ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى» نى ئۆزگەرتىشى بىلەن ئاخىرلىشامدۇ؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.08.28
گېرمانچە مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى بىلەن تولۇپ تاشتى لوپ ناھىيەسىدىكى 4-يىغىۋېلىش لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار سىياسىي ئۆگىنىشتە. 2017-يىلى مارت، خوتەن.
BITTER WINTER

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىت 2022-يىلى 31-ئاۋغۇستتا خىتايدىن كەلگەن زور توسالغۇلارغا قارشى مىڭتەسلىكتە ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ھېچقانداق رول ئوينىيالماي كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 27-ئاۋغۇست تۇيۇقسىز «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ، خىتاي سىياسىتىدە يەنىلا «مەسىلە مەۋجۇت» لۇقىنى بىلدۈردى. بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، خىتايغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئەمما خىتاي بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پاك ۋە گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە خەلقئارا جامائەتنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى. بۇ سەۋەبلىك ھەتتا ساختا تەشۋىقاتلارنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتىپ تۇغقان يوقلىشىغا يول قويۇش قاتارلىق يوللار بىلەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان غەرب دۇنياسىنى خىتايغا «بوھتان چاپلاش» بىلەن قارىلاشقا باشلىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2023-يىلى فېۋرالدىن باشلاپلا جەنۋەدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار مۇنازىرىلەرنى باشلىغانىكەن. ھەتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي رەھبىرى ۋولكېر تۈركمۇ بۇ يىل 26-مايدىن 1-ئىيۇنغىچە مەخسۇس بىر گۇرۇپپا خادىملارنى بېيجىڭغا ئەۋەتكەن. بۇ گۇرۇپپا خادىملار بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە جىنايى ئىشلار، ئەدلىيە سىستېمىسى» ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. شۇنداقلا خىتايدىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى» نى «ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق» ھەققىدىكى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

دەرۋەقە، ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي قەدەم ئالمىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۈگۈن زۇۋانغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە ئەمەس» لىكىنى بىلدۈردى. ئەمما مەسىلە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدىن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش» ى بىلەنلا ھەل بولامدۇ؟

بىز ۋاقىتنى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگە سۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى مىشېل باچېلېت ئېلان قىلغان «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» غا قايتا بىر نەزەر سېلىپ باقايلى.

مەزكۇر دوكلاتتا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەندىن كېيىن، خىتاي بېكىتكەن تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا ئالاقىدار قانۇن ۋە سىياسەتلەر رامكىسى تونۇشتۇرۇلغان. ئاندىن جازا لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ قانداق تارتىۋېلىنغانلىقى، جىنايى ئىشلار ۋە ئەدلىيە سىستېمىسى ئارقىلىق تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرلىرىنىڭ شارائىتى، جىسمانىي جازاغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى چۈشەندۈرۈلگەن. شۇنداقلا تىل، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد، شەخسىيەت ھوقۇقى، ئىختىيارىي ھەرىكەت ھوقۇقى، پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ھەمدە ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ئۆچ ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى سىياسەت» لىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەۋجۇتلۇقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاخىرقى يەكۈنىنى چىقارغان. مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 2022-يىلى 15-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ قۇللۇق تۈزۈم مەسىلىلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى تومويا ئوبوكاتا زامانىۋى قۇللۇق تۈزۈم ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى مۇستەقىل دوكلاتىنى تاپشۇرغان. مەزكۇر دوكلاتتىمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان خەلقلەرنىڭ شىنجاڭدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى يەكۈنلەنگەن.

دېمەك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما بۇ خىل ئىنسانلىق ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پەقەت خىتاينىڭ «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى» دىكى نۇقسانلار سەۋەبلىكلا كېلىپ چىققان دېيىش توغرىمۇ؟ مېنىڭچە بۇ سوئال ھەر كىمنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن. بۇ سەۋەبتىن، 2021-يىلى 19-يانۋار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانىدى. لېكىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تېخىچە خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىدىكى «نۇقسانلار» ئۈستىدىلا مۇنازىرىلەشكەن. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» سىياسىتى رامكىسى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قەتئىي تۈردە ۋە ئېنىق ئېتىراپ قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىمىگەن. بۇ ۋەجىدىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بېيجىڭ بىلەن بولغان ھەرقانداق شەكىلدىكى سۆھبىتىدىن ئەمەلىي بىرەر نەتىجە چىقماي كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق.

بۇ نۆۋەتمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يەنىلا بېيجىڭ بىلەن «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ۋە جىنايى ئىشلار، ئەدلىيە سىستېمىسى» ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەن. ھەتتا خىتايدىن بۇ سىياسىتىنى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن شەكىلدە «تەڭشەش» ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ بىر كۈلكىلىك ئىش ئەمەسمۇ؟ ناۋادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئارتقان «تېررورلۇق» بوھتانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن داۋاملىق ئېتىراپ قىلىنىپ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشىنى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىنى توسۇشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شۇنى ئېنىق چۈشىنىشى كېرەككى، پەقەت خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قالپىقى ئاستىدىكى سىياسىتى داۋاملىشىدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» نى سەۋەب كۆرسىتىشىنى، ھەر قانداق ۋاسىتە ۋە ئۇسسۇل قوللىنىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قەتئىي تۈردە توسۇشى لازىم.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.