ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنىڭ خەلقئاراغا كۆپلەپ ئاشكارلىنىشى بىلەن، پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى. گەرچە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىكى قىزىق نوقتىلىق خەۋەرلەرنى بىر ئاز پەسكويغا چۈشۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خۇددى بۈگۈنكى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئوخشاشلا، دۇنيا كۈنتەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى كۈنسېرى ئىسپاتلانماقتا.
ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئاراغا ئاشكارلىنىپ تاكى بۈگۈنگە كەلگۈچە، بىز نۇرغۇن خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە شاھىت بولدۇق. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى 2020-يىلى فېۋرالدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا Geely Auto, General Electric, General Motors, Google, Hart Jack & Jones, Jaguar, Mercedes-Benz, Microsoft, Mitsubishi, Nike, Nokia, Panasonic, Puma, Samsung, SGMW , Sharp, Siemens, Volkswagen, Zara, قاتارلىق 83 كە يېقىن خەلقئارا كارىخانىلارنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ يەردە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە شۇكى، بۇ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار قاچان ۋە قانداق شەكىلدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن باغلىنىپ قالدى؟ يەنە قانچىلىق كارىخانىلار مانا شۇلاردەك ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار بولۇشى مۇمكىن؟
قارايدىغان بولساق، 1976-يىلى «مەدەنىيەت زور قىرغىنچىلىقى» ئاخىرلىشىپ، 1978-يىلى خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، خىتايدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئەمما تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە قارار ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن كوممۇنىست خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش ۋە كېيىنكى ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلىرىغا ئاساس سالغان «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىچىدىكى ئومۇمىييۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، «بىر قسىم رايونلار ئالدىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك» دېگەن نامدا خىتاي نوپۇسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلاردىلا ئىسلاھات سىياسىتىنى يولغا قويدى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» مۇ، خۇددىي دېڭىز ياقىسىدىكى خىتاي رايونلىرىغا ئوخشاشلا سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ ۋەجىدىن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرى، ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى، خىتاي كارىخانىلىرىنىڭ چەت ئەللەر بىلەن سودا ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى قاتارلىقلار جەريانىدا تېزلا بېيىپ كەتتى. لېكىن ئىسلاھاتتىن مەجبۇرىي مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بولسا، نامراتلىشىشقا، كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، «ۋاستىلىق نامراتلاشتۇرۇلۇش» قا يۈزلەندى. چۈنكى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ياردەملىرىدىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ خىل ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەر ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېزا-ئىگىلىك، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش-ترانسپورت، تەشۋىقات، تىبابەت، سودا-سانائەت قاتارلىق بارلىق ساھەلىرىنى مونوپول قىلىۋالدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادتىن مەھرۇم قىلىپ، ياشاش ئىمكانلىرىدىنمۇ ئايرىلىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ تەڭسىز سىياسەتلىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان دېيىشكە بولاتتى، چۈنكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر رايونىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىدە ئاسمان-زېمىن پەرق ھاسىل بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونى خىتاي بويىچە ئەڭ نامرات رايونغا، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» قارمىقىدىكى شىمالىي رايونلار بولسا خىتاي بويىچە ئەڭ باي رايونلارغا ئايلانغانىدى. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش» سىياسىتىنى يولغا قويدى.

قارىماققا بۇ سىياسەت يىللاردىن بېرى نامراتلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشدۇرۇشنى مەقسەت قىلغاندەك تەسىر بەرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» تا ئالدىن تەرەققىي قىلغان رايونلاردىكى خىتاي ئىشلەمچىلەرنىڭ چەت ئەللەرگە تەرەققىي قىلىشى، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئازىيىشى، خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىشى، دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدا يەر ئاز، نوپۇس كۆپ بولۇشى، چەت ئەل مەبلەغلىرىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان كارخانىلارنىڭ بەلگىلىك مۇھىت بۇلغىنىشى پەيدا قىلىشى، ئەمگەك كۈچى كىرىزىسى، يەر كرىزىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن «يېڭى زېمىن» غا ئېھتىياجلىق بولدى. 1994-يىلىدىكى ئاتالمىش «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىمۇ دەل بۇ ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىش زۆرۈرىيىتىدىن تۇغۇلغان ئىدى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاش جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» سىياسىتىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشتۈرۈلۈپ، «ئېغىر دەرىجىدىكى نامرات رايونلار» دەپ بېكىتىلدى. 1996-يىلى يولغا قويۇلغان «شىنجاڭغا ياردەم» ۋە 1999-يىلى يولغا قويۇلغان «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» ئىستراتېگىيەسى دەل دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدىكى ئالدىن تەرەققىي قىلغان ئۆلكىلەر بىلەن ئۇيغۇر رايونىنى چەمبەرچەس باغلاپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئومۇمىييۈزلۈك يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ باشلانغان. «شىنجاڭغا ياردەم» سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەمۇرىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرغان بولسا، «غەربنى ئېچىش» سىياسىتىدىكى «ئالدىن تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ پۇلى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى ئالماشتۇرۇش» تاكتىكىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي بايلىقلىرىنى پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلغان. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ 1990-يىلىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق ئاتالمىش مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ بولۇشى، نوپۇس تەركىبىدە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىشى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان. بۇ ھەقتە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇ ئەنگاڭمۇ «‹خىتاي چۈشى› نىڭ ئۇلى دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇس بىرلىكىدۇر» ناملىق ئەسىرىدە تەپسىلىي قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دەرۋەقە، «شىنجاڭغا ياردەم» ۋە «غەربنى ئېچىش» سىياسەتلىرى ئاستىدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەلىرى كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقى بولغان چەت ئەل كارىخانىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر رايونىغا كەڭ كۆلەملىك باغلىنىشى ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدەك ئەھۋالنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
يەر شارىلىشىشنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىكى ئالدىن بېيىغان 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلەر پۈتۈن دۇنيا بىلەن «ئاچا-سىڭىل دوستلۇق شەھەر مۇناسىۋىتى»، «خەلقئارا خىتاي مۇھاجىرلار كومىتېتى»، «كوڭزى ئىنىستىتۇتى» قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللاردا مائارىپ، سودا-ئالاقە ۋە بارلىق ساھەلەر بويىچە قويۇق ئالاقە شەكىللەندۈرگەن.
شى جىنپىڭ 2017-يىلىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ 2025-يىلى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا پۈتۈن دۇنياغا باشلامچى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ بۇ «ئۇلۇغ چوڭ گەپ» نى قىلالىشىغا ئاساس بولغىنىمۇ دەل خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە دۇنيا ئارىسىدا شەكىللەندۈرگەن غايەت چوڭ سودا ئالاقە تورى سەۋەبىدىندۇر. بۇ ۋەجىدىن شى جىنپىڭ ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ۋە «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» بەرپا قىلىش پىلانى قاتارلىق ئىقتىسادىيى تەرەققىيات پىلانلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئامېرىكانىڭ تارىختىكى «مارشال پىلانى» دەك يەنە بىر بىر چوڭ پىلاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندۈرگەن ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى خىتايغا ئەگەشتۈرگەنىدى.
ھالبۇكى. خىتاينىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان «دوستلۇق» ىنىڭ كەينىدە غەرب دۇنياسىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ۋەيران قىلىشتەك رەزىل نىيىتنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن تەڭ، غەرب دۇنياسىنىڭ دىققىتى يىللاردىن بۇيان نەزەرگە ئېلىنماي كەلگەن ئۇيغۇر مەسىلىنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈردى. بۇ ھادىسە غەرب دۇنياسىدىكى دۇنياۋىي داڭلىق ماركىلىق كارخانىلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىغا ئائىت ئىسپاتلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىدى. بۈگۈنگىچە گەرچە 100 دىن ئارتۇق داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئاشكارىلانغان ۋە بۇ سەۋەبلىك غەرب دۆلەتلىرى تېگىشلىك تەدبىر، قانۇنلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلارنىڭ ئۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكى ئېنىق.
كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارىخانىلار يالغۇز ئۇيغۇر رايونىدا مەبلەغ سالغان چەت ئەل كارىخانىلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن «شىنجاڭغا ياردەم ۋە غەربنى ئېچىش» نامىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن كارخانىلار ۋە بۇ 19 ئۆلكە بىلەن ئالاقىدار بولغان ھەرقايسىي دۆلەتلەردىكى بارلىق كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغاندۇر.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.