شەيخ ياسىر قازى :«ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چۈشۈشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.10.01
yasir-qazi-provided-by-himself.jpg ئامېرىكىدىكى رودېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياسىر قازى.
Yasir Qazi özi teminligen

مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇشلۇق بولغان دىنىي ئالىم، ئامېرىكىدىكى رودېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياسىر قازى 2018-يىلى ئىيۇل ئېيىدا مۇسۇلمانلار زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە خىتاينىڭ بېيجىڭ، شىئەن، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. شۇ جەرياندا ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى بادالىڭ رايونىغا جايلاشقان سەددىچىن سېپىلىغا چىققاندا جانلىق شەكىلدە تارقاتقان «يەجۈج-مەجۈجلەر ۋە سەددىچىن سېپىلى» ھەققىدىكى قىسقا ۋىدىيوسى مۇئەييەن غۇلغۇلا قوزغىدى. ئۇ بۇ قىسقا ۋىدىيودا «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان يەجۈج-مەجۈجلەرنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشنى ئىنكار قىلىپ «‹قۇرئان› دىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين بىلەن تارىختىكى ئىستېلاچى ئالېكساندېر ماكېدونىسكى بىر شەخس ئەمەس، يەنە كېلىپ ‹قۇرئان› دىكى ئىسكەندەر يەجۈج-مەجۈجلەر ئۈچۈن سوققان تامنىڭ سۈپەتلىرى سەددىچىنگە چۈشمەيدۇ» دېگەن ئىدى.

«يەجۈج-مەجۈجلەر» ھەققىدىكى ھەقىقەتنىڭ قانداق بولۇشىدىنمۇ كۆرە، ياسىر قازىنىڭ دەل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن مەزكۇر ۋىدىيوسى كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتىنى نارازى قىلغانلىقى مەلۇم. شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «خىتاي ئۈچۈن سۆز قىلغانلىق» دەپمۇ قارالدى. بىز بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە مىكروفونىمىزنى دوكتور ياسىر قازىغا ئۇزاتقىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ سەپىرى جەريانىدا كۆرگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. سۆھبىتىمىز ئەنە شۇ تەرىقىدە باشلاندى.

سوئال: ئالدى بىلەن بۇ يىل ياز ئايلىرىدىكى خىتاي سەپىرىڭىزگە كېلەيلى: شۇ قېتىملىق سەپەر بىرەر سىياسىي ياكى دىنىي تەشۋىقاتنى كۆزلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن تەشكىللەنگەنمۇ؟

ياسىر قازى: ياق، ياق. مەن ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بويىچە سەپەر قىلىپ تۇرىمەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ پەلەستىن، ئەندالۇس (ئىسپانىيە) دېگەندەك جايلارغا بارغانمەن. كۆپلىگەن كىشىلەر، جۈملىدىن بىر قىسىم دوستلىرىم يىللاردىن بۇيان ماڭا خىتايغا بېرىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇ جايدىكى ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا 2016-يىلى مۇشۇ قېتىمقى سەپەرنى پىلانىمغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم. مەن خىتايغا بېرىشنى قارار قىلغان ئۇ يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدەك ئۇنداق يامان ۋەزىيەتتە ئەمەس ئىدى، تاشقى دۇنيامۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيتتى. ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا بەكمۇ تېز ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ھالبۇكى بىز ئايروپىلان بېلىتى، ياتاق دېگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ سەپىرىمىز باشلىنىشتىن تۆت-بەش ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. ئۇ ۋاقىتقا كەلگەندە سەپىرىمىزنى بىكار قىلىشقا ئاساسەن ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مۇشۇ قېتىملىق سەپەر ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ زور دىققىتىنى تارتىشنى ئويلاپ قالدىم. ئەمما بۇ سەپىرىمىزنىڭ مەقسىتىگە كەلسەك ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق، بىز ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنىمۇ قىلىۋاتقىنىمىز يوق. بىز ئاساسلىقى ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدىكى تارىخى ۋە ئەڭ دەسلەپكى مۇسۇلمانلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇشنى كۆزلىدۇق. بۇ قېتىمقى سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى نۇتۇقلىرىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدىم.

سوئال: رەھمەت! خىتايدىكى ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇرلار دىيارىغا بېرىشقا مۇمكىنچىلىك بولدىمۇ؟ ياكى شۇنداق قىلىشقا تىرىشىپ باقتىڭىزمۇ؟

جاۋاب: شۇ چاغدىكى ساياھەت شىركىتى بىزگە «ھازىر ئۇ جايغا بېرىش خەتەرلىك» دېدى. باياتىن ئېيتقىنىمدەك ئۆمىكىمىزدە 100 مۇسۇلمان بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقاللىق، ھېجاپلىق دېگەندەك كىشىلەر بولۇپ، سەپەر جەريانىدا نامازنى قازا قىلماي ئوقۇپ تۇردۇق. شۇڭا ھەممىلا جايدا بەكلا ئاشكارا كۆزگە چېلىقاتتۇق. شۇ سەۋەبتىنمىكىن بىز شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش ئارزۇيىمىز بارلىقىنى ئېيتساق ساياھەت يېتەكچىسى «ئۇ يەردە سىلەرنىڭ ئامانلىقىڭلارغا كېپىللىك قىلىپ بولالمايمىز» دەپ ئۇنىمىدى. خۇدايىم بۇيرۇسا مېنىڭ ئارزۇيۇم شۇ: شارائىت يار بەرگەندە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش، شۇنداقلا ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش خىيالىم بار. ئۇ جايدا ھازىر نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنىلا ئەمەس، يەنە دۇنياغا بۇ كىشىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ شۇنچە ئۇزاق ئەسىرلىك ئىسلام تارىخىنىڭ قانداق داۋام قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ «يىپەك يولى» مەدەنىيىتىدە قانداق رول ئوينىغانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ تونۇشتۇرماقچىمەن. 2018-يىلى يازدا بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن قاتارلىق جايلارغا بارغاندا 2019-يىلى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ «يىپەك يولى» ساياھىتىنى قىلايلى، دەپ پىلانلىغان ئىدۇق. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن بۇ پىلانلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ.

سوئال: كۆپ رەھمەت! 2018-يىلىدىكى سەپەردە كۆرگەنلىرىڭىزگە ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدىكى ئومۇمى ئەھۋالىنى قانداق باھالايسىز؟

ياسىر قازى: بۇنى سورىسىڭىز مەمنۇنلۇق ۋە پەرىشانلىقنىڭ ھەر ئىككىسى مەۋجۇت. مۇسۇلمانلارنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلۈكى مېنى بەكلا خۇشال قىلدى. ئامېرىكىدا ئۇنداق ھەممىلا يەردە مۇسۇلمانلارنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس. يەنە كېلىپ ھەممىلا جايدا ھالال رېستورانلارنىڭ بارلىقىدىنمۇ بەك خۇشال بولدۇم. ئىسلام دىنىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرگە ئورتاق ئىكەنلىكىمۇ كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ. ئۇيغۇر، قازاق دېگەندەك مىللەتلەرگە بۇ دىن ئورتاق ئىكەن. بىز بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كۆردۇق. يەنە خۇيزۇ (تۇڭگان) لارنىمۇ كۆپ ئۇچراتتۇق. ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدا شۇنچە ئوزۇق تارىخقا ۋە شۇنچە كۆپ ئۈممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئومۇمەن خۇشال بولدۇم. كۆڭلۈمنى غەش قىلغىنى خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش دىنىي ئەركىنلىككە ۋە ھوقۇقلارغا ئېگە بولماسلىقى، ئىسلام دىنىغا بولغان چەكلىمىلەر، مەسچىتلەرنىڭ كونترول قىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىسلام دىنى ھەققىدە تەربىيە بېرىشكە قادىر بولالماسلىقى دېگەنلەر بولدى. بۇلارنى مەن ئۆزۈمنىڭ تورلارغا قويغان لېكسىيەلىرىمدە ئالاھىدە تەكىتلىدىم. بۇ ئەھۋاللارغا قارىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولۇپ، بۇ جايدا ھېچكىم مەسچىتلەرنى باشقۇرمايدۇ، ھۆكۈمەت ھېچقاچان مەسچىتلەردە نېمىلەرنى سۆزلەشنى بېكىتىپ بەرمەيدۇ، بىزگە بۇ جايدا تولۇق دىنىي ئەركىنلىك بېرىلگەن.

سوئال: ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا بىز ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا نېمىلەرنى ئالاھىدە بىلدۈرۈشىمىز لازىم، دەپ قارايسىز؟

ياسىر قازى: مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز بۇ ئەھۋاللارنى تەكىتلەشتۇر. شەخسەن مەن ئۆزۈمنىڭ فېيسبۇكتا ئېلان قىلغان كۆپلىگەن يازمىلىرىمدا ۋە مەسچىتلەردىكى خۇتبىلىرىمدا بۇنى قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق ئىماملار ۋە مۇسۇلمانلار جامائىتى قولىدىن كېلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ ۋەھشىيانە ئۇسۇللارنى ئۆزگەرتىشكە بېسىم قىلىشى لازىم. مەن ئۆزۈم سىياسىيون بولمىغانلىقىم ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرى توغرىسىدا بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. ئەمما بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ۋە شەيخ، شۇنداقلا جامائەت ئەربابى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ۋەزىپەم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش، شۇنداقلا دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا بولغان يۈكسەك دىققىتىنى قوزغاشتۇر. شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۈممىتى بۇ ئەھۋاللاردىن ياخشى خەۋەردار بولۇشى، بىزمۇ كوللېكتىپ ھالدا بۇ ئەھۋاللاردىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىش، شۇ ئارقىلىق بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى، سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قىيناق ۋە جازاغا مەھكۇم بولۇشىدەك پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتنى تونۇتۇشىمىز لازىم. ھازىرقى بۇ تېراگېدىيە ئىسلام دىنى بىلەن سىغىشالمايدۇ. خىتاينىڭ «ھەممىلا كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار» دېگەندەك ئالاقىدار قانۇن ماددىلىرى بىلەنمۇ سىغىشالمايدۇ. شۇڭا بىزدەك سىرتتىكى ئىنسانلارنىڭ ۋەزىپىسى بۇ خىل «ئىككى يۈزلىمىلىك»نى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشتۇر.

سوئال: سىز تىلغا ئالغاندەك خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش دېگەندەك ئىشلارنى ئاساسەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب ئەللىرى قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى مۇسۇلمان ئەللىرى بۇ توغرىلىق زۇۋان سۈرمەي سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەلىماتلىرى بۇ ئىشلار بىلەن پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ. بۇلارنى قانداق چۈشىنىشىمىز لازىم؟


ياسىر قازى: بۇ دەرۋەقە تولىمۇ ئېچىنىشلىق رېئاللىق. كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەگىشىشنى خالىمايۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆز نەپسى بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خىتايدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تىراگېدىيەلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال يەنە سۈرىيە مۇساپىرلىرى ۋە پەلەستىن خارابىلىكىدىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك ھادىسىلەردۇر. مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر بىر شەخسنىڭ بۇ خىلدىكى پاجىئەلەرگە قارىتا قولىدىن كېلىشىچە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى ھەممىمىز شەخس سۈپىتىدە ئاللاغا ھېساب بېرىمىز. گەرچە بىرەر ھۆكۈمەتكە بۇيرۇق چۈشۈرۈش سالاھىيىتىم بولمىسىمۇ ئۆز ئاۋازىم، تىلىم، فېيسبوك سەھىپەم ئارقىلىق بۇ جەھەتتە قولۇمدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا تىرىشىمەن. سىزمۇ ۋە باشقا كىشىلەرمۇ شۇنداق قىلىشقا تىرىشىشى لازىم. ھەممىمىزلا مۇشۇنداق قىلىشقا تىرىشساق، خۇدايىم بۇيرۇسا چوقۇم بىر نەتىجە چىقىدۇ.

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياسىر قازى تېكساس شتاتىنىڭ خيۇستون شەھىرىدە تۇغۇلغان. بەش يېشىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە كۆچۈپ شۇ جايدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپ خيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە ئىنژېنېرلىقى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1996-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ ئەرەب تىلى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 2005-يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بولغان يېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.