خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۆز زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ تۈگىمەس ئازابقا سالدى. نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇم ئاستىدا جان تالىشىۋاتقانلىقى ياكى زاۋۇتلاردا قۇل ئورنىدا ئېزىلىۋاتقانلىقى چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئېغىر روھىي بۆھرانغا دۇچار قىلدى. تۇتۇلغانلار، قامالغانلار، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلار، جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغانلار، رۇھىي سۇندۇرۇلغانلار، مېڭىسى يۇيۇلغانلار، زاۋۇتلاردا قۇل قىلىنغانلار… ئومۇمەن خىتاي ئويلاپ تاپقان ۋەھشىي ئۇسۇللارنىڭ چىدىغۇسىز خورلۇقلىرىغا ئۇچرىغان شۇ كىشىلەر ئارىسىدا بىۋاسىتە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ياكى دوست-يارەنلىرى بولغانلار تېخىمۇ ئېغىر روھىي كىرزىسقا دۇچ كەلدى ۋە مەنىۋى ساغلاملىقى بۇزۇلۇش خەۋپىگە يولۇقتى.
مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ 2020-يىل 5-ئايدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ساغلاملىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ۋە تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن 6-ماي كۈنى «ھايات قالغۇچىلارنىڭ ۋىجدان ئازابىنى چۈشىنىش» دېگەن تېمىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز، پىسخولوگلاردىن دوكتور لېۋىنسون خانىم ۋە رۇبېنستېن خانىملار قاتنىشىپ، كىرزىس دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن ئامان قالغان چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي كىرزىسى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمدىن پەيدا بولغان ۋىجدان ئازابى، قايغۇ-ئەلەم، تەشۋىش، قورقۇنچ، چۈشكۈنلۈك، خامۇشلۇق، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئېغىر پىسخىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختالدى.
ئالدى بىلەن دوكتور لېۋىنسون خانىم نۆۋەتتە كىرزىس دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ھالىتى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى. ئۇ ھايات قالغۇچىلارنىڭ ۋىجدان ئازابى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ۋىجدان ئازابى ئېغىر زەربىدىن ئامان قالغۇچىلار باشتىن كەچۈرىدىغان روھىي ئازابتۇر. باشقىلار ئۇ زەربىدىن قۇتۇلالمىغاندا بۇ ئازاب شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، سىز ئۇرۇشقا قاتناشتىڭىز ياكى بىرەر ئايروپىلان ۋەقەسىگە يولۇقتىڭىز، ئەمما سىز خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدىڭىز، ئۆلمىدىڭىز، ئەمما ئۆلگەنلەرگە ياكى يارىدار بولغانلارغا شاھىت بولدىڭىز. شۇنىڭدەك، سىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىدىڭىز، قىيىن-قىستاققا ئېلىنمىدىڭىز، ئەمما شۇ زوراۋانلىق ۋە قىيناشلارغا ئۇچرىغانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىدىڭىز، رەسىمىنى ياكى ۋىدىيوسىنى كۆردىڭىز، دېمەك، سىز ئۇ يەردە بولمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭغا شاھىت بولدىڭىز. بەلكى بۇ قورقۇنچلۇق ئىشلار سىزنىڭ يېقىنلىرىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىزنىڭ بېشىغا كەلدى. بۇ چاغدا سىز مېنىڭ بېشىمغا كەلمىگەن ئىش ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدى دەپ قاتتىق ئازابلىنىسىز، مانا بۇ ھايات قالغۇچىلارنىڭ ۋىجدان ئازابىدۇر».
ئۇ ۋىجدان ئازابىدا قالغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك كېسەللىكنىڭ ھەر ئادەمدە ھەر خىل بولىدىغانلىقىنى، ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق پىسخىك كېسەللىك ھەممە ئادەمدە ئوخشاش كۆرۈلمەيدۇ. سىزدە ئۇنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە ئالامىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. سىز ئۆزىڭىزدە مەلۇم ئالامەتنى بايقىغاندەك قىلىسىز، ئەمما ئۇنىڭ نېمىلىكىنى دەپ بېرەلمەيسىز. ئەگەر بۇ پىسخىك ئالامەت ھايات قالغۇچىلارنىڭ ۋىجدان ئازابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا سىزدە قاتتىق جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، چۆچۈش، قورقۇش، تەپەككۇر قالايمىقانلىشىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ھەممىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، شۈكلەپ قېلىش، ھەرىكەتسىزلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەمما بۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. بۈگۈن بىر خىل ھېسسىياتتا بولسىڭىز، ئەتىسى ئۇنىڭغا قارشى ھېسسىياتتا بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز ساراڭ بولۇپ قالمىدىڭىز، سىز ئەقلى-ھۇشىڭىزنى يوقىتىپ قويمىدىڭىز، سىز ئۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بېرەلەيسىز ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتەلەيسىز».
ئۇ يەنە بۇ خىل پىسخىك بۇزۇلۇشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋالدا بەلكىم بەدىنىڭىزدە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، مەسىلەن، كۆڭلىڭىز ئېلىشىپ، ئاشقازىنىڭىز ئاغرىيدۇ، بىر نەرسە يېگۈڭىز كەلمەيدۇ، ياكى كۆپ نەرسە يەۋالىسىز ۋە ئۆزىڭىزنى توختىتالمايسىز. ئاندىن سىزدە ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئۇيقۇغا باش قويغاندا ئۇخلىيالمايسىز، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتسىڭىز تاڭ ئاتقىچە ئۇيقۇڭىز كەلمەيدۇ. بەلكىم قاباھەتلىك چۈشلەرنى كۆرىسىز ياكى قورقۇنچلۇق خىياللار كاللىڭىزغا كېلىۋالىدۇ. بېشىڭىز ئاغرىيدۇ، ئۆزىڭىزمۇ دەپ بېرەلمەيدىغان قورقۇنچ ۋە تەشۋىشتىن يۈرىكىڭىز سىقىلىدۇ».
لېۋىنسون خانىم يەنە ۋىجدان ئازابىدا قالغۇچىلارنىڭ ئاسان خۇشال بولالمايدىغانلىقى ۋە بۇ مەسىلىگە نورمال قاراپ، ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «روھىي ھالىتىڭىز بىر كۈنى ناچار بولسا، يەنە بىر كۈنى ياخشىراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ياخشى بولۇپ قالغان ھامان گۇناھ تۇيغۇسىدا ئۆزىڭىزنى ئەيبلەپ، كەيپىياتىڭىزنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىسىز. بۇ ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋال. بەزىدە ئۆزىڭىزنى گۈزەل نەرسىلەردىن زوقلانماسلىق، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانماسلىق كېرەكتەك ھېس قىلىسىز. بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسان دېمەيمەن، ئەمما ھەر كىم ئۆزىگە ھېسداشلىق قىلسا، ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتسا دەيمەن. ئەڭ باشتا سىز بۇنداق ئەھۋالدىكى ھېسسىياتىڭىزنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، سىز ئۇچراۋاتقان ئازابقا باشقا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ئىشتا بىرەر خاتالىقىڭىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىشىڭىز كېرەك».
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز «ھايات قالغۇچىلارنىڭ ۋىجدان ئازابى» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا باغلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىدە ئامان قالغانلاردا بۇ خىل روھىي ھالەتنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلاردا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ۋىجدانى بار ھەر كىمنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن تىنماي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى ساغلام تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھايات قېلىش ئىقىتىدارىغا كەلسەك، ئەلۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى سىز چوقۇم ياردەم تەلەپ قىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭىز ھەم بۇنىڭلىق بىلەن ۋىجدانىڭىزنى ئازابلىماسلىقىڭىز كېرەك. مەنچە بۇ ناھايىتى مۇھىم. بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە كۆيۈنۈشىمىز كېرەك، ئەگەر بىز روھىي جەھەتتە ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرسەك، جىسمانىي جەھەتتە ئۆزىمىزنى خاراپ قىلساق بۇنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر مەسىلە، چۈنكى بىز بۇ ئەھۋالنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ بىر مەيدان ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدۇر. شۇڭا ئۆزىمىزنى ئاسرىشىمىز كېرەك».
دوكتور رۇبېنستېن خانىم روھىي زەربىگە ئۇچرىغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان پىسخىك كېسەللەرنى داۋالىغۇچى مۇتەخەسىس بولۇپ، ئۇ چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت ۋىجدان ئازابى، خورلۇق، غەزەب ۋە قايغۇ-ھەسرەتنىڭ پىسخىك زىيانلىرىنى ئازايتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن مەن ئۆزىگە كۆيۈنۈش دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئىزاھلاشنىڭ نە قەدەر تەسلىكىنى چۈشەندۈرمەكچى، بىز دائىم ئۆزىمىزگە بەكرەك كۆيۈنۈپ كەتسەك بۇنى شەخسىيەتچىلىك دەپ تۇرۇۋالىمىز. مەن دالاي لامانىڭ بىر سۆزىنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇ شۇنداق دەيدۇ: ‹سەن ھەر كۈنى چىشىڭنى چوتكىلىغاندا ئۆزەڭنى شەخسىيەتچىدەك ھېس قىلمايسەن›. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆز ۋۇجۇدىمىزغا دىققەت بېرىشىمىز، ئۆز ئىدىيەمىزنى، قەلبىمىزنى، چىشىمىزنى ۋە بەدىنىمىزنى ئاسرىشىمىز كېرەك. ھەر كۈنى كەيپىياتىمىزنىڭ ساغلام بولۇشىغا دىققەت قىلساق، بۇ ھەرگىز شەخسىيەتچىلىك بولمايدۇ. بايا ئېيتىلغاندەك، بۇ بىر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدۇر، بىز بۇ مۇسابىقىنىڭ قاچان ۋە قانداق ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. بۇ يەردە ئىلمىيلىكى ئىسپاتلانغان 5 خىل پراكتىكا ئۇسۇلى بار، بۇلار كۈندىلىك ھاياتقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بىرىنچىسى، چېنىقىش؛ ئىككىنچىسى، مېدىتاسيون (چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈش) ياكى دۇئا-تىلاۋەت قىلىش؛ ئۈچىنچىسى، رەھمەت ئېيتىشنى پراكتىكا قىلىش، مەسىلەن، ھەر كۈنى رەھمەت ئېيتىشقا تېگىشلىك ئۈچ ئىشنى ئويلاش، ھېچ بولمىسا بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولدى دەپ ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش. تۆتىنچىسى، ئىختىيارىي ياكى پىلانلىق ھالدا ياخشى ئىشلارنى قىلىش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاجرىلىپ چىققان ھورمۇنلىرىمىز كەيپىياتىمىزنى ياخشىلايدۇ. شۇڭا كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا چوقۇم ياخشى ئىشلارنى قىلىڭ، بۇنىڭ ھەممىسى مەشىق بىلەن بولىدۇ. بەشىنچىسى، كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، بىر كۈن ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئېسىڭىزدە قالغان خۇشال مىنۇتلارنى خاتىرىلەڭ. ئىشلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس، ئەھمىيەتلىك بولسىلا بولدى.
رۇبېنستىن خانىم يەنە تۇرمۇشقا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار قاراشنىڭ روھىي ساغلاملىققا زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئاندىن ئۆزىنى تىنچلاندۇرۇپ، كەيپىياتىنى تەڭشەش، دىلىنى ئارام تاپقۇزۇشنىڭ بىر قانچە مەشىقلىرىنى تونۇشتۇردى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا مۇتەخەسىسلەر ئاڭلىغۇچىلاردىن كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدىن مۇستاپا ئاقسۇ بۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى دۇچ كەلگەن زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ئۆزى دۇچ كەلگەن پىسخىك مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى دەلىللىدى.