ئىشسىزلىق كىرىزىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەش غەرىزى
2024.10.07
2024-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئىلغار ئىستراتېگىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتتە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپى» ئېلان قىلىندى. ئوخشاش كۈندە خىتاينىڭ داڭلىق ئىقتىساد تور بېتى بولغان «خىتاي سودا خەۋەرلىرى (第一财经) » دە «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى: مەبلەغ، تېخنىكا ۋە ئەمگەك كۈچى زىچ بولغان كەسىپلەرنى شەرقىي دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا، مەركىزى شەھەرلەردىن غەربىي ئۆلكىلەرگە تەرتىپلىك يۆتكەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
ئۇنداقتا بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان مەلۇماتتىن قارىغاندا، خىتايدىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلارنى قوشمىغاندا، 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى 18.8 پېرسەنتكە يەتكەن. خىتاينىڭ بۇ ئىستاتىستىكىسى ئېلان قىلىنىپلا، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. دەرۋەقە، 25-سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان «تەكلىپ لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىدە، مائارىپ تەمىناتى بىلەن ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇش، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات يوللىرىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئارقىدىنلا، دېڭىز ياقىسى رايونلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان غەربىي رايونلارغا يۆتكەش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇقەررەر ھالدا يۇقىرىقى «تەكلىپ لايىھەسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئاشكارا.
دەرۋەقە، يۇقىرىقى ئىككى خەۋەرنىڭ بىرى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان غەربىي رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك يۆتكەش ئارقىلىق، زور مىقداردىكى ئىش ئورنى بەرپا قىلىش. يەنە بىرى، بۇ ئىش ئورۇنلىرىنى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش. دېمەك خىتاي مۇشۇنداق ئۇسۇلدا خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئىشسىزلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىگە زور مىقداردىكى نوپۇس يۆتكەش پىلانىنى قىينالمايلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. يەنى بۇ ئۇسۇل بىلەن «بىر تاش بىلەن ئىككى پاختەكنى سوقۇپ»، ھەم ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش، ھەم نوپۇس يۆتكەشتەك قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ خىل نوپۇس يۆتكەش ئۇسۇلىنى ھېچكىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەنمەيدۇ.
ئۇنداقتا، خىتاي ياشلىرىدىكى بۇ ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇرراق ئىزدىنىپ كۆرمىگەندە، ئادەمنىڭ ئەقلىگىمۇ ئاسان كېلىپ قالمايدىغان بىر مۇناسىۋەتتۇر. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، «نامراتلىقنى تۈگىتىش پىلانى» خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم دۆلەت سىياسەتلىرىنىڭ بىرى. ھەتتا خىتاينى خەلقئارادا چوڭ سۆزلىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىمۇ دەل ئۇنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار خىتاينى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىدۇر. لېكىن خەلقئاراغا ئېنىق بولمىغان مەسىلە شۇكى، بىر مىليارد تۆت يۈز مىليونلۇق غايەت زور نوپۇسنىڭ ئەڭ نامرات قاتلىمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىلىشى ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەردۇر. بۇ مەخپىيەتلىكمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش پىلانى» نىڭ ئىچ يۈزىنى چۈشەنمىگەندە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ باش-ئايىغىنى چۈشىنىشمۇ قىيىنغا توختايدۇ.
«نامراتلىقنى تۈگىتىش پىلانى» گەرچە خىتايدا ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب بولمىسىمۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە 1994-يىلى ئاتالمىش «نامراتلىقنى تۈگىتىش پىلانى» نى يولغا قويغاندىن باشلاپ، بۇ پىلانغا ماس ھالدا ئارقا ئارقىدىن «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى (1996) » ۋە «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش پىلانى (1999) » نى يولغا قويغانىدى. بۇ ئىككى پىلاننىڭ بىرى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى دۆلەت مەمۇرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بىرىنچى قول رەھبەرلىك ئىمتىيازى بىلەن يۆتكەپ كېلىش؛ ئىككىنچىسى بولسا، خىتاينىڭ 1978-يىلىدىن بۇيان سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى كارخانىچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىق مەنبەلىرىدىن ھەقسىز پايدىلىنىش ئىمتىيازى بىلەن يۆتكەپ كېلىنىشى بولغانىدى. دېمەك، «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى (1996) » نىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن خىتاي كادىرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بىرىنچى قول مەمۇرىي ھوقۇقدارىغا ئايلاندۇرۇلغان. يەنى بارلىق ھوقۇق خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ھەر ساھە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە خىتايلار بىرىنچى قول رەھبەرلىك ۋەزىپىسىگە قويۇلغاندىن كېيىن، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى كارخانىچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، بايلىق مەنبەلىرىدىن خالىغانچە، ھەقسىز پايدىلىنىشى تېخىمۇ قولايلاشقان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق مەنبەسى دېيىلگەندە، يالغۇز ماددىي بايلىقلارغا كۆزدە تۇتۇلغان بولماستىن بەلكى، يەر-زېمىن، ئەۋزەل سىياسەتلەر، ھوقۇق ۋە ئادەم كۈچى بايلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 1994-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگىچە بۇ سىياسەت سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارنىڭ سانىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە زور مىقداردا يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىشى مۇقەررەر ھالدا، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى خىزمەت ئورنىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك خىتايغا قويغان ئېمبارگولىرى نۇرغۇنلىغان چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشىگە سەۋەب بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ھەرگىزمۇ ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ «نوپۇس قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش پىلانى» مۇ ئوخشاشلا «نامراتلىقنى تۈگىتىش پىلانى» نىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە ماس ھالدا يولغا قويۇلغان. يەنى قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ ئون ئىككىنچى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىلا، شەرقىي دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى نوپۇس زىچلىقى بىلەن غەربىي رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ ئازلىقىنى، نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق دەپ بېكىتكەن. شۇنداقلا نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىشنىڭ خىتايدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى ئەھمىيىتى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىنغان. ھەتتا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا، شەرقىي دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىن غەرب رايونلارغا نوپۇسنىڭ يۆتكىلىش نىسبىتى ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا زور نىسبەتتە ئاشقان. بۇنداق بىر ئېشىشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل دېڭىز ياقىسى رايونلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ غەربىي رايونلارغا يۆتكەلگەنلىكى سەۋەبلىك بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دەرۋەقە، «سۇ تۆۋەنگە، ئادەم ئېگىزگە يامىشىدۇ» دېگەندەك، بۇنىڭدىن قىرىق يىل ئاۋۋال خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى پۈتكۈل خىتاي ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا زور بىر تۈركۈم نوپۇسنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانىدى. كىشىلەر دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا پۇل تېپىش، باي بولۇش ئۈچۈن توپلاشقانىدى. ئەمما 90-يىللاردىن باشلانغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان غەربنى ئېچىش سىياسىتى نوقۇل ھالدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش، ئۇيغۇر ئېلىنى غەربكە تەرەققىي قىلىشتىكى چىقىش ئېغىز قىلىشنىلا كۆزلىگەن ئەمەس. بەلكى، خىتاي زېمىنىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئەمما ئۇيغۇر نوپۇسى ئاساسلىق نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان بۇ زېمىنغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان ئىگىدارچىلىقىنى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىشنى باش نىشان قىلغان.
دەرۋەقە، خىتايدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى، دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى بىر ھەقىقەت. تېخىمۇ مۇھىمى، زور كۆلەمدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرىي، ئىقتىسادىي ھەقلىرىنى تارتىپ ئېلىش، قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش ياكى يوقىتىش ئارقىلىق، مەزكۇر رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش ئەسلىدە مەسىلىنىڭ تۈپ مەنبەسىدۇر.