ياپونىيە ژۇرنىلى: جۇڭگودىن قېچىپ «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قاتنىشىش

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى.
ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدىن چىقىدىغان ياپون تىلىدىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلى 9-ئاۋغۇستتىكى سانىدا ژۇرنالىست بىسانىئارېن ئىباراھىمى ئامنىڭ «جۇڭگودىن قېچىپ ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» ناملىق ئۇيغۇرلارغا دائىر ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

ماقالىدە ئالدى بىلەن سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قاتنىشىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ ئۇنىڭدا:«ھازىر سۈرىيەدىكى ‹ئىسلام دۆلىتى›تەشكىلاتىدا جەمئىي تۆت مىڭ نەپەر چەتئەللىك بار. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 114 نەپەر» دېيىلگەن ۋە ئۇيغۇرلار ساننىڭ 20-ئىيۇل ئامېرىكىدىكى «يېڭى ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزى» ئېلان قىلغان دوكلاتتىن نەقىل ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

شۇنداقلا «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا جەمئىيەت «خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ چىققان ياشلار» دەپ باھا بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى يەنىلا تېررورچىلار دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەلىك قانۇنشۇناس يامادا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلار ئۆز ماكانلىرىدا خىتاينىڭ تۈرلۈك دىنىي بېسىملىرىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۆز يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا شۇنداقلا ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بۇ يوللارنى تاللىغان» دېدى.

ماقالىدە ئامېرىكىدا ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغۇچى نېيىتروزېنبۇراتنىڭ قارىشىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا:«سۈرىيەدىكى ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىغا توپلانغان چەتئەللىكلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كەمبەغەل، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى ئۆز يۇرتلىرىدا ئاساسەن ئىشچى بولغانلار ئىكەن» دېيىلگەن.

ماقالىدە «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 73% ئىنىڭ ئاساسەن 2014-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 10 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلىرى ۋە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكىلىق نېيىتروزېنبۇراتنىڭ ئېيتىشىچە: «‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشسىز قالغان، مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن، پۇلىمۇ يوق،خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن چەتئەلگە چىقىشى تولىمۇ تەس» ئىكەن.

ماقالىدە «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېيىتروزېنبۇراتنىڭ بەرگەن باھاسىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ ئۇ: «‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار رەسمىي جىھادچىلار ئەمەس، ئۇلار جىھادتىن خەۋەرسىز ياشلار. ئۇلارنىڭ 110 نەپىرىدىن ‹سىلەر ئىلگىرى جىھادقا قاتناشقانمۇ؟› دەپ سورىغاندا، ئۇلار ‹ياق› دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭغا پەقەت تۆتلا ئۇيغۇر جاۋاب بەرمىگەن. يەنە ئۇلاردىن ‹سىلەر ئىلگىرى چەتئەلگە چىقىپ باقانمۇ؟› دەپ سورالغاندا، ئۇلاردىن 70% ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىققانلىقىنى بايان قىلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق شۇنداقلا چەتئەللەردىكى باشقا ‹جىھاد› تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىمۇ يوق. ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىدىكى باشقا چەتئەللىك ئەسكەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئۇيغۇرلار رادىكال ئىسلامچىلاردىن ئەمەس، ئۇلار پەقەت خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ دۇنيانىڭ خالىي بىر يېرىدە ياشاش يولىنى تاللىغان ياشلار» دېيىلگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ 1930-ۋە 1940-يىللىرىدا ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغانلىقىنى شۇنداقلا ئەسىرلەر بويى ئۆزلىرى ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ تۇپراققا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپلەپ يەرلىشىشىنى ئەسلا خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئىسلامى دىنىي ئېتىقادى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى بىردىن ‏- بىر يولى دەپ تەرىپلىگەن.

1990-يىللاردىن كېيىن كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقلىرى خىتايلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي ئىمتىيازلاردىن قۇرۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىملىكى دەپسەندە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىپ بۇنىڭ بىلەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ماقالىدە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىنى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارشى ھەرىكەتلەر دەپ ھېسابلىسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكال ئىسلامچىلارغا ۋە شۇنداقلا خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا باغلاپ ئۇلارنى خەلقاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2013-يىلى 10-ئايدا تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىدا بەش كىشىنىڭ، 2014-يىلى 3-ئايدا كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاق ھۇجۇمىدا 30 كىشىنىڭ، 2015-يىلى 2-ئايدىكى باي ناھىيەسىدىكى كۆمۈركانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 30 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمىشە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا باغلاپ تەنقىدلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورلىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ چەتئەللەرگە چىقىشىنىڭ تولىمۇ تەسلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا رويتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ تۈركىيەگە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق كېلىپ يەرلەشكەن بىر قىسىم مۇساپىر ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە كۆپىنچە ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ھەر جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ماقالىدىن خەۋەردار بولغان ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى مائېدا يۇرى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتايدىن قېچىپ ‹ئىسلام دۆلىتى› تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئەلۋەتتە خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققان ياشلار. بۇنىڭ سەۋەبچىسى يەنىلا خىتاي كومپارتىيەسىدۇر. بىراق، بۇ ياشلارنىڭ بۇنداق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇشىغا باھانە بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن» دېدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت