تۈركىيەدىكى «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى نەشرى 24-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خەۋەردە تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى قارمىقىدىكى تۈركىيە-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تالىپ مۇرات كولباشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «خىتاي شەھەرچىسى» ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدىكى دولاپدەرە مەھەللىسىدە قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تالىپ مۇرات كولباشى «ھۆرىيەت» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا «خىتايلارنىڭ ئىستانبۇلغا بولغان قىزىقىشى ئارتقانسېرى بىز بۇ يەردىمۇ خىتاي شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىت بولۇشىمىز مۇمكىن،» دېگەن.
تۈركىيەدە «خىتاي شەھەرچىسى» قۇرۇش پىكىرىنى ئەڭ ئاۋۋال تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى، تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنەن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئىستانبۇل سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي كۈنى» ناملىق بىر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئارقىدىنلا شۇ يىلى 11-ئايدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى- «بىگۇييۈەن» ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ لىدىرى ياڭ خۇييەن ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغان. «ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ ئىستون يازغۇچىسى ژالە ئۆزگەنتۈرك 2017-يىلى 9-ئايدا بەرگەن خەۋىرىدە ياڭ خۇييەننىڭ ئىستانبۇلغا كېلىشى نامدا «خەلقئارا ئىش بىرلىكى مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پىلانى ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسى» قۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەنىڭ ھازىرقى مالىيە ۋە خەزىنە مىنىستىرى، پرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ كۈيئوغلى بەرات ئالبايراق بۇرۇن «چالىك گۇرۇھى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. بىز سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تالىپ مۇرات كولباشىغا تېلېفون قىلىپ، «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر تەپسىلاتلارنى سوراشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن كولباشى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. لېكىن تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى» نىڭ سابىق رەئىسى، «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايلار بۇ قۇرۇلۇشنى «چالىك گۇرۇھى» بىلەن ئورتاقلىشىپ ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا 28 ياشلاردىكى ناھايىتى باي بىر خىتاي بار ئىكەن. شۇ خوتۇن تۈركىيەدە چالىك خولدىڭ بىلەن ئورتاق قۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ دولاپدەرە دېگەن مەھەللە ئىستانبۇلنىڭ كونا ئەرمەنى، رۇم، يەھۇدىيلار ئولتۇرىدىغان مەھەللىسى. خىتايلار شۇ يەرنى يىقىتىپ، خىتاي مەھەللىسى قۇرۇۋاتىدۇ، ‹چايناتوۋىن› دەپ.»
تۈركىيە-خىتاي سودا كېڭىشىدىكى تالىپ مۇرات كولباشىنىڭ «ھۆرىيەت» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە دولاپدەرە مەھەللىسىدە خىتايلار مەبلەغ سالغان بەزى مېھمانخانىلار ئېچىلغان. لېكىن ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسى» قۇرۇلسا، بۇ خىتايلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى پەرقلەر سەۋەبلىك تۈرك جەمئىيىتىدە ھۇزۇرسىزلىق پەيدا قىلىدىكەن.
ھامۇت كۆكتۈرك مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئولتۇرۇپ قوپۇش، كۆڭۈل ئېچىش دېگەندەك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بىزگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئادەتلىرى تۈرك خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي قىممەت ئۆلچەملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. بۇ تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي تۈزۈمىنى بۇزىدۇ دەپ چۈشىنىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىر ئىجتىمائىي تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكىگە ئوخشاش زىددىيەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن، جەمئىيەتنىڭ ھوزۇرى بۇزۇلۇشى مۇمكىن.»
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسى» قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر خىتاينىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، بىر قانچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر غەرب دۆلەتلىرىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە تارقالدى. خىتاينىڭ قىلمىشى يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بېرى تۈركىيەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىغا، بەزى سىياسى-پارتىيە گۇرۇھلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 3-چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە-ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر 25-دېكابىر ئىيى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى «شەرقىي تۈركىستان» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ «پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلغان زۇلۇمىغا ئاۋازىنى يۈكسەلدۈرمەكتە. ئەمما تۈركىيەدە ئىيى پارتىيەسىنىڭ سىرتىدا ھېچكىم زۇۋان سۈرمىدى،» دېگەن.
تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر ئىلمىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى يالغۇز ئىستانبۇلنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا جىددىي سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالىمجان ئىنايەت مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. بۇ شەھەردە خىتاي مەھەللىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تەبىئىي ھالدا خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈۋېتىدۇ. ھازىر دۇنيادا قارىسىڭىز ‹مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى› دېگەن بىر ئۇقۇم بار. خىتاي بۇ مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسىنى ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىپ، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تۈركىيەدىكى نوپۇز دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ۋە كۈچەيتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ مۇناسىۋەت سىياسىي مۇناسىۋەتكە ئايلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتى ئۈچۈن جىددىي خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.»
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىستانبۇلدا «خىتاي شەھەرچىسى» قۇرۇش پىلانى خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا قارشى يەنە بىر كۈچ ھاسىل قىلىش پىلانىنىڭ پارچىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر خىتايلار ئىستانبۇلدا خىتاي مەھەللىسىنى قۇرۇپ قالسا، كۆپلەپ خىتايلارنىڭ كېلىشى بىلەن بۇ يەر خىتايلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئايرىم بىر رايون بولۇپ شەكىللىنىشى مۇمكىن. تۈركىيە دېموكراتىك دۆلەت بولغاچقا كەلگۈسىدە ئۇ يەردە ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرىدىغان خىتاي باشلىقلارمۇ چىقىشى مۇمكىن. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا قارشى جىددىي سىياسىي كۈچ بولۇش شەكىللىنىشىمۇ مۇمكىن. خىتاينىڭ مۇشۇنداق بىر مەقسىتىنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارشى بىر كۈچ شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن خىتاي مەھەللىسىنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.»
لېكىن باش ئەلچى ئابدۇقادىر ئەمىن ئۆنەننىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدا بىر «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ قۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ئىستانبۇل سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا «خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان ساياھەت يېتەكچىلىرى ئەمەس، خىتايچە سۆزلەيدىغان ساياھەت يېتەكچىلىرى يول باشلىشى كېرەك. دۇنيانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە خىتاي ساياھەتچىلەر تاماق يەيدىغان، ئېلىم-بېرىم قىلىدىغان نۇرغۇن خىتاي شەھەرچىلىرى بار. بىزمۇ ئىستانبۇلدا بىر خىتاي شەھەرچىسى قۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
0:00 / 0:00