«ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» مۇ ياكى كۆچمەن يۆتكەشمۇ؟
2024.11.26
25-نويابىر قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمەنىڭ ئورگان تور بېتىدە، «شىنجاڭدا ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گۇرۇھى قۇرۇلدى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان. ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرقانداق بىر جاينىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق بىر گۇرۇھلاشقان شىركەتنى قۇرۇشتىكى مەقسەتمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ياكى بۇنىڭ كەينىدە باشقا بىر سەۋەبلەرمۇ بارمۇ؟
خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، مەزكۇر شىركەت 22-نويابىر قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ئەركىن تۇنىياز ۋە بىڭتۈەن سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ كومىسسارى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى خې جۇڭيوۋلار قاتناشقان ۋە لېنتا كەسكەن. ما شىڭرۈي ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، شىنجاڭ خىتاينىڭ خىتايچە زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە كېتىۋاتقانمىش؛ بۇ ۋەجىدىن شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن زورمىش؛ بۇ ۋەجىدىن «نەزەر دائىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا تىكىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، جەملەش، تەربىيەلەش، ئېلىپ قېلىش، ساقلاش» قاتارلىق خىزمەتلەرنى نىشانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىش كېرەكمىش؛
قارىماققا مەزكۇر شىركەت «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولۇشى سەۋەبلىك» ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، بىڭتۈەن ۋە خىتاي مەركىزىي كومىتېتىغا تەۋە بولغان جوڭ جى شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىلغان. ئەمما ما شىڭرۈي سۆزىدە، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ كىرىشتە «نەزەرنى يىراققا تىكىش ۋە ئېلىپ كىرگەنلەرنى ئېلىپ قېلىش» نى تەشەببۇس قىلغان. بۇ دېگەنلىك ئېنىقلا ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېلىپ كىرىش ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلەشتۈرۈشكە تىرىشىش دېگەنلىك بولماي نېمە؟!
دەرۋەقە، خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەنلىك، ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولمىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسەتلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەزكۇر رايوننىڭ ئاپتونوم ھوقۇقلۇق ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىدا ئىلگىرىلەش بولغان ئەمەس. ئەكسىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقى قانچە كۈچەيگەنچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي شۇنچە ئاجىزلاپ، ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدىكى ئەڭ نامرات خەلققە ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسەتلىرى ئەزەلدىن ئىقتىسادقا ئەمەس، بەلكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ بۈگۈنگىچە بولغان بىڭتۈەن نوپۇسىدىكى شىددەتلىك كۆپىيىش بىلەن بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ بېيىپ كېتىشى، ئاقىۋەتتە بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىدا ئاسمان-زېمىن پەرقلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىدۇر. ئەگەر ما شىڭرۈينىڭ تەشەببۇسى بويىچە، ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گۇرۇھى» نىڭ قۇرۇلۇشى، شۈبھىسىز ھالدا يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كۆچمەن يۆتكەشنى نىشان قىلغان دۆلەت ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە دائىر سىياسەتلىرىنىڭ «مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا سىڭىشىشى ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» نى نىشان قىلىشى، يۇقىرىقى تەخمىنلىرىمىزنىڭ خاتا بولمىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن بۇ يەردە مەسىلە خىتاينىڭ كۆچمەن يۆتكەش ئۈچۈن قانداق سىياسەتلەرنى چىقىرىشى ئەمەس، بەلكى بۇ سىياسەتلەرنىڭ كۈنسېرى مەنتىقىسىزلىشىشىدۇر. چۈنكى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پايدىلىنىش بولسا ئەمەلىيەتتە مائارىپ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ساھەسىگە مەنسۇپ بىر خىزمەتتۇر. ئەجەبا خىتاينىڭ بۇ ساھەلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزى بىۋاسىتە قول تىقىپ، بۇنداق بىر ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گۇرۇھى» نى قۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟
ئەلۋەتتە شۇنداق! بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش. لېكىن خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسەت كۆرسەتمىسى» دىن بۇ ھەقتە بىر قىسىم ھەقىقەتلەرنى كۆرەلەيمىز.
دەرۋەقە، «شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى» نىڭ بۇ يىل 18-سېنتەبىردىكى ئۇيغۇرچە سىنلىق خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» تىكى ئەۋزەل سىياسەتلەر ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىلگەن. كۆرسەتمىدە، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ئىختىساسلىقلارغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەم، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، خىزمەت خىراجىتى قاتارلىق تەمىناتلارنىڭ تۆۋىنى 200 مىڭ يۈەندىن، يۇقىرى 1 مىليون يۈەنگىچە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ھەتتا ئىختىساسلىقلارغا «كونكرېت تەلەپ قويۇلمايدۇ» لىقى تەكىتلەنگەن. بۇ يەردىكى كونكرېت تەلەپ زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە بۇ ئىختىساسلىقلارنىڭ سانى، ساھەسى قاتارلىقلار ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 12-سېنتەبىردىكى «شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسەتلىرى يىغىندىسى» دا ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنىدىغان «ئىختىساسلىقلار» غا قارىتىلغان ئەۋزەل سىياسەتلەر تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە باشلامچى، سەرخىل، ئاچقۇچلۇق ۋە زاپاس ياشلاردىن ئىبارەت 4 تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزىدىغانلىقى؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە باشلامچىلارغا 500 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى؛ ئىككىنچى تۈردىكىلەرگە، 200 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى؛ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكىلەرگە 150 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى؛ زاپاس ياش ئىختىساسلىقلارغا 50 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى بەش يىلغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتە بىرىنچى تۈردىكىلەرگە 120 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى ئۆي بېرىش ياكى قولىغا 600 مىڭ يۈەن ئۆي سېتىۋېلىش ھەققى بېرىش؛ ئىككىنچى تۈردىكىلەرگە 400 مىڭ يۈەن پۇل ياكى 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي بېرىش ياكى ئۆي ئىجارە ئېلىش ھەققى بېرىش. مۇلازىمەت ۋاقتى توشقاندىن كېيىن لاياقەتلىك بولغانلارغا ئۆي سوۋغات قىلىش؛ زاپاس ئىختىساسلىقلار نامىدا ئېلىپ كىرىلىدىغان ياشلارغا 3 يىللىق تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ھەققىنى بىكار قىلىش، يەرلىكتىكى ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىش، 50 مىڭ يۈەن ئۆي سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بېرىش، مائاش تەمىناتلىرى جەھەتتە مەمۇرىي ئورگانلار، دوختۇرخانا، مەكتەپ، كارخانا، تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىختىساسلىقلارغا يىللىق مائاش، كېلىشىم مائاش، پاي چېكى ھوقۇقى، ئىش تۈرى ۋە ئىش ئۈنۈمى مائاشى قاتارلىق كۆپ خىل تەمىناتلارنى بېرىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.
دەرۋەقە، يۇقىرى سوممىلىق ياردەم پۇللىرى ۋە ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ مۇئەييەن جەلپ قىلىش كۈچى بارلىقى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. خىتاي ئىقتىسادىدا ئېغىر كىرىزىس كۆرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئىشسىزلىق مەلۇم نىسبەتتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشنى تاللىشىغا سەۋەب بولۇشى تەبىئىي. ئەمما مەسىلە شۇكى، بۇ ئەۋزەل سىياسەتلەر ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدۇر. ئەگەر بۇنداق سىياسەتلەر قەغەز يۈزىدىلا قېلىپ، ئەمەلىيلەشمىگىنىدە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇرۇق شوئارلىرىغا تايىنىپلا زور كۆلەمدە كۆچۈرۈش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدىغانلىقى ئېنىق. 2019-يىلى «زىمىستان تورى» دا بېرىلگەن بىر ماقالىدىمۇ خىتاينىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىگە ئىشىنىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولغان خىتايلارنىڭ قىسمەتلىرى ھەققىدە بىر قىسىم ۋەقەلەر، بولۇپمۇ ئەۋزەل سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، ۋەدە قىلىنغان پۇللارنىڭ بېرىلمىگەنلىكى، بۇنىڭغا نارازى بولغان خىتايلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا نوپۇسلىرىنى يۆتكەپ كېتىشىگە يول قويۇلمىغانلىقىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلانغانىدى. بەلكى مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېلىش مەسىلىسى ئاۋۋالقى يىللاردىكىدەك ئاسان بولمايۋاتقانلىقى ئېنىق. بۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قول تىقىپ ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامىدا كۆچمەن يۆتكەشنىڭ كويىغا چۈشىشى، كۆچمەن يۆتكەش تاكتىكىلىرىنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىشقا يارىمايۋاتقانلىقىدىن بولۇشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، قەشقەر خوتەن ۋىلايەتلىرى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇر نوپۇسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە زور كۆلەمدە يۆتكىگەن ۋىلايەتلەر ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 80-يىللار، 90-يىللار ۋە 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇش ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بولسا، ئەنە شۇ «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» نىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىنغانىدى. ھالبۇكى بۈگۈن خىتاي، يەنە شۇ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى» يۆتكەپ كېلىش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈۋېتىشنىڭ ئۆز ئارا زىددىيەتلىك بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغانمىدۇ؟
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]