مەزكۇر ماقالىدە، يەنى ئامېرىكانىڭ خىتاي سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بۇ يول خەرىتىسىدە ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت ئۇچۇرلار خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابى ۋە باشقا ھۆججەتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، 2015-يىلدىن بۇيان ئاز دېگەندە 1 مىليون 300 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ «قايتا تەربىيە» ئېلىش نامى ئاستىدا لاگېرلارغا يىغىۋېلىنغانلىقى، 800 مىڭ بالىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ئىشەنچلىك مەنبە ئاساسىدا بېرىلگەن.
بۇ ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى تولۇق تەقىپ ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئادەملەرنى خالىغانچە تۇتۇپ سولاش ۋە قىيناش ئۇسۇللىرىنى سىناق قىلغانلىقى، بۇ تېخنىكىلارنى ۋېنسۇئىلا، زىمبابۇۋى قاتارلىق 80 نەچچە دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە دۇنيادىكى كۆپلىگەن داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ مەنپەئەتتىن كېچەلمەيۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىشتەك بۇ خىل جىنايەت پاكىتلىرىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىدى، نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ جىم تۇرۇۋالدى. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، خەلقئارا دىپلوماتىيەدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خىتاينى خەلقئارا پرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگۈزەلەيدىغان دۆلەت. بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينى بۈگۈن داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئىنسانلىق تراگېدىيەسىگە جاۋابكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. نۆۋەتتە بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشى، خىتايغا تېخىمۇ كۆپ جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا يېتەكچى رول ئوينىشى كېرەك».
بۇ ماقالىنىڭ «خىتاينى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش» دېگەن قىسمىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونى بلېنكىننىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ، خىتايدىكى بۇ جىنايەتنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىش، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىش، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» گە ئاساسەن خىتايدىن ئامېرىكالىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققىدە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى يېقىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەردە يۇقىرىقى تەكلىپلەرنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئانتونى بىلىنكېننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە بۇ مەسىلىنى داۋاملىق تەكىتلىشى، ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ ماقالىدە يەنە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىتىرى نۇرى ئانتونى بىلىنكىننىڭ «ئۇيغۇر دوستلۇق كونفېرانسى» تەشكىللەپ، ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئەھدىنامىسى» گە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىلگەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلارغا ساھىب چىقىش ئۈچۈن ئەڭ باشتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئاكتىپ ياكى ئىلمان تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر گەۋدىسى بولۇشى كېرەك؛ شۇنداقلا، بۇ دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇيغۇرلار ھازىر ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بىر خەلق، بۇنداق خەلققە ياردەم قىلىشتا ھەر قانداق دۆلەت خىتاينىڭ رۇخسىتىنى ئالىمەن دەپ ئولتۇرمىسىمۇ بولىدۇ،» دېدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىسىترلىكىگە سۇنۇلغان بۇ يول خەرىتىسىدە يەنە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا، ئەركىن ئاسىيا رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى خادىملارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى مىسالغا ئېلىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىش تەلەپ قىلىنغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا خىتاينىڭ تەھدىتىگە ۋە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارغا ياردەم قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ماقالىدە يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق تەلەپ سۇنۇش، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق خىتايغا ئىقتىسادىي بېسىم قىلىش، خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپېك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش دېگەندەك تەكلىپ ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى «بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەركىزىي ئىدىيە نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈلگەن بىلەن ئۇنىڭغا يېتەرلىك ھەرىكەت قوللىنىلمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئامېرىكا خەلقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن پەقەت پوزىتسىيە بىلدۈرۈپلا قويماي ھەرىكەت ۋە تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر مىللەت ۋە ئېتىقادچى خەلقنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى نامايەن قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قەستىدە بولۇۋاتقان شەخس ۋە ھۆكۈمەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرەلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادىن ۋە دۇنيادىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدى ھەقلىق، چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىش ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي، ۋىجدانىي ۋە سىياسىي بۇرچىدۇر».
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە دۇنياغا خىتابەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قوللىنىش چاقىرىق قىلىنغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي، ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشىنى ئاسان ئۆزگەرتىدۇ دەپ ھېچكىم خىيال قىلمىسۇن. خىتاي كۈچلۈك خەلقئارا بېسىمغا ئۇچرىمىغۇچە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەمما بۇ ھېچقانداق تىرىشچانلىق ئۈنۈم بەرمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەگەر باشقا دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىغا ماسلىشىپ بەرسە، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى، بۇ توغرا قاراردۇر، ئەمدى بايدىن ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خەلقئارالىق كۈچ تەشكىللىشى كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتى، بۇنىڭدىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشقا ئەرزىيدۇ».