ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللانغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى ئاگاھلاندۇردى

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە خىتايدا كەڭ تارقالغان ۋىچات ئېپىنى قوللىنىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ خىل يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۈندىدار» نامى بىلەن ئومۇملاشقان. ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تارقالغان ئىنتېرنېت -تېلېفون ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دائىر خەۋەرلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋىچات، Q Q قاتارلىق ئىنتېرنېت تېلېفون ئالاقە مۇلازىمەتلىرىگە قاراتقان كونتروللۇقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ۋىچات ئېپىنى قوللىنىدىغان تەخمىنەن 100 مىليون كىشىنىڭ ئۇچۇرى خىتاي تور ساقچىلىرى تەرىپىدىن سۈزۈۋېلىپ، شۇ شەخسكە دائىر سەزگۈر ئۇچۇر -مەلۇماتلار توپلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇنداقتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغىنىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەر-ئانالىزلاردا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭلا ئىنتېرنېت-تېلېفون ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى كونترول قىلىپلا قالماستىن، بەلكى خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى نازارەت قىلىدىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئەقىللىق تېلېفونلىرىدىكى شەخسى-ئۇچۇرلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تەھدىت قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەنگلىيەدىكى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىكى ئىنتېرنېت-تېلېفون ئۇچۇر ئالاقىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ، بۇ ھەقتە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلازىمەتلىرىنى قوللىنىشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى بايانىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئامال بار خىتايدا ئىشلەنگەن تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىللە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدىغان ئۈندىدار، چ چ قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا شۇ شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىگە دائىر ماتېرىياللارنى قويماسلىقىنى، بولۇپمۇ ئەقىللىق تېلېفونلاردا كىملىك، بانكا ھېساباتى، ئادرېس قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارنى ساقلىماسلىقىنى، ئېلخەت قاتارلىقلارنىڭ مەخپىي شىفىرلىرىنى قەرەللىك ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى لازىملىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.