شىنجاڭ خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىدە، ئۆتكەن ئىككى ھەپتە داۋام قىلغان «جۇڭگو مۇسۇلمانچە يېمەكلىك مەدەنىيەت بايرىمى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساھىبخانىلىقىدا ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسىگە يانداش ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى بايرامنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ 3-نۆۋەتلىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ئۈرۈمچى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
بايرامنىڭ تەشۋىقات شوئارى «شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلايلى» بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ بايرامنىڭ ئالدىدا مەتبۇئاتلارغا تارقاتقان تەشۋىقاتلىرىدا «مەزكۇر بايرام ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك، ياقا يۇرتلۇق مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ يەرلىك تائاملىرىنى تېتىتىپ، ئۇلارنى شىنجاڭغا تېخىمۇ مەھلىيا قىلىش» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
ئەمما «مۇسۇلمانچە» يېمەكلىك مەدەنىيەت بايرىمىدىن ئىبارەت مۇسۇلمانچە ھالال يېمەكلىك تامغىسى ئاسقان بۇ بايرامنىڭ ئۈستەللىرى ئارىسىغا ئېشەك گۆشى مانتىسى ۋە يەنە باشقا ھارام يېمەكلىكلەرمۇ تىزىلغان بولۇپ، ئاشكارا ئېلان تاختىلىرى ئېسىلغان، بۇ يەرلىك مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنىڭلا ئەمەس، چەتئەللىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ ھەيرانلىق راھەتسىزلىك پەيدا قىلغان.
بۇ ھەقتە دۈشەنبە رادىئومىزغا ئىنكاس يەتكۈزگەن بىر ئۇيغۇر خانىم، ئۆزىنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بايرامغا بارغانلىقى گەرچە، يەرمەنكىدە ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانچە تائام مۇلازىمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ-كىچىك شىركەت، رېستوران، ئاشخانىلار ئۈستەل راسلىغان بولسىمۇ، خېرىدارلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى، بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان يەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ قاتناشقان يېمەك شىركەتلىرىنىڭ ئۈستەللىرىنى پەقەت بىر پەردە ئايرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆز-ئارا پۇراقلارنىڭمۇ بىر-بىرىگە تەسىر قىلىپ راھەتسىز بىر مۇھىت پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر ئۇيغۇر ئاشپەز، ئۆزىنىڭ ئاشخانا سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 3-نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىك مەدەنىيەت بايرىمىغا تىزىملىتىپ 6 مېتىر كەڭلىك، ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر يەرمەنكە بوتكىسىنى 28 مىڭ سومغا ئىجارىگە ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش پۇلى، ئەخلەت پۇلى دېگەندەك چىقىملارنىڭمۇ تۆت بەش مىڭ سومغا يېتىدىغانلىقىنى، بۇ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دەپ تاختاي ئېسىلغان چوڭ زالغا ئېشەك گۆشى مانتىسىغا ئوخشاش ھارام يېمەكلەرنىڭمۇ كىرگۈزۈلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى، كېيىن بۇ خىل قالايمىقانچىلىقنى كۆرۈپ، بايرامغا قاتناشقانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىگە ئوخشاش مۇسۇلمان ئاشپەز خوجايىنلارنىڭ مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ بايرامنى باھانە قىلىپ پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ مۇلازىمەت قىلىشتا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك مۇسۇلمان يېمەكلىك مەدەنىيەت بايرىمىغا «ئېشەك گۆشى مانتىسى» غا ئوخشاش ھارام يېمەكلىكلەرنىمۇ ئېلىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى سۈرەتلىك ئۇچۇرلار يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان ئۈندىدار قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىپ، ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ تېز تارقىلىۋاتقان، ئاممىۋى ئىنكاس كۈچلۈك بولۇۋاتقان خەۋەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان كۆپ ساندىكى كىشىلەر، مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا بۇ سەۋەنلىكى ئۈچۈن چۈشەندۈرۈش بېرىشى، كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كادىرلارنى جازالىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلماقتا.
بۇ ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، ئۆزىنى بايرامنىڭ ئاخبارات، تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل دەپ تونۇشتۇرغان رېن فامىلىلىك بىرى، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:
-مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن، بىزگە كەلگەن ئىنكاسقا قارىغاندا، 3-نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىك مەدەنىيەت بايرىمىغا ئېشەك گۆشىدىن ئىشلەنگەن ھارام بولغان يېمەكلىكلەرمۇ كىرىپتۇ، بۇ ئاچقىنىڭلا پۈتۈنلەي مۇسۇلمانچە يېمەكلىك بايرىمى ئەمەسمىدى؟
-ياق، ياق، بۇنىڭ ھەيران قالارلىق يېرى يوق، چۈنكى بۇ بايرامنىڭ نامى 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە يېمەكلىك مەدەنىيەت بايرىمى بولۇپلا قالماي ۋە يەنە شىنجاڭ ئالاھىدە يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى. شۇڭا بۇ ئىككى بۆلۈمگە بۆلۈنگەن، بىز ئاساسەن مۇسۇلمانلاردىن باشقا ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسىگە كەلگەن مۇسۇلمان بولمىغان مېھمانلارغىمۇ مۇلازىمەت قىلىشنى ئويلىغان.
-ئۇنداقتا، ئېشەك گۆشى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدە يېمەكلىك تۈرىگە كىرەمدۇ ؟
-ھازىر ئۈرۈمچى دېگەن خەلقئارالىق شەھەر بولۇپ كەتتى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە دېگەن مۇسۇلمانلارنىلا ياكى شىنجاڭ ئالاھىدىلىكى بارلارنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ھەر تۈرلۈك، بۇ جايغا يەرلەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەكلىرى قاتناشتۇرۇلدى، بۇ دېگەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدىن كەلگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىمىز.
-ئۇنداقتا، مۇسۇلمانچە ھالال يېمەكلىكلەر بىلەن ھارام يېمەكلىكلەرنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ئايرىۋېتىلگەنمۇ؟
-شۇنداق، ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنى مۇسۇلمانچە ۋە مۇسۇلمانچە ئەمەس دەپ ئىككىگە ئايرىۋەتتۇق.
-لېكىن بىزگە كەلگەن ئىنكاس ۋە سۈرەتلەرگە قارىغاندا، ھالال ۋە ھارام يېمەكلىكلەرنىڭ كۆرگەزمىگە قويۇلۇشىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن، ئېشەك گۆشى مانتىسىنىڭ كۆرگەزمە ئۈستىلى ۋە ئېلانلىرى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كۆرگەزمە قاتارىغا ئاشكارا تىزىلغان ئىكەن.
-ياق، بۇ پۈتۈنلەي پىتنە، كىملەر ئۇ، بۇنداق پىتنە-پاساتنى تارقاتقان، بۇنداق ئەھۋال يوق. بىز پۈتۈنلەي ئايرىۋەتتۇق. ئۇنداق سەۋەنلىك كۆرۈلمىدى.
گەرچە بۇ خادىم، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەن بۇ ھادىسىنى ئىنكار قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى يېپىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، جامائەتنىڭ كۆرگەزمىدىن تارتىۋالغان دەلىللىك سۈرەتلىرى نۆۋەتتە ئاممىۋى تور بەتلەر، ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنتايىن تېز تارقالماقتا.
تۈركىيەدە تۇرۇپ بۇ ھادىسىدىن خەۋەر تاپقان، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن، دىنىي زات ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، بۇ ھادىسىنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ھاقارىتى» دەپ كۆرسەتتى.