خىتاينىڭ جىنايىتىنى سۈكۈت ئىچىدە قوللاۋاتقان ئىمران خان بىلەن تاييىپ ئەردوغان «مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىچىسى» بولالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.06.25
مۇستافا ئاقيول: «ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يېتىم› قالدۇرۇلۇشى ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال» ئىسلام تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن كارتون. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
Yettesu

دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئاشكارە قارشى چىقىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى يەنىلا سۈكۈتتە تۇرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى نامرات، ئىقتىسادى ياخشى ئىسلام دۆلەتلىرىدە دېموكراتىيە يوق، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتى ئەۋجىگە چىقتى. خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن تۈركىيەگە كۆپرەك مەبلەغ سېلىشى بۇ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ نىسبەتەن ئەركىن پىكىر قىلالايدىغانلىقىدا، شۇڭا خىتاي ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىنى ئېتىشى كېرەك» دېدى.

يېقىندا پاكىستان باش مىنىستېرى ئىمرانخان ئاكشەس(Axios) تاراتقۇسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرغا قامىغانلىقى مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا قالماي، خىتايغا ئوخشاشلا ئۇنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولغان. مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «خىتاي مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قامىدى، سىز دائىم غەربتىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ھەققىدە گەپ قىلىسىز، ئەمما نېمىشقا خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا گەپ قىلمايسىز؟» دەپ سورىغاندا ئۇ: «بىز خىتاي بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنداق گەپ بولمىدى» دېگەن ۋە پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق ئىختىلاپنى ئۆز ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاندىن خىتاينى ماختاپ: «بىز ئىقتىسادىي قىيىنچلىقتا قالغان ۋە بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان چاغدا، خىتاي بىزنى قۇتقۇزدى، خىتاي بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستىمىز،» دېگەن. ئۇ يەنە غەربنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، كەشمىردىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىقنى كىچىكلىتىشكە ۋە ئۇنى كۆرمەسكە سېلىشقا تىرىشقان. مۇخبىر ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇدۇل رەددىيە قايتۇرۇپ: «ئەجىبا، سىز خىتاينىڭ پاكىستانغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشتىن نومۇس قىلمامسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئىمران خان يەنە گەپ يورغىلىتىپ، مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئاخىرىدا مۇخبىر: «دېمەكچى بولغىنىم، سىز ئەمدى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قەتئىي كۆڭۈل بۆلمەمسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئىمرانخان يەنە «بىز بۇ ئىشنى ھەر دائىم خىتاي بىلەن ئۆز ئىچىمىزدە مۇزاكىرە قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دۇنياسى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان پاسسىپ پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ قىلمىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزەرىدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ يۈزىگە چۈشكەن بىر داغ بولۇپ تارىخقا يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستان بىلەن تۈركىيە ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنىلا ئىقتىسادىي ئامىل بولۇپ، خىتاي بۇ ئىككى دۆلەتكە ناھايىتى نۇرغۇن مەبلەغ سالدى».

پاكىستان خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگەن ۋە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىنغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «پاكىستان-خىتاي ئىقتىساد كارىدورى» تۈرىگە ئون مىليارد دوللاردىن كۆپ مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە پاكىستاندىكى گۋادار پورتى ۋە خىتاي-پاكىستان تۆمۈر يولى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن. گۋادار پورتى خىتاينىڭ ئامېرىكا كونتروللۇقىدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دېڭىز يولىنى قىسقارتىش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى ئازايتىش ئۈچۈن قۇرغان دېڭىز پورتى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت ئېلىش، جەنۇبىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىغا ۋە ياۋروپاغا مال ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىكەن. خىتاي-پاكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى بولسا 2008-يىلىلا پىلانلانغان بولۇپ، گۋادار پورتى بىلەن قەشقەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش جۇغراپىيەلىك شارائىت تۈپەيلىدىن قىيىنغا توختىغان ۋە چىقىم بەك ئېشىپ كەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا يەنە ئاز دېگەندە 300 مىليارد يۈەن كېتىدىكەن ۋە 15 يىلدا تاماملىنىدىكەن.

يېقىندا Vox تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ خىتايدىن مەنپەئەت كۈتۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغانغا تولىمۇ ئوخشايدىكەن، بۇ ئىككى رەھبەر ئۆزلىرىچە «مۇسۇلمانلارنىڭ ھېمايىچىسى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىلەن، ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالىدىكەن، چۈنكى خىتاينىڭ پۇلى ئۇلارنى سۆزلىيەلمەس قىلىۋەتكەنىكەن. پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تاغدەك ئىشەنگەن ۋە يۆلەنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە پاكىستاننى قەرزگە بوغۇپ قويۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران قىلىشى، 2018-يىل سىرىلانكا پورتىنى قانداق سېتىۋالغان بولسا، پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنىمۇ شۇنداق سېتىلىۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن. تۈركىيەنىڭ ئەھۋالىمۇ پاكىستانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىن ئون مىليارد دوللاردىن كۆپ قەرز ئالغان، 2020-يىل خىتاي تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلىتىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جىم تۇرۇۋالغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىگەنلەرنى جىمىقتۇرغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇرغان. نۆۋەتتە، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىستانبۇل قانىلى» قۇرۇلۇشىنى خىتايغا ساتىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر مەۋجۇت ئىكەن.

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا خىتاينىڭ پاكىستان بىلەن تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنى ئايرىپ قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتدە ئىقتىسادىي مەسىلە، سىياسىي جەھەتتە بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. پاكىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىدە گىئو-سىياسىي ئامىلنىڭ تەسىرى چوڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تەسىرى تۆۋەن».

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتلىرى گەرچە خىتايغا يېقىن بولسىمۇ، خەلقى ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەردە بىزنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. غەرب ئەللىرىدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى دېموكراتىك ئەللەردە بولغاچقىلا بىزنى ئاشكارە قوللاۋاتىدۇ، ئەمما ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى تەشكىلاتلاردا ئۇنداق ئەركىنلىك بولمىغاچقا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرەلمەي كېلىۋاتىدۇ».

بەزى خىتاي تەھلىلچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىگە، بولۇپمۇ سىياسىي ۋەزىيىتى بەك مۇقىم بولمىغان پاكىستان بىلەن تۈركىيەدەك دۆلەتلەرگە بەك كۆپ مەبلەغ سېلىۋېتىشىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇش ئارقىلىق خىتايدىن پايدا ئېلىۋاتقان ھەر قانداق دۆلەتنىڭ خىتايغا بولغان ساداقىتى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.