ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نۇقتىلىق نىشانىغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى تېمىسىدا تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ayallar-kuni.jpg «خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئاياللار» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق تور سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2023-يىلى 8-مارت.
campaign for uyghur

3-ئاينىڭ 8-كۈنى «خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى «مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئاياللار» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق تور سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ سۆھبەت يىغىنىغا دۇنيادىكى ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان مىللەت مەنسۇپلىرىدىن بولغان ئايال پارلامېنت ئەزالىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئاياللارنىڭ كوللېكتىپ شەكىلدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» ۋە «تۇغۇت ئادالىتى» گە بولغان خاتا چۈشەنچىسى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

يىغىندا ئاساسەن ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت، دىن ۋە ئەۋلادلارنىڭ داۋاملىشىشىدا ئوينايدىغان مۇھىم رولى زور بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەر دائىم مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھۇجۇمىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە مەجبۇرلىنىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى، ھامىلە چۈشۈرۈۋېتىش ياكى نارەسىدە بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىش، تۈرمە-لاگېرلاردا كوللېكتىپ شەكىلدە جىنسىي خورلۇققا ئۇچراش قاتارلىق قەبىھ زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان «ئەنگلىيە ھازار كومىتېتى» نىڭ رەئىسى دوكتور ماي ھۇمەيرا رەزائى (May Homira Rezai) ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان ۋە مۇسۇلمان بولمىغان ھازارلارنىڭ 1700-يىللاردىن باشلاپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى، 1891-يىلدىن 1893-يىلغىچە ئافغانىستاندىكى 62 پىرسەنتتىن كۆپ ھازارلارنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقى، 1923-يىل ھازار ئاياللىرىنىڭ ئافغانىستان ئاقساقاللىرى ۋە گېنېراللىرىغا تارتۇق قىلىنغانلىقى، 1990-يىللاردا تالىبان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىمۇ كۆپلىگەن ھازار ئاياللىرىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاننى كونترول قىلغان 20 يىلدا ھازار ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشىلانغان بولسىمۇ، تالىبان قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن قايتا خەتەر ئاستىدا قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى، ئاندىن كېيىنكى يىللاردا ئۆزىنىڭمۇ ئافغانىستاندىن كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە سۆزىدە، ھازىر ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ئاياللىرى ئۇچراپ كەلگەن زوراۋانلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئافرىقا، پاكىستان، ئىران ئاياللىرىنىڭمۇ جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ غەرب ئەللىرىدە پاناھلىنىش يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«دۇنيا يەھۇدىيلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سېرىنا ئوبېرستېن (Serena Oberstein) بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «دۇنيا يەھۇدىيلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ دۇنيادا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئاياللار ھاياتلىقنى داۋام قىلغۇچىلار، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار؛ ئائىلە ۋە جەمئىيىتىمىزنى پەرۋىش قىلغۇچىلار. ھالبۇكى، دۇنيادا شۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋال باركى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش بولسۇن، بالىسىنى ئالدۇرۇۋېتىش بولسۇن، دۆلەتنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇلارنى دەپسەندە قىلىش بولسۇن، بۇ قەبىھ جىنايەتلەردە ئاياللارنىڭ بەدىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان. بىزنىڭ ئازادلىقىمىز، دىنىي ئەركىنلىكىمىز ۋە ئالاھىدە ھوقۇقىمىز بىزنى باشقىلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زور كۆلەملىك زوراۋانلىق يۈز بەرسە، بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەققانىيەتچى كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىمىز».

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا، پىلانلىق، سىستېمىلىق ھالدا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئەڭ قەبىھ ئۇسۇلدا زىيانكەشلىك قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن بايان قىلدى. خىتاينىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرىنى سولايدىغان لاگېر-تۈرمىلەردە ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى، تەقىب نازارەت سىستېمىسىنى، ھەر بىر ئايالنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، بىر تۇتاش تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى «تۇغۇش ماشىنىسى» دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بىراقلا 30 پىرسەنتتىن كۆپ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئاققۇنلىرىغا تېگىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئەرلەرنى تۈرمە-لاگېرلارغا سولاپ، ئاياللارنى ئۆز ئۆيىدە خىتاي كادىرلىرىنى كۈتۈشكە زورلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز ئۆيىدە خىتاينىڭ جىنسىي خورلۇقىغا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايمىز دېگۈچىلەر نەدە؟ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ ئەمەلىي بىر ئىش قىلىشى كېرەك؛ ئۇيغۇرلارنى قوغداش ۋە خىتايدىن ھېساب سوراش دۇنيانىڭ ئەركىنلىكى ۋە كەلگۈسىنى قوغدىغانلىقتۇر».

بۇ يىغىنغا يەنە تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن سۇ چياۋ خۇي، ۋاڭ ۋەنيۈ، ئافرىقا ئاياللىرىنى قوغداش ۋە رەھبەرلىك تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۋانگا مەستۇللا (Mwanga Mastullah Ashash) ئاشاش، مۇتلەق ئادىللىق ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئائىشە لاد (Aisha Ladd) قاتارلىقلار قاتناشتى ھەمدە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ئاياللارنى، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئاياللارنى بۇ خىل جىنايەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
elshir_nawayi-esiri
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.