خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى نېمە؟

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.05.06
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى نېمە؟ ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم» نى ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم.
Social Media

ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا كىملىكى» گە، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي كىملىكىگە سېڭدۈرىۋېتىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي-ئېتىقادىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق.

چەت ئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە دىنىي زاتلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىققوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى «خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ئۇرۇش ئېچىشى» دەپ قارىماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم» نىڭ مۇھەممەد سالىھ ھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىردەك قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتى «قۇرئان كارىم» نى قايتىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش تۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى خېلى كۆپ بايانلارغا ئۆزگەرتىش ياكى «تۈزىتىش» كىرگۈزگەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭدىن باشقا كېيىنكى يىللاردا مەسچىت-جامەلەرنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قۇببە-مۇنارلىرى ئېلىۋېتىلگەن. ئىسلام دىنىنىڭ مىزانى بويىچە مەسچىت ئىچىدە جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى ئېسىش چەكلەنگىنىگە قارىماستىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى مەسچىتلەرگە ئېسىلغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي بىلىم بېرىدىغان ئۇستازلار، ھەتتا ئۆز ئۆيىدە ئىسلامنىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ ھەر خىل «جىنايەت» لەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن، بالىلارنىڭ ئائىلىدە ئاتا-ئانىلىرىدىن، مەھەللىدە دىنىي ئۇستازلاردىن توغرا ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، مۇسۇلمانلىق ئەنئەنىسى بويىچە تەربىيەلىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ئىچ يۈزى ھەققىدە توختالدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ (滕彪)ئەپەندى ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىغا تولۇقلىما قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۇتقۇن قىلدى. تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچلىرىنى باشتا تۇتقۇن قىلدى. ئىماملار، ئۇنىۋېرسىتېت پىروفىسسورلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىي-ئېتىقادىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن ماددىي كۈچ چېقىرالايدىغان سودىگەرلەرنى تۇتقۇن قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى يېتەكلەپ مېڭىۋاتقان سەرخىللارنى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھېسسىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چەكلەش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى.»

تېڭ بياۋ ئەپەندى تىلغا ئالغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى ئارسلان ئابدۇللا، تونۇلغان فولكلور تەتقىقاتچىسى راھىلە داۋۇت، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت، تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق يۇقىرى قاتلامدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلغانىدى.

ئىلشات ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سەرخىللار قاتلىمىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى يىتەكچىسىز قويۇش، شۇنداقلا ئۇلارنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بويىچە تېزلىكتە ئاسسىملاتسىيە قىلىش پىلانىنى تۈزىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلامغا قىلىنغان ھۇجۇم ۋە ئۆتۈپ كەتكەن بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دىنىغا قارىتا خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 30-ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئ‍ىسى ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار 2-ماي كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولغان. ئەركىن تۇنىياز زىيارەت جەريانىدا، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ يىتەكلەش كېرەك،» دەپ تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئىسلام دىنىنى يوقىتىشتۇر. ئەلۋەتتە، ئىسلام دىنىنى يوقاتقاندىن كېيىن، دىنىي كىملىكىدىن ئايرىلغان بىر مىللەتنى ئاسسىمىلاتىسىيە قىلىش تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ.»

يۇتۇپ تورىدا خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئانالىز پروگراممىلىرى بىلەن تونۇلغان، ھازىر ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان مۇستەقىل ئانالىزچى ما جۈ (马聚) بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتايلارنىڭ مەقسىتى ئىنتايىن ئېنىق، ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى يوق قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئۇلارنى ھەتتا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن يۈزلىشىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان. خىتايلارنىڭ ‹ماڭا بويسۇنساڭ ياشايسەن، بويسۇنمىساڭ ئۆلىسەن› دەيدىغان خاراكتېرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە پەقەت ئىسلام دىنىنى يوقىتىشنىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىۋېتىشنى ئاساسلىق نىشان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش› سىياسىتىنى بۇ دەرىجىدە قاتتىق يۈرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ يەردە.»

تەتقىقاتچى جون ئىرگېنجىرو (John Irgengioro) مۇ «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ مىللىي كىملىكى ۋە كىملىكلەرنى مەنبە قىلغان مەسىلىلەر» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ماھىيەتتە ئاتالمىش «مىللىي مەسىلە» نى ئاشۇ مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ تۈگىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىش، يەنى ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى توسقۇنسىز داۋام قىلىش ئارقىلىق ئاتالمىش «مىللىي مەسىلە» نى پەيدا قىلغۇدەك مىللەتلەرنى قويماسلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.