مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۈرىنا خانىم: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ISIS گە باغلاپ قاتتىق باستۇرۇش پىلانىدا بولۇۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، ھىندونېزىيە دائىرىلىرى شەنبە كۈنى تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ 16-سېنتەبىر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا 13-سېنتەبىر پۇلائۇ سۇلاۋېسى ئارىلىدا تۆت نەپەر ئۇيغۇر ۋە ئۈچ نەپەر ھىندونېزىيەلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۆت نەپەر ئۇيغۇر تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى بىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار سوراق جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.

ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپ باياناتچىسى رافلى ئامار تۇتۇلغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىنىلا سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ھىندونېزىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قولغا ئېلىنغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى، تۈركىستان بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتايدىكى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى داۋاملىق ھالدا قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

رافلى باياناتىدا قولغا ئېلىنغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىراق-شام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ تۈركىستاندىن كامبودژا، تايلاند، مالايشىيا ئارقىلىق ئاخىرى ھىندونېزىيەگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. باياناتچى ساقچى رافلى سۆزىدە يەنە، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ۋە شۇنداقلا ISIS(ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى) گە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپاتنىڭ تېپىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ساقچى تەرەپ باياناتچىسى رافلى: «ئۇلار پەقەتلا سانتوسو ئىسىملىك تېررورچى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان. بىز سۇلاۋېسى ئارىلىنىڭ مەركىزى رايونى بولغان پوسودا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چېغىمىزدا ئۇلار قولغا ئېلىندى. تېررورچى سانتوسو بولسا ئۇزۇن مۇددەت ھىندونېزىيە ئىسلام مىلىتانلىرىغا رەھبەرلىك قىلغان. ھازىر بولسا ئىراق-شام دۆلىتى قوشۇنىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ» دېگەن.

ھىندۇنېزىيىدە تۆت نەپەر ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ ئىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلار ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتلارنى توپلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

«سرائىت تايمېس ئاسىيا» خەۋەرلەر تور بېكىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ساقچى تەرەپ تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئۇلارنىڭ قولىدىكى تۈرك پاسپورتىغا ئاساسەن دەرھال تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تەرجىمە ئىشلىرىدا ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بەرگەن.

ساقچى دائىرىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆت نەپەر ئۇيغۇر بۇ ساختا پاسپورتلارنى تايلاندتا بىرىنى مىڭ دوللاردىن، بىر مىڭ ئىككى يۈز دوللارغىچە بولغان باھادا سېتىۋالغان.

بىز ھىندۇنېزىيىدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بېرىلىۋاتقان ئوخشىمىغان قاراشلاردىكى خەۋەرلەر ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ياپونىيەدىكى خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۈرىنا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۈرىنا خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ھىندۇنېزىيىدە تۇتۇلغان تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ھازىرچە بىز ھېچنېمە دېيەلمەيمىز. سەۋەبى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى گە باغلاپ يەنە قايتىدىن قاتتىق باستۇرۇش پىلانىدا بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ مىسالى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيەدىكى ياپون تىلىدىكى تور بېكىتىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ھەققىدە بەزى ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يەنە قانداق شۇملۇقلارنى ئويلاۋاتىدۇ؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىدە سوغۇق قان بولۇشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.