مۇتەخەسسىسلەر: ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشقان ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يوقىتىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدىكى بەزى ئىلمىي ژۇرناللار ۋە باشقا ئاممىۋى ئاخبارات سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، مەدەنىيىتى ۋە تەقدىرىگە ئائىت ماقالىلەر ۋە كۆزقاراشلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. ئەنە شۇنداق ماقالىلەرنىڭ بىرى تۈركىيە تاشقى سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرى ۋە خەلقئارالىق قارشىلىقلار» دەپ ئاتالغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدۇر. بۇ ماقالىنى تۈركىيە تاشقى سىياسىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۇنداقلا بېلورۇسىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى، تۈرك قىزى فاتمانۇر تاشچىدۇر. ئۇ، ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇتقان سىياسىتى توغرىسىدا ئانالىز يۈرگۈزگەن.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: «ئۇيغۇرلار، ئۇزۇن تارىخقا ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىگە ئىگە خەلق بولۇپ، تارىختىن بۇيان دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان. دۇنيادا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ تونۇلغان خىتاينىڭ كونترولى ئاستىدا قالغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار تارىختا كۆكتۈرك دۆلىتىدىن تارتىپ ئوخشىمىغان دۆلەت قۇرۇلمىسى ئاستىدا مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن بولۇپ، 1884-يىلى مانجۇ ئىمپېرىيەسى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ۋەتىنى شىنجاڭ ئۆلكىسى دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەستىن 1930-يىللاردا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى باشلىغان، نەتىجىدە 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمىغان. 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، 1949-يىلى خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتى بىلەن يىمىرىلگەن. ئۇيغۇرلار 1949-يىلى مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان كۈندىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى، بولۇپمۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان».

ماقالە يەنە مۇنداق داۋام قىلدۇرۇلغان: «خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇرلانغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەسىرلەردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن شانلىق تارىخىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، مول مەدەنىيىتى ۋەيران قىلىنىش، تىلى ئۆزگەرتىلىش، كېلەچەك نەسلى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش قاتارلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ‹بۆلۈپ ۋە پارچىلاپ باشقۇرۇش› سىياسىتى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا».

تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلار قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى بىلەن تارىختا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە خەلقتۇر. بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى ۋە دىنى ئېتىقادىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتلەر بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى تونۇپ يېتىش، ئۇلارنى قوللاش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان مۇھىم بۇرچىدۇر».

تۈرك دۇنياسى يۈرك تۈركمەن بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى، تەتقىقاتچى جەمال ئاققۇش ئەپەندى فاتمانۇر تاشچى خانىمنىڭ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى قوللاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقان مەدەنىيەت تۆھپىسى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي تەقدىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

تۈرك دۇنياسى يۈرك تۈركمەن بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى، تەتقىقاتچى جەمال ئاققۇش
تۈرك دۇنياسى يۈرك تۈركمەن بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى، تەتقىقاتچى جەمال ئاققۇش (RFA/Arslan)

جەمال ئاققۇش ئەپەندى مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن ئاساسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت ئۇقۇمىدىن سۆز ئاچىدىغان بولساق، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالماستىن مەدەنىيەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. تۈرك تارىخىدا تونۇلغان تۇنجى بەش شەھەردىن بالاساغۇن، قەشقەر، تۇرپان، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەر قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە شەھەرلەردۇر. بۇ رايونلار مۇھىم مەدەنىيەتلەرنى بەرپا قىلدى ۋە كاتتا ئالىملارنى يېتىشتۈردى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقىرى قاتارلىق قىممەتلىك ئالىملىرىمىز، مۇتەپەككۇرلىرىمىز بۇ دىيارلاردا يېتىشىپ چىقتى».

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر خەلق بولۇش بىلەن ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى غەرب دۆلەتلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭلا ئەمەس بەلكى تۈركىيەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان مەسىلە بولماقتا. ئەنە شۇ خىلدىكى قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى، ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزبېك دوكتور زېبىنىسا كامالوۋا خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت ۋە تۈرك خەلقلىرى مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان خەلق بولۇش بىلەن ئۇنىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ھەرگىزمۇ يوقىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار پەقەت جىسمانىي جەھەتتىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ قالماستىن بەلكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ، غەربىي تۈركىستاندىكى بەش تۈركىي جۇمھۇرىيەت ئۆتكەن ئەسىردە چار رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشايتتى، سىتالىن تۇنجى ئىشىنى مىللەتنىڭ زىيالىيلىرىنى قىرغىن قىلىش بىلەن باشلىغانىدى، چۈنكى مىللەتنىڭ پىكىر-تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە قەلەمكەش يازغۇچىلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇ مىللەتنى يوق قىلىش ۋە ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئاسانغا توختايدۇ، ھازىر خىتاي خۇددى شۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۇيغۇر زىيالىيلارنى يوقىتىۋاتىدۇ، پىكىر قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇنى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. چۈنكى شۇنچە كۈچلۈك سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنچە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ خەلقنى يوقىتىشقا ئورۇنغا بولسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز ۋە تۈركمەن مەدەنىيىتى يوقاپ كەتمەي قايتىدىن جانلاندى. ئۇيغۇرلار بولسا مەدەنىيەت جەھەتتە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان كۈچلۈك بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچ قاچان يوق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، بۇ ۋەتەن دەۋاسىنى، بۇ مىللىي دەۋا بايرىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاكتىپ ئىنسانلار مەۋجۇت، بۇ ئىنسانلار توختاپلا قالمايدىكەن شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، زۇلۇم باشلانغان ئورۇن ئەسلىدە زالىمنىڭ يوقىلىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى زۇلۇم قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ يوقىلىشىنى باشلىغان بولدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىدۇ، بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئاسارەتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرىمىز ۋە ئازاد ۋەتەن قوينىدا ئەركىن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ شادلىق كۈلكىسىنى ئاڭلايمىز».

دوكتور زېبىنىسا خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك خەلقلىرى مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر خەلق بولۇش بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە تىل تارىخىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوينىغان رولىدىن ئايرىپ يېزىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈنجى شەھەرلەشكەن خەلقى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئەينى زاماندا غەربىي تۈركىستاندىكى بىز ئۆزبېكلەر بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىرى ياكى بىر مەدەنىيەت دەرىخىنىڭ ئوخشاش شاخلىرى بولىمىز. بىز تۈركىيەدە قەدىمكى مەدەنىيەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشقا ئېھتىياج بارلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىغان بىلەن ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش تۈركىيەدە يېتەرلىك تونۇلمىغان، بىز بۇ يەردە بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ نەق مەيداندا تەسەۋۋۇرنى جانلاندۇرۇپ مەدەنىيىتىمىزنى تونۇتۇش ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز. ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى ئۇيگارلىق (UYGARLIK) سۆزىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاتالغان. تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ شەھەرلىشىش مەدەنىيىتىگە ئۆتكەن، تۇنجى بولۇپ مەتبەئەنى ئىجاد قىلغان، تېرىقچىلىق، شەرقىي تۈركىستانىدا تۇنجى بولۇپ باشلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇنجى تۈرك ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالغان قاراخانىيلار دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان. تۈرك تىلىنىڭ ئاساسىي بولغان مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەسىرى ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹قۇتادغۇبىلىك› دېگەن نادىر ئەسىرى ھەم شەرقىي تۈركىستانىدا يېزىلغان ۋە بۇ، مەدەنىيەت ئۈچۈن مەنبە بولۇپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى بۈگۈنكى تۈرك دۇنياسى مىراسىدا چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، بۇنى بىز ئەلۋەتتە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي مەسىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارا جامائەتنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى بىر مىللەت سۈپىتىدە قارىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى دۇنيا بۇ جەھەتتىن قوبۇل قىلىدۇ»

دوكتور زېبىنىسا كامالوۋا خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئىلىم مەرىپەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرۇشىمىز كېرەك، قولىمىزدىكى ئەسەرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن كاتتا تۆھپە قوشقان خەلق ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتىشىمىز ۋە تونۇتۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئورۇن دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ‹تۇرپان كارىز قۇدۇقلىرى› ۋە ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› غا ئوخشاش مەدەنىيەت ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-مەرىپەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى دۇنياغا كۆپرەك بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. تۈرك تارىخى ۋە تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە تىلىنى ئايرىپ چۈشىنىدىغان بولساق تۈرك تارىخىدا ھېچ نەرسە قالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيەت مىراسى پۈتۈن تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىمدۇر».