«يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ساھەدىكى تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى چىقىش يولى ئىزدەپ، ھەر خىل يىغىن، مۇزاكىرە ۋە پىكىرلىشىش ئېلىپ بارماقتا.

مەركىزى ئەنقەرەگە جايلاشقان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 27-يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا، 2-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىلدى.

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەخەد ئۇچقۇن، ھەبىبۇللا كۈسەنى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلمەھىت قاراخان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى قاتارلىق كىشىلەر ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خادىملىرى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر، خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

26-27-يانۋار كۈنلىرى يەنە ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ماقالە يېزىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ مېتودلىرى توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق بىر قانچە تەتقىقاتچى مۇتەخەسسىسلەر لېكسىيە بەردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىغىنغا ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن ياكى، ماگىستىرلىق ياكى دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 30 غا يېقىن كىشى قاتناشقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت توغرىسىدا توختالدى.

يىغىنغا قاتناشقان پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پىكىر بايان قىلدى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلاردىن مۇھىم نۇقتىلارنى يىغىنچاقلاپ پىكىر بايان قىلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن 2018-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇت ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات ھازىرلاش، تور بېتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.