تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

6-ماي شەنبە كۈنى، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت يىغىن زالىدا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بېشىغا كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوللىشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەر قىلىشى كېرەكلىكى» توغرىسىدا توختالدى. تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي قارىشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى جانلىق ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كېيىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 1980-يىللاردىكى باسقۇچلىرى توغرىسىدا توختالدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ داۋامىدا، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئەردوغاننىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قارىتا خىتاينى ئەيىبلەپ خۇددى قىرغىنچىلىق بولدى دېگەن ئىپادىسىدىن كېيىن يىرىكلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «2010-يىلىدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇھىم تېما بولدى ۋە تۈركىيە، ئۇيغۇرلار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت كۆۋرۈكى بولۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرىدىغان جاي بولسۇن دەپ كۆرسەتتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قاراشلىرى ئوخشاش چىقمىدى.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيە تەرەپ بولسا تىجارەت ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، تۈركىيە خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە پەن-تېخنىكىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېقىن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە ۋە خەلقىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈركىيەدە پۈتۈن تەشكىلاتلار بىرلەشمىگەن تەقدىردىمۇ ئورتاق ھەمكارلىشىشى، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە جەمئىيەتلەردە ھەر خىل يىغىنلارنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئوبرازىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدە كۆپلەپ پائالىيەت قىلىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ۋە ھەر ساھە ئۇيغۇرلارنى بۇ ھەقتە قەدەم بېسىشقا چاقىردى.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان يىغىن سوئال-جاۋاب بىلەن ئاخىرلاشتى.