خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكى (1)
2017.04.06

خىتاي دائىرىلىرى 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامنى» دۇنيا مىقياسىدا بىر زور غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسىنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي كىملىكى يېڭىۋاشتىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئاشكارا ئۇچۇر مەنبەلىرى 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» ئاتالغۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنى تېزدىن «ئىسلام تېررورلۇقىغا قارشى تۇرۇش» شەكلىدە ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى بولسا رۇسىيەنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان چېچەنىيە ۋە داغىستان رايونىدىكى پائالىيەتلىرىدە ئەكس ئەتسە، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ئاساسەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئىسلام دىنىنى تەقىب قىلىش تەدبىرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ كېلىۋاتقان رايان بېتلىر بۇ ھەقتە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان «خىتايدىكى ئىسلام ۋەھىمىسى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، دىكتاتورىلىق ۋە دۇنياۋى قورقۇنچ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىغا قارىتا ئىزچىل يولغا قويۇپ كەلگەن دىنىي سىياسەتلىرى ھەرقاچان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش» چاقىرىقى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي يەشمىسى يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پارتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك قازاق ئەمەلدار شارخات ئاخاننىڭ «خەلقئارادىكى تېررورلۇق يۈزلىنىشى شىنجاڭدا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلماقتا» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يېڭى ئامېرىكا ۋەخپى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور پاترىك مېيېر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىر خەلقئارادىكى ئومۇمىي ئېقىمدىن پايدىلىنىپ يەرلىك رەھبەرلىك قاتلىمى ئارقىلىق خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە پايدىلىق سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئۇلار (خىتاي ھۆكۈمىتى) خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تاشقى دۇنيادىن بىخەتەرلىك ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىۋاتقان يېرىمۇ بار. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خالىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرگە ئاسانلا ‹ئەسەبىيلىك› قالپىقىنى كىيدۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي كۆرۈنۈشتە خەلقئارادىكى زور كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ خىلدىكى خەلقئارالىق يۈزلىنىشلەرگە ماسلىشىۋاتقاندەك بىر قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئەمما سىز تىلغا ئالغان ئەھۋاللار، يەرلىكتىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئىجادىيەتلىرى ئەمەس. چۈنكى، بۇ خىلدىكى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى يوق، ھېچقانداق ئۇيغۇر باشلىق بۇنداق ئىشلارنى بىر قوللۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ بىر ياقلىق قىلالمايدۇ. نېمىشقا دېگەندە، پارتىيە ھوقۇقىنى تۇتقۇچىلار ھەرقاچان خىتايلاردىن تەيىنلىنىدۇ. ئەنە شۇ خىتايلار بۇ خىل سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىدۇ ھەمدە ئىجرا قىلىشقا تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەھۋال دىنىي ساھەدىمۇ ئوخشاش، بۇ يەردىمۇ ھېچقانداق ھۆرمەت مەۋجۇت ئەمەس، يەنى ئىماملارمۇ كومپارتىيەنى مەدھىيىلەيدىغان تەبلىغلەرنى قىلىۋاتىدۇ.»
پاترىك مېيېرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر يولغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك مىللىي ۋە دىنىي سىياسەتلەر، ماھىيەتتە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايغا قوشۇۋېتىش نىشانىنىڭ رېئاللىقتىكى ئىنكاسى ئىكەن. بۇ باش نىشان خېلى بۇرۇنلا بىخ تارتقان بولسىمۇ، ھازىر ئۇ زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتمەكتە ئىكەن. ئەمما بۇ خىل سىياسەتلەرگە قارشى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان قارشىلىقلارنى «تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تەسىرى» گە چېتىپ قويۇشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«خۇددى سىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاي كۆچمەنلىرى ئىزچىل ھالدا زور كۆلەم بىلەن (ئۇيغۇرلار دىيارىغا) كۆچمەكتە. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تېزلا بۇ يەردە ئاساسلىق مىللەت بولۇشتىن قېلىۋاتىدۇ، ئىلگىرى ئۇلار نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان بولسا، ھازىر 50 پېرسەنتىكىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. خىتايلارنىڭ بۇ خىلدىكى كۆچۈشى بولسا داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىچكىرىدىكى باشقا ئۆلكىلەر ھەمدە شەھەرلەر بۇ جايدا تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى تاماملاپ شىنجاڭنى ‹تەرەققىي قىلدۇرۇش› ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كۆچمە نوپۇسنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. دەرۋەقە بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن ھېساپلاشماستىن بۇ رايونىنى خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قوشۇۋېتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. مېنىڭ چۈشەنچەم بويىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر يۈز بېرىۋاتىدۇ، خىتايلار كەلگۈسىدە شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپلەپ بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، شىنجاڭنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بەكمۇ زور، زېمىن ۋە ماكان، تەبىئىي بايلىق، سەككىز دۆلەت بىلەن قوشنا بولۇشتەك ئىستراتېگىيىلىك ئورنى قاتارلىقلار خىتاي كۆچمەنلىرىنى بەكمۇ كۆپ پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتكەچكە، ئۇلار توختاۋسىز كۆچۈشى مۇمكىن. ھالبۇكى، نەق مۇشۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك مەسىلىسى مەيلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسۇن ياكى خىتايلار ئۈچۈن بولسۇن، ئوخشاشلا مۇھىم قىممەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەر ھەمدە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىش يوللىرى ئېنىقكى مەغلۇپ بولغىنى بولغان. ئەمما ئەھۋال قايسى دەرىجىدە بولسۇن، شىنجاڭدا تاشقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى يوق، ھېچبولمىغاندا روشەن دەرىجىدە رول ئوينىغۇدەك دەرىجىدە مەۋجۇت ئەمەس. مەيلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسۇن ياكى تالىبان بولسۇن، ھېچقايسىسىنىڭ تەسىرى يوق، بۇلارغا چېتىشلىق يېرىمۇ يوق. ھەممىسى ئىچكى ئامىللارنىڭ رولى ئارقىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئەھۋاللار، خالاس. يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلەرگە ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.»
راياننىڭ بايانلىرىدا ئېيتىلىشىچە، دەرۋەقە خەلقئارادىكى «تېررورلۇق يۈزلىنىشى» دېگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزدە تۇتقىنى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن د ئا ئىش ش تەشكىلاتى ۋە بۇنىڭغا باغلىنىشلىقى بار، دەپ قارىلىۋاتقان سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. گەرچە بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئۇچۇر مەنبەلىرى سۈرىيەدىكى ئۇرۇش قايناملىرىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي بېسىملاردىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە قاچاق يوللار ئارقىلىق خىتايدىن قېچىپ چىققانلىقىنى روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرىۋاتسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا مۇشۇنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىگە قارىتىلغان تۈرلۈك ھۇجۇملىرىنى جىددىي كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى سۈپىتىدە 1-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نىزامى» ھەمدە ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش نىشان قىلىنغان مەزمۇنلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
بۇ يېڭى «نىزامنامە» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن كۆپلىگەن ئامىللار، جۈملىدىن ئىسىم قويۇش، ساقال قويۇش ھەمدە رومال ئارتىش قاتارلىقلار «ئەسەبىيلىك» نىڭ بەلگىلىرى سۈپىتىدە قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئۆزىلا خەلقئارادا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە بىر چوڭ سوئال بەلگىسىنى قويغان ئىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، ئامېرىكىغا قاراشلىق ساموئا ئارىلىنىڭ سابىق باش سوتچىسى ھەمدە دىپلومات گروۋېر رېس ئەپەندى بۇ خىلدىكى دىنىي ئېتىقادنى دۆلەت يۆلەك بولغان ھالدا زورلۇق كۈچ ئارقىلىق چەكلەش قىلمىشىنىڭ ھېچقانداق بىر خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «شۈبھىسىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرغان ئەمەس. خىتاي خۇددى باشقا دىكتاتورا دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا دىكتاتورىلىق ئاساسىدىكى مەملىكەت بولغاچقا، شەخسلەرنى يۈز پىرسەنت دۆلەتكە سادىق بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مۇشۇ خىلدىكى ساداقىتى يوق كىشىلەرنى ئىشقا قويۇشتىن بەكمۇ قورقىدۇ، خۇداغا سادىق كىشىلەرنى بولسا ھەرگىزمۇ ئىش بېشىغا يېقىن كەلتۈرمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەردىن بەكمۇ ھۈركۈيدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ‹ئەسەبىيلىك› دېگەندىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەمما بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە شۇكى، ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان دىن خىتاي كومپارتىيەسى ئىجات قىلغان شەيئى بولمىغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيە بۇنىڭدىن ئىزتىراپقا چۈشۈۋاتىدۇ ۋە خەۋپسىرەۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتە باشقا دىنلارغىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبلەردىن ئۇلار ئىسلام دىنىنى بىر تۈرلۈك تەھدىت دەپ قارىماقتا ھەمدە تېررورلۇق ھادىسىلىرى ھەرقاچان مۇسۇلمانلار بىلەن باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقتەك بىر ۋەزىيەتتىن پايدىلانماقتا. بۇ ئارقىلىق بۇ مۇسۇلمانلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى قىلىشنىڭ قەستىگە چۈشكەن گەپ.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى بۇ سىياسەتلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلار خىتايدا باش كۆتۈرۈشكە يۈز تۇتقان ئىسلام ۋەھىمىسى ھەمدە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى ھەققىدە كۆپلەپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلماقتا ئىكەن.