ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى بىڭتۇەن ئارقىلىق ئىگىلەش ئىرقىي قىرغىنىچىلىقنىڭ بىر قىسمى
2023.03.10

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش بىڭتۇەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ دۆلەت رەھبەرلىك مەركىزىگە قارايدىغان يېرىم ھەربىي ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئورگىنى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلىدىغان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر-زېمىنلىرى، بايلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلەپ ئالغان ھەربىي ھاكىمىيەت ئورگىنى، شۇڭا بىڭتۇەننىڭ باشلىقى ھەربىي قائىدە بويىچە «باش قوماندان» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
بىڭتۇەن ھەققىدە سۆز ئېچىشىمىزدىكى مەقسەت، 4-مارت خىتاي «خەلق تورى» دا ئېلان قىلىنغان بىڭتۇەنگە ئالاقىدار بىر خەۋەر سەۋەبلىكتۇر. يەنى مەزكۇر خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاتالمىش «يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر» گە ئايلاندۇرۇلۇپ بولۇنغانلىقى دېيىلگەن. گەرچە بۇ خەۋەر ئاڭلىماققا پەقەت تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىكتە قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىڭتۇەننىڭ يەرلىكتىكى كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش ئارقىلىق، يۇقىرى مىقدار، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدىكى زامانىۋى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر سىستېمىنىڭ تېرىلغۇ يەر ئىشلىتىشىدە يەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يەرنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، يەرگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تېرىش ئالدىنقى ئۆلچەم قىلىنىدۇ؛ يۇقىرى سۈپەتلىك يەرلەرگە كېتىدىغان سۇنى ئىشلىتىشتە بولسا، يەر ئاستى سۇ مەنبەلىرىدىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ تېرىلغۇ يەر قۇرۇلۇشىدا بولسا يول، سۇغۇرۇش، پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى، قاتناش ئەسلىھەلىرى، توك مەسىلىسى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بولغان ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەتتا سۈپەتلىك يەرلەرگە سېلىنىدىغان ئۇرۇق، ئىشلىتىدىغان ئوغۇت قاتارلىقلارغىمۇ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
يەنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەرلەر بولسا تېرىقچىلىققا كېرەكلىك بولغان ئاساسىي ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ئىلغار، يەر كۆپ ۋە سۈپەتلىك، تېرىلغۇ زىرائەتلەر ئەلا سۈپەتلىك بولۇشتەك تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەككەن. ھالبۇكى، دېھقانچىلىقنى ئاساسلىق تىرىكچىلىك يولى قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق نوپۇسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا-ئىگىلىكىدە بۇ خىلدىكى «يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر» لەرنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى تاكى بۈگۈنگىچە يەنىلا خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ نامرات خەلق دېگەن قالپاقتىن قۇتۇلغىنى يوق. لېكىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر» لەرگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى نۆۋەتتە «كەسىپ ئۆزگەرتىپ، ئىشچى بولغان» تۇرسا، ئۇلارنىڭ «يۇقىرى سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر» گە ئايلاندۇرغان يەرلىرىنى كىم تېرىيدۇ؟ كىم پايدىلىنىدۇ؟ بۇ ھەقىقەن كىشىنى ئىنتايىن ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلە. ئۇنداقتا بىز دېھقانچىلىق كەسپىي، ئىشچىلىققا ئۆزگەرتكەن دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.
بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرىنى تارتىپ ئېلىشتا دەسلىپىدىلا بىڭتۇەنگە تايانغانىدى. بۇ ئەھۋال تاكى بۈگۈنگىچە ھېچ ئۆزگەرگەن بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى تارتىپ ئالغۇچە داۋام قىلىدىغانلىقى قارىغاندا ئېنىق.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلەرنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمەتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ئۈچۈن دېھقانچىلىقنى تاشلاپ، ئىشچى بولۇشقا زورلانغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەردىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن قوزۇقتىن ئايرىلىشنى خالىماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئىككى مىليونغا يېقىن دېھقانغا ئاتالمىش «يەر كىملىكى» تارقاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. دېمەك، يەر كىملىكى تارقىتىشتىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى زېمىنلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى مەقسەت قىلىنغان.
«خەلق تورى» نىڭ 2020-يىلى دىكابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىلەر كۆتۈرەگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىش كۆلۈمىنى 35 مىليۇن موغا يەتكۈزۈشنى 13-5 يىللىق پىلانغا كىرگۈزگەنلىكى يېزىلغان. خەۋەردە يەنە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئائىلىلەر كۆتۈرەگە ئالغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش كۆلۈمى 10 مىليۇن موغا يەتكەنلىكى. بۇ سان ئائىلىلەر ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تېرىلغۇ يەر كۆلۈمىنىڭ 35پېرسەنتىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست 20 پېرسەنتىدىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
يەنى، يۇقارقى خەۋەردە شەخسلەرنىڭ قولىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۆكۈمەتكە «ئۆتكۈزۈپ بېرىش» نىسبىتى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن. نېمىشقا بۇ يەردە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا تارتىۋېلىنغان يەرلەر كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەپ قالىدۇ؟ مەسىلە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئالدى بىلەن شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى تارتىۋېلىشقا باشلىغان.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلغان 1949 دىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بىپايان زېمىنلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك مال-مۈلكىگە ئايلاندۇرۇشتا بىڭتۇەننى ۋاسىتە قىلىپ كەلگەن. دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى يۇقىرىقىدەك ئۇسۇلدا تارتىۋېلىش ۋە تارتىۋېلىنغان يەرلەرنى بىڭتۇەننىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىش دەل بۇنىڭ مىسالىدۇر. بىڭتۇەننىڭ ئەڭ دەسلەپكى كېڭەيمىچىلىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، ئۇ يەرلەر ئەسلىدىنلا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قولىدا تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەنگەن زېمىنلار ئىدى. ئۇنىڭدىن سىرت شىمالىي ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يېقىن بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە سانائەتتە بىر ئاز ئاساسى بار، يېرى مۇنبەت، تەبىئىي بايلىقلىرى مول زېمىن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ قانۇنلۇق شەكىلدە ئۇيغۇر زېمىنلىرى ئىگىلىۋېلىشى ھەققىدىكى سىياسىتى 1954-يىلى ئېلان قىلغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دېھقانچىلىق، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-ئىشلەپچىقىرىشنى كوپېراتىپلاشتۇرۇش قارارى» بىلەن باشلانغان. بۇ قارار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرى خىتاينىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمۇ «ھۆكۈمەت-كارخانا ھەمكارلىقى» شەكلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈلگەن. قارشى چىققانلار بولسا يوقىتىلغان. 1995-يىلى بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىگە كېڭىيىشى ھەققىدە ئاتالمىش «بىڭتۇەننى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» نامىدىكى يەنە بىر قارار ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر قاراردا ئېنىق قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ چېگرا رايونلاردىكى مۇقىملىقنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىقلاردىكى رولى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنى، ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش نامىدا ئولتۇراقلىشىش ھەققىگە ئېرىشكەن بىڭتۇەن، 1995-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش فونكسىيەسى قانۇنلاشتۇرۇلغان. 2011-يىلى بولسا بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى رولى كۆزدە تۇتۇلۇپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى ئاتالمىش «بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى ھەققىدىكى قارارى» نى ئېلان قىلغان. مەزكۈر قاراردا، بىڭتۈەننىڭ يېزا-ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈش، كارخانىلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بىڭتۈەننىڭ ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىش» تەكىتلەنگەن. بىڭتۈەننىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىغىمۇ خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى ئۈچۈن بىرقانچە تۈرلۈك ياردەم سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
يۇقارقى مەنبەلەرگە ئاساسەن، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشىغا ئالاقىدار قارارنىڭ 2011-يىلى رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلىنىشىنىڭ سەۋەبسىز بولمىغانلىقىنى چۈشىنەلىشىمىز قىيىن ئەمەس. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ مەنبەسى دەپ ئېنىقلىما بەرگەندىن كېيىن، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىشىگە شارائىت ھازىرلىيالىغان. ئاتالمىش بىڭتۇەنگە ئۈچ خىل كۈچلەرنى يوقىتىش نامىدا ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھوقۇقى دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا بىڭتۇەننىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىش، زېمىنلىرىدىن ئايرىلىش، سەرسان-سەرگەردان بولۇش، پەرزەنتلىرى، قىز-ئاياللىرى باش-پاناھسىز قېلىش ۋە زوراۋانلىقلارغا ئۇچراش. . . . . . قاتارلىق تۈرلۈك قاباھەتلەر خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونىدىن كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىڭتۇەن ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى ئاستىدا پىلانلىق شەكىلدە بىر-بىرلەپ يۈز بەرگەن.
دېمەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە تۇپراقلىرىدىن ئايرىلىشى، شەك-شۈبھىسىزكى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش ياكى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىغا بولغان ھەقدارلىق ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىش ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق ھادىسىلەردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يەرلىرىدە قايتىدىن قەددىنى كۆتۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىش نىشان قىلىنغان.
خىتاي كومپارتيەسىنىڭ بىڭتۇەن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى تاجاۋۇزچىلىق، مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىر گەۋدىلەشكەن قەبىھ ۋە كەچۈرگۈسىز جىنايەت دەپ قاراش مۇمكىن.
***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.