ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان خىتاينىڭ ئامېرىكانى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەش سالاھىيىتى بارمۇ؟

0:00 / 0:00

مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى تارىختا ئىندىئانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن. دوكلاتتا ئامېرىكانىڭ ئىندىئانلارنى قىرغىن قىلغانلىقى، مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكى، ئاسسىمىلاتسىيە ۋە تەڭسىز مۇئامىلە قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، بۇ قىلمىشلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسى» دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىزاھاتلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان. مەزكۈر دوكلاتتا خىتاي ئامېرىكانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى «ياسالمىلىق» ۋە «قوش ئۆلچەم» دىن ۋاز كېچىپ، دىققىتىنى ئۆز دۆلىتىدىكى ئېغىر ئىرقچىلىق جىنايەتلىرىنى ھەل قىلىشقا قارىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

دوكلاتتا يەنە ئىندىئانلارنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەسلى خوجايىنلىرى، زېمىن ئىگىلىرى بولۇش سالاھىيىتىدە تېگىشلىك ھەقلەرگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ھۆكۈمەت ۋاستىسى بىلەن پىلانلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان. دوكلاتتا ئامېرىكا «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» ئېلان قىلغان 1776-يىلىدىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگىچە بولغان بۇ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا، ئامېرىكانىڭ ئىندىئانلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى بىر قانچە تۈرلەرگە ئايرىپ، مىساللار بىلەن بايان قىلغان. دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاق تەنلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىندىئانلارنىڭ زېمىنلىرىنى، بايلىقلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى نامراتلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقارغانلىقى؛ ئاندىن ئۇلارنى ياشاش ئىمكانلىرىدىن ئايرىپ، ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىپ، نوپۇسىنىڭ ئاچارچىلىق ۋە تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشى، ھەتتا يوقىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى؛ ئامېرىكانىڭ «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» نامىدا ئىندىئانلارنى باشقا جايلارغا كوللېكتىپ كۆچۈرۈپ، تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۆي ماكانلىرىنى تارتىۋالغانلىقى؛ نەتىجىدە بۈگۈنگىچە ئىندىئانلارنىڭ مەجبۇرىي ئاسسىمىلاتسىيە، كەمسىتىلىش، نامراتلىق، چەتكە قېقىلىش قاتارلىق تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەردىن خالىي ئەمەسلىكى، شۇڭا ئامېرىكانىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى يەرلىك خەلقلەر ھەقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچراش مەسىلىلىرىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دەرۋەقە، ئامېرىكا دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ ئىندىئانلار ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ئىنكار قىلغان ئەمەس. ھەممىگە مەلۇمكى، «ماي گۈلى» ناملىق پاراخوت ياۋروپادىن ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا يېتىپ كەلگەن 1620-يىلىدىلا، ئاشۇ پاراخوتتىكى دىن ئىسلاھاتچىلىرى، قىرغاققا چىقىشتىن ئاۋۋال «ماي گۈلى ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويغان. بۇ ئەھدىنامىدا ئۇلار بۇ زېمىندا پەقەت بايلىق ئۈچۈنلا ياشىماستىن، بەلكى ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە ئىلاھىي روھقا تولغان بىر جەننەت ماكان قۇرۇپ چىقىشقا قەسەم قىلغان. ھەقىقەتەنمۇ بۈگۈن ئامېرىكا ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىنسانلار تەلپۈنىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ئامېرىكانىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران 3 پىرسەنتىنىلا ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىي دۇنيا ئىقتىسادىينىڭ 24 پىرسەنتىنى، ھەربىي كۈچى دۇنيانىڭ 40 پىرسەنتىنى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكانىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى، زېمىنى، نوپۇسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئەمەس، تارىخىمۇ ئارانلا ئىككى ئەسىردىن ئاشىدۇ، ئەمما ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دېموكراتىك دۆلەت. بۇ دۆلەتتە مەيلى ئىندىئانلار بولسۇن ياكى كۆچمەنلەر بولسۇن، ھەممىسى ئامېرىكا قانۇنى ئالدىدا باراۋەر ھەقلەرگە ئىگە. پەقەت ئىقتىدارىڭىز بولسىلا، خۇددىي باراك ئوبامادەك، كامالا خارىستەك ھاكىمىيەت بېشىغا قەدەم ئالالايسىز. لېكىن خىتايچۇ؟

2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، دۇنيانىڭ يېڭى كۈنتەرتىپى بېكىتىلىشتىن ئاۋۋالقى ئىنسانىيەت تارىخىي قان-ياشلارغا تولغان تارىخ ئىكەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، دۇنيا تېنچلىقىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئورتاق قاراش ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق باياناتنامىسى» ئېلان قىلىنغان ۋە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدەك جىنايەتلەرنىڭ «قايتا تەكرارلانماسلىقى» دا كېلىشكەنىدى. ئەمما خىتاي 21-ئەسىردە ئۇيغۇر خەلقىگە بۇ جىنايەتنى پىلانلىق ۋە نىشانلىق ھالدا يۈرگۈزدى.

1949-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئاتالمىش «يەر ئىسلاھاتى»، «ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش»، 1960-يىلىدىكى زور ئاچارچىلىق، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردە ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش، ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش، زېمىن ۋە بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى. 1978-يىلىغا كەلگەندە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» سەۋەبلىك پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان خىتاي، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن غەربنىڭ كۆزىنى بوياپ، ئاتالمىش «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» نامىدىكى «ئىسلاھات» سىياستىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، «ئاۋۋال بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باي بولۇشىغا يول بېرەيلى» نامىدا، ئاتالمىش ئىسلاھاتنى خىتاي نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلىرىدا ئېلىپ باردى ۋە ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى «ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلار» دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

دەرۋەقە، ئاتالمىش ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن، بايلىقلىرىنى ئىگىلەش ۋە ئۇيغۇرلارنى ۋاستىلىق نامراتلاشتۇرۇش سىياسىتىنى باشلىدى. 90-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر رايونىنىڭ سۇ بايلىقى مول، مۇھىتى ياخشى بولغان شىمالىي قىسمىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىگەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردەملىرىدە تېزلا بېيىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات رايونغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا خىتاي ئاتالمىش «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنى «نامراتلىق» نى يوقىتىشتىكى نوقتىلىق رايون قىلىپ بېكىتتى. ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىقنىڭ سەۋەبىنى بولسا، ياشاش شارئىتىنىڭ ناچار، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئاشقۇنلۇق، ساۋاتسىزلىق ۋە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش قاتارلىق ئامىللارغا ئارتىپ، بۇ ئامىللارنى «يىلتىزىدىن يوقىتىش» ھەرىكىتىنى باشلىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇرلار «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا تۇتۇلدى، قامالدى، ئۆلتۈرۈلدى. ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نامىدا مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇلدى، نوپۇس تېزگىنلەش نامىدا ئاياللار ۋە بالىلار تۈرلۈك زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، «نامراتلىقنى يوقىتىش» نامىدا ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم»، «غەربنى ئېچىش» سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلار ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلدى، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يوللاندى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى خىتاي كارخانىلىرىدا قۇل ئىشچىغا ئايلاندۇرۇلدى، ئۇيغۇر تىلى، مائارىپى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئۇلۇسى كىملىكى» نى ئومۇملاشتۇرۇش نامىدا يوقىتىلدى. بۇلارغىمۇ قانائەت قىلىنماي، خىتاي ھۆكۈمىتى 200 مىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىييۈزلۈك كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئارخىپلاشتۇردى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇردى، ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇرلار بۈگۈن خىتاينىڭ قولىدىكى بارلىق ھەقلىرىدىن ئايرىلغان زامانىۋيي قۇللارغا ئايلاندى.

خىتاينىڭ نوپۇسى، تېرىتورىيەسى، تەبىئىي بايلىقلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ئىدى، ھەتتا بۈگۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدى. ئەمما خىتاي بۇ سەۋەبلىك دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت دەپ قارالغىنى يوق. چۈنكى خىتاي ئەزەلدىن ئامېرىكادەك تاجاۋۇزچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس، ئامېرىكا، ئىندىئانلارنىڭ ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەسلى يەرلىك ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ يەرلىك خەلقى ۋە زېمىن ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئىېتىراپ قىلغىنى يوق ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئامېرىكادىكى ئىندىئانلار ئېرىشكەن ئالاھىدە ھەقلەرگە ئېرىشىپ باقمىغان، ئۇيغۇرلار ھەتتا خىتاي پۇقرالار ئېرىشكەن ھەقلەردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان. ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «قايتا تەكرارلانمايدۇ» پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغىنى يوق، ئەمما خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىزچىل دەۋا قىلىۋاتقان بىر دۆلەت سۈپىتىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك بىر جىنايەتنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە قايتا سادىر قىلدى.

دەرۋەقە، ئىنسانلار يۇقىرى پەن-تېخنىكا دەۋرىگە قەدەم قويغان مەدەنىي بىر دۇنيادا، خىتاي ھاكىمىيىتى پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. خىتاينىڭ ئامېرىكادەك بىر قۇدرەتلىك ۋە دېموكراتىك بىر دۆلەتنى دۇنيا كۈنتەرتىپى بېكىتىلىشتىن ئاۋۋالقى تارىخلار سەۋەبلىك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەش سالاھىيىتى ئەسلا يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ خىتاينىڭ مەڭگۈ قۇدرەتلىك ۋە ئىنسانلار تەلپۈنىدىغان ئامېرىكادەك بىر دۆلەتكە ئايلىنالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.