قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشەك باقمىچىلىق رايونى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر ئىشەك باقمىچىلىغىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ ئىش باشلىغان ئىدى.
ئىشەك باقمىچىلىقىدا زور پايدىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان باقمىچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى خىتايلار بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلار ئۆز تىجارىتىگە كۆپلەپ خېرىدار جەلپ قىلىش مەقسىتىدە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىشەك سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتكەن.
بۇ كۈچلۈك تەشۋىقاتنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە يېقىندا فېىسبوك قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە تور بەتلىرىدە ئىشەك سۈتى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان نەق مەيدان تېلىۋىزىيە سۆھبىتى قويۇلغان بولۇپ، سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئايال ئىشەك سۈتىنىڭ ئالاھىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە تولىمۇ ھاياجان ئىچىدە سۆزلەيدۇ.
ئەگەر ئىشەك سۇتىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ۋە داۋالاش خۇسۇسىيىتى ھەقىقەتەن شۇنداق يۇقىرى بولغىنىدا، نېمىشقا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئىشەك سۈتىنى ئىچىش تەشۋىق قىلىنمايدۇ؟ ياۋروپادىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى بىر قەدەر كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان گولاندىيەدىمۇ ئىشەك سۈتىنى كۈندۈلۈك سۇت مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزمىگەن. ھەتتا ئىلمى ئوزۇقلىنىشنى دۆلەت مىقىياسىدا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان نورۋېگىيەدەك بىر دۆلەتتمۇ نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كالا سۈتىنى مۇھىم ئوزۇقلۇق قاتارىدا كۆرۈشنى تەكىتلەيدۇ؟ نورۋېگىيەلىك ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇنن ھەلېنە ئارسكي مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا نورۋېگىيەدىكى ئاتا-ئانىلار تور بېتىدە «بالىڭىزغا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە سۈت ئىچكۈزۈشنى ھەرگىز توختىتىپ قويماڭ» دېگەن تېمىدا مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، كالا سۈتىدىكى ھەر قايسى ۋىتامىنلار ۋە ئۇنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش دەۋرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە توختالغان.
نورۋېگىيەدە كالا سۇتى ئىزچىل ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى. كالا سۈتى كالسىيۇم، ئاقسىل، ماگني، ب تىپلىق ۋىتامىن، يود، فوسفور، ماگنەسىيۇم
قاتارلىقلارنىڭ كېلىش مەنبەسى بولغاچقا، ئەگەر كىمكى سۈت ئىچىشنى توختىتىپ قويسا، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ھەر قانداق ئوزۇقلۇق بىلەن تولدۇرۇش ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ سۈتتىكى ئاقسىل بالىلار تېنىدىكى ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاسرىلىشى ئۈچۈن يادرولۇق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش تارماقلىرى كالا سۈتىنى نورۋېگىيەدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ كۈندۈلۈك مۇھىم ئوزۇقلۇقى قاتارىدا ئىستىمال قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىزچىل تەۋسىيە قىلىپ كەلمەكتە.
ھەقىقەتەن ئىشەك سۈتىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك يۈرەك، جىگەر، ئاشقازاننىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش خۇسۇسىيىتى بارمۇ دېگەن سوئاللارغا ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئوزۇقلۇق ھەققىدىكى كىتابلاردا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
چەتئەلدە چىقىدىغان گوگول قاتارللىق تور بەتلىرىدە ئىشەك سۈتىدە كېسەل داۋالاش ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، پەقەت ئىشەك سۈتىنى ئىتالىيىدىلا مەلۇم مىقداردا ئىشلىتىدىغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشەك سۈتىدىن تېرە ئاسراش سوپۇنى ياساسايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن.
تورداشلار فېسبوكتا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ۋە ۋە نارازىلىقلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا مۇنداق ئىپادە قىلغان:«ئىشەكنى بېقىشقا، كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ گۆشىنى يىيىشكە، سۈتىنى ئەتكەن چاينىڭ ئورنىدا ئىچىشكە بولمايدۇ ھەم بالىلارنى ئىشەك سۈتى بىلەن ئىمىتىپ بېقىشنىڭ ئۆزى ھارام.»
بۇ تېلىۋىزىيە سۆھبىتىدىن كېيىنلا ئۇلاپ بېرىلگەن ئىشەك باقمىچىلىقى ھەققىدىكى خەۋەردە، ئىشەكنىڭ گۆشى ۋە سۈتىدىن ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىسادى پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنى يوپۇرغا ناھىيىسىگە جەلپ قىلىش تۈرلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
ئۇنداقتا، ئىشەك سۈتىدىن ھەقىقەتەن شۇنچىلىك يۇقىرى ئىقتىسادى قىممەت ياراتقىلى بولسا، جاڭ مىڭ نېمىشقا 6 مىليون مەبلەغ سالغان بۇ چوڭ سۈتچىلىك زاۋۇدىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە قۇرۇپ چىقىدۇ؟
بۇ سوئالغا نورۋېگىيەدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەن مۇنداق جاۋاب بەردى:
-قەشقەر شەھىرىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسى ئىمان،ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر ناھىيە. بۇ يەردىكى ئىشەك باقمىچىلىقى ناھىيىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى يۇقىرى كوتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىچكىرىدىن كەلگەن ئىشلەمچى خىتايلارنىڭ يانچۇقىنى تولدۇرۇپ بېيىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەگەر بۇ خىتايلار بۇ يەرگە ئىشەك بېقىپ باي بولغىلى كەلمىسە بۇ يەرگە نېمىشقا كەلىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش دېگەن نەرسە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ. ئىشەك سۈتى تەشۋىقاتتا دېيىلگەندەك پايدىلىق بولسا، بۇ سۈت خىتايلارنىڭ ئۆز بازىرىدا روناق تېپىپ كەتكەن بولار ئىدى.
ئىشەك گۆشى ۋە سۈتى دېگەن ئىسلام دىنىدا ھارام دەپ كۆرسىتىلگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتايلار نېمىشقا ئىشەك بازىسى قىلىش ئۈچۈن يوپۇرغا ناھىيىسىنى تاللايدۇ، ئىشەك سۈتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن تەشۋىق قىلغۇزىدۇ؟
بۇنىڭدىكى بىردىن-بىر مەقسەت بىزنىڭ گېلىمىزنى بۇلغاپ، ئاندىن دىنىمىزنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە بىزنى خىتايلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزدە ئادەم ئاۋۋال گالدىن بۇلغۇنار دېگەن گەپ بارغۇ؟ قىسقىچە قىلىپ ئېيتساق، بۇ دېگەن بىزنىڭ دىنىمىزغا، مىللىي كىملىكىمىزگە، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزگە، ئۆرپ-ئادىتىمىزگە قىلىنغان ئېغىر تاجاۋۇزچىلىق. كىم بىلىدۇ يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن، خۇددى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىدەك مەجبۇرىي چوشقا باققۇزۇپ، چوشقا گۆشى ئۇ كېسەلگە داۋا، چوشقا سۈتى بۇ كېسەلگە داۋا دەپ ئۇنىمۇ يىگۈزەمدۇ، ئىچكۈزەمدۇ تېخى؟!
ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشەك سۈتى تالقىنى ئاللىقاچان «كۆك ئىنەك سۈتى تالقىنى» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتىلىپ سېتىلىشقا باشلىغان. «بىر يوپۇرغا ئىشىكى بىر كىچىك بانكا» دېگەن شۇئار تاۋار ماركىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ چوڭ تىجارەت بازىرىنى خىتاي باقمىچىلرى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان بولغاچقا، بۇ باقمىچىلىقتىن مەنپەت ئېلىپ بېيىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ياكى يوق دېيەرلىك بولماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە تەشۋىق قىلىنمىغان ئىشەك باقمىچىلىقى، يەنە قانچىلىغان ئۇيغۇر ئائىلىسىنى ئىشلەپچىقىرىش قورالى ھېسابىدا پايدىلىنىدىغان ئىشەكلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلار؟ يەنە قانچىلىغان ئۇيغۇرلار ئىشەك سۈتى تالقىنى ئەمەس «كۆك ئىنەك سۈتى» دەپ نام بېرىلگەن ئىشەك سۈتى تالقىنىنى سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇلار؟