ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەمكارچىسى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.10.23
مۇستافا ئاقيول: «ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يېتىم› قالدۇرۇلۇشى ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال» ئىسلام تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن كارتون. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
Yettesu

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بويىچە تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلار ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىپ، خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش، يوقىتىش، دىنسىزلاشتۇرۇش ۋە ئاخىرىدا جۇڭخۇا مىللىتى نامى ئاستىدا خىتاي مىللىتى ۋە مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈشتۇر.

 ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدى. ھەتتا 2022-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتتىمۇ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى شەكسىز بىر رېئاللىق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەنىلا داۋام قىلىۋاتماقتا. بۇنداق بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرى دەل ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان سۈكۈتىدۇر.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن يەنى 2024-يىلى 16-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا زىيارەتتە بولغانىدى. گەرچە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي سەپىرى ئەزا دۆلەتلەردە ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئورگان تور بېتىدە تەشۋىق قىلىنمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇ زىيارەتنىڭ ئىسلام ئەللىرى خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تولىمۇ ئېنىق. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىلىمۇ «شىنجاڭ زىيارىتى» قىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان. مەزكۇر تەشكىلات بىلەن خىتاينىڭ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ۋە بۇ ئېمبارگونىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا قاقشاتقۇچ زەربە بولغانلىقى ئاشكارا. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقى سەۋەبلىك ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىش بەدىلىگە خىتايغا يېقىن بولۇشىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە خىتايدىن قورقۇش سەۋەبلىك يۈز بەرمەكتە. دېمەك، خىتاي بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئوخشاشلا ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىر بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە. ئەجەبا، ئىسلام نامىدىكى بۇ ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتەك مۇھىم ئەمەسمۇ قانداق؟

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 19-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا زىيارەتكە كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان. ما شىڭرۈي ئالدى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «خەلقئارادا خىتاينىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولغانلىقى» غا رەھمەت ئېيتقان. ما شىڭرۈي سۆزىدە، خىتاينىڭ قانۇن بويىچە «تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەربىر پۇقرانىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلغانلىقى» نى؛ ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ «شىنجاڭ ھەققىدىكى يالغانلارنى ئويدۇرۇپ» چىقىپ، كىشىلىك ھوقۇق شوئارىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، خىتايغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ «شىنجاڭ نامىدا خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى» ئىكەنلىكىنى؛ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىملىق شىنجاڭ زىيارىتىدە بۇ يەردىكى «ھەقىقىي رېئاللىق» نى كۆرگەنلىكىنى؛ شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ كۆرگەنلىرىنى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ تارقىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

دەرۋەقە، ما شىڭرۈينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە جاۋابەن، پەلەستىن، قىرغىزىستان، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىرىمۇ خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» غا يۇقىرى باھالارنى بەرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدەك يالغانچىلىقنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خىتاينى قارىلاۋاتقانلىقى» غا ھەقىقىي ئىشەنگەنلىكلىرىنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ يەردە بىر نەرسە ئېنىقكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە خىتاينى قوللىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىغانلىقى دەپ قارىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك يەنە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، دىنىي ئاشقۇنلار دەپ قارايدۇ ياكى خىتاينىڭ شۇنداق تەشۋىقاتىنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر.

ئەمەلىيەتتە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشلىرى، خەلقئارادا كۈچلۈك مۇنازىرە ۋە گۇمان قوزغاپ كەلگەن بىر مەسىلە ئىدى. چۈنكى بۇ تەشكىلات ئىسلام ئەللىرى ئىچىدىكى مۇھىم تەشكىلات بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق ئاۋازى دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر تەشكىلات 1969-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان پەلەستىن مەسىلىسىنى كۈچلۈك قوللىغان ۋە ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلەپ نۇرغۇن باياناتلارنى بېرىپ كەلگەن. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان روھىنگالىقلار ئۈچۈن، مىيانمار ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلغان. سۈرىيە ۋە ئەرمېنىيەدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىچكى ئۇرۇشلار شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنى ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا پاتۇرۇپ قويغىنىدا، مەزكۇر تەشكىلات بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقارغان. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلار، گۇۋاھلىقلار ئالدىدا، بۇ تەشكىلات سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى. تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، بۈگۈن بۇ تەشكىلات يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىغا ئاۋاز قوشۇشنى باشلىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تۇتقان بۇ خىل مۇئامىلىسىنىڭ، مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان 57 دۆلەتنىڭ ئورتاق قارارى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىدا گەپ يوق! تېخىمۇ مۇھىمى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇش ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەنىدى. بۇ خىل تەنقىدلەردىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازىنى قايتا تىكلەشتە، بىرى، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتايدىن ۋاز كېچىش ۋە ئۇنى تەنقىدلەش؛ يەنە بىرى بولسا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە داۋاملىق يالغان سۆزلەش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى خىتاي بىلەن تەڭ تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى «ئىسلامنىڭ ئادالىتىنى ساقلاش» تىن باشقا ھېچقانداق مەنپەئەتتە ئېرىشتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما خىتايغا يېقىن بولۇش، بۇ تەشكىلات ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايدىن كېلىدىغان نۇرغۇن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىغا ئۇلار شەكسىز ئىشىنىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشتىكى تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاۋازى بولۇشتەك بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىسىزمۇ ھامان ھەل بولىدىغانلىقى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەسىلە كۆزدىن ساقىت قىلىنغاندا، دۇنيادا ئادالەت ياكى تىنچلىقنىڭ داۋام قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىدە ئۆزى ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى يۆنىلىشتە ئىش تۇتۇشى، خەلقئارادا تىكلىگەن «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» بولۇشتەك ئوبرازىنى پۈتۈنلەي خۇنۈكلەشتۈرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىنىڭ زادى بار ياكى يوقلۇقى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلىپ، بۇ ئورگاننىڭ ئىناۋىتىنى پۈتۈنلەي ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.