ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلىش داۋامىدا بۇ جىنايەتكە ئائىت يېڭى ئىسپاتلار داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشرىسى تېخىمۇ ئاشكارىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسىلە، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟
كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندى 10-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكى ۋە باشقا ئىمتىيازلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىنغا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى فوندىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى ئىسپاتى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى، كەلگۈسى 20 يىلدا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 4 مىليوندىن 5 مىليونغىچە كەم تۇغۇلىدىغانلقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇنىڭ ئاشۇرۇۋېتىلگەن سان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، خىتاينىڭ ھازىر ئۈچ بالا تۇغۇشقا يول قويۇشىنى سېلىشتۇرما قىلسىڭىز، باشقىچە ئەھۋالنى كۆرىسىز. يەنى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش سىزىقى مەن كۆرسەتكەن ساندىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. كەم تۇغۇلىدىغان نوپۇس 4 مىليوندىن 5 مىليونغا ئۆرلەيدۇ». ئۇ يەنە خىتاينىڭ نوپۇس قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، ئۇلارغا (خىتايلارغا) قويۇپ بەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى نۆل پىرسەنگە چۈشۈرگۈسى بار. ئۇ ھالدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋەيران بولىدۇ. سىزنىڭ ئەمدى بالىڭىز بولمىسا، مائارىپ سىستېمىڭىز بولمىسا ھېچنېمە قىلالمايسىز. ئۇ چاغدا بالىڭىزنى خىتايلار ئارىسىغا چېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولىسىز. بالىڭىزنى ئوقۇتىدىغان مەكتەپ بار، ئەمما ئۇ خىتايلارنىڭ مەكتىپى، چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار قالمىغان بولىدۇ».
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى مۇستەملىكە قىلىش تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇلار ئۇيغۇرلارنى يەرلىك بەگلەر ئارقىلىق باشقۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى ھازىرقىدەك مۇستەملىكىلىشىپ كەتمىگەن. 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن مىللەتچى خىتايلار ئۇيغۇر رايونىغا ئاز ساندىكى خىتايلارنى كۆچۈرگەن بولسىمۇ، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك ئېلىپ بارالمىغان. ئومۇميۈزلۈك ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىدىن باشلانغان، 1990-يىلدىن كېيىن كۈچەيگەن، 2017-يىلدىن كېيىن ئەۋجىگە چىققان. ئۇ خىتاينىڭ بۈگۈنكى نوپۇس قىرغىنچىلىقى ھەققىدە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازلىتىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش، شۇندىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى خالىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتكۈسى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى ئازلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەرنى قوشۇۋېتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى بۇ رايوندىكى ئىشلارغا ئارىلىشالمايدىغان قوشۇمچە مىللەت ئورنىغا چۈشۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ».
شان روبېرتىس ئەپەندى بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن «خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇرلارغىلا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك جاي ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسانلىقچە ئاسسىمىلياتسىيە بولمايدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاينىڭ ئۇلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ زەربە بېرىش ۋە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش يولىغا ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.
ئوخايو شتاتى سېنسىناتى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئادۋوكات روسېنبېرگ خانىم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىيەت ۋە ھەرىكەتتىن تەشكىل تاپىدىغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق نىيىتىنىڭ 2014-يىلىلا باشلانغانلىقىنى، 2017-يىل رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇتىنى چەكلەش ۋە تۇغماس قىلىۋېتىش قىلمىشلىرىنىڭ ئۆزىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بىر قانچە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن، مەن دوكتور ئادرىيان زىنىزنىڭ يېڭى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىغا ئىشىنىمەن. بارلىق دۆلەتلەر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئىشىنىپ، شۇ بويىچە قارار چىقىرىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، بىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى سىياسەت ۋە سىستېما بەرپا قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەتىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىز كەلگۈسىدە ‹بۇ ئىشقا مەسئۇل بولالىدۇقمۇ-يوق˂ دەپ ئولتۇرمايمىز، بەلكى ˃بىز قايتا يۈز بەرمەسلىككە ۋەدە قىلغان بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق˂ دېيەلەيمىز».
روسېنبېرگ خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاش بولسۇن ياكى ئۇ جىنايەتنىڭ خەتىرىنى باھالاش بولسۇن، ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن سىياسەت تۈزۈش، ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك ئىكەن. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن تەقدىردىمۇ، خىتايغا تەسىر قىلالمايدىكەن. پەقەت ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتايغا بېسىم پەيدا قىلسا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدىكەن.
شان روبېرتىس ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن، بۇ جىنايەتكە قارشى دۆلەتلەرنىڭ، شىركەتلەر ۋە ئىستېمالچىلارنىڭمۇ خىتايغا ئىقتىسادىي بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنىڭ يەنىلا دىپلوماتىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىزمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەتىرىنى دەل ۋاقتىدا باھالاش، ئاندىن ئەمەلىي قەدەم ئېلىپ ئۇنى توسىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللىنىش كېرەك. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغان، ئۇنى جازالىغان ياكى باشقا تەدبىرلەرنى قوللانغان بىرەر دۆلەت، بىرەر ئۆرنەك بارمۇ؟ بۇ مەسىلىنى ئويلاپ بېقىشىمىز كېرەك. مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇيغۇر جامائىتى بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىر نۇرغۇن ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىقتى، كۆپلىگەن تاراتقۇلار خەۋەر قىلدى. بەزى ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلار ئۇ جىنايەتنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى، ئەمما ئانچە كۆپ ھەرىكەت بولغىنى يوق. مەن بۇنىڭغا ئەجەبلىنىمەن. مەنچە، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، ھۆكۈمەتلەرگە «سەن بۇنى قىلساڭ بولىدۇ، نېمىشقا قىلمايسەن» دەپ سىگنال بېرىشى كېرەك، مەنچە بۇ كېيىنكى قەدەمدە قىلىدىغان ئىشلار».
روسېنبېرگ خانىممۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەرىكەتنى كۆرۈشكە، ناھايىتى كونكرېت ئىشلار ئارقىلىق بۇ جىنايەتنى ئاياغلاشتۇرۇشقا موھتاج. بىز قانۇن بىلەن سىياسەت ھەققىدە گەپ قىلغاندا ھەر خىل كەسپىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ مەلۇم بىر پاكىتنى، يەنى شۇ ئىنسانلار ئۇچرىغان زىيانكەشلىك ۋە ئازابنى يوشۇرۇشقا تىرىشىمىز. بىز بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەقەت قەبىھ جىنايەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇ جىنايەت كەلتۈرۈپ چىقارغان غايەت زور زىيانكەشلىك سەۋەبىدىن توختىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك».