆز خاسلىقىدىن مەھرۇم قىلىپ، مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەتلىرىنىڭ خانىۋەيران قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلغان «تەرەققىيات»

ياتاقلىق مەكتەپ سىياسىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى مەدەنىيەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا بۇ خىل تۈزۈم «مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش» دەپ قارالغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسەت ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن تاندۇرۇپ، خىتاي كىملىكىگە سىڭدۈرۈۋېتىش بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ قىلمىش پەقەت ئۇيغۇرلارنى مەدەنىيەت ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئىجتىمائىي كىملىك تونۇشىغىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى شەكسىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى ئەمگەك كۈچى بازارلىرىدا تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، ھەتتا خىتايلار تەرىپىدىن كوللېكتىپ سېتىلىش قىسمەتلىرىگە قېلىۋاتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. مىسالغا ئالساق، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى 2020-يىلى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار سېتىلىدۇ» ناملىق دوكلاتىدا، بۇ ھەقتە ناھايىتى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان. يەنى دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى زاۋۇتلارغا كوللېكتىپ يۆتكىلىۋاتقانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى جازا لاگېرلىرىدىن بىۋاسىتە خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا يۆتكەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بارغان جايلىرىدا ئايرىم ياتاقلاردا، نازارەت ئاستىدا تۇرىدىغانلىقى، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا خىتاي تىلى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك تەربىيەلەشلەرگە قاتنىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دېمەك، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش «تەرەققىيات» ئۇيغۇرلارنىڭ مال سۈپىتىدە سېتىلىشى، قۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر بولۇشتىن چەكلىنىشىگە سەۋەب بولغان.

يىغىنچاقلىغاندا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى يېڭىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مۇئەييەن ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بەدىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى بولغان. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋە مىللىي كىملىكلىرىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ئېلىپ بېرىلغان. قىسقىسى، مەيلى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىياتلار بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.