گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت 12-ئىيۇل جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىدىكى خادا تاشلاردىن تەركىب تاپقان ئاراللارنى ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلىشىنىڭ ‹تارىخى ئاساسى يوق› دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي مەزكۇر قارارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتاي تورداشلىرىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى قانداق؟ خىتاي ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ۋۇ چىياڭ، چېن پوكۇڭ قاتارلىقلار بۇ ھەقتە قانداق قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوتنىڭ قارارىدىن كېيىن،خىتاينىڭ خەلق گېزىت، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئازادلىق گېزىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەكىتلىنىپ، خەلقئارا سوپتنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا نارازىلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىمۇ «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىپ، خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جېنمىن ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سوتنىڭ مەزكۇر قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قارا سەۋەبىدىن جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى جىددىلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خەلقئارا سوتنىڭ قارارىنى ئەيىبلەيدىغان ئىبارىلەر ئىشلىتىلىشىگە قارىتا خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە خىتاي تورداشلار ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە ھەرقانداق ئىشنى سىياسىي بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئىستىلىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتتىمۇ قوللىنىدىغانلىقنىى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگىمۇ رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا 13-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى قارارىغا بولغان نارازىلىقى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئەللەر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور ۋۇ چىياڭ ئەپەندى، سكايىپ ئارقىلىق بېيجىڭدىن زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ بايانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ جېنمىننىڭ خەلقئارا سوتنىڭ قارارى ھەققىدىكى ئەيىپلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،«گوللاندىيەدىكى خەلقئارا ئادالەت دىۋانى يەنى خەلقئارا سوت، خەلقئارادىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى تالاش-تارتىشلارنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئۈچۈن 1899-يىلى قۇرۇلغان ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ ئەزا بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېتىراپ قىلىنغان. شۇڭا تاشقى ئىشلار ئەمەالدارى ليۇ جېنمىننىڭ بۇ سوتنى ئىنكار قىلىشى خاتا،» دېگەن.
دوكتور ۋۇ چىياڭ يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى لىيۇ جىنمىڭنىڭ خەلقئارا سوتنى ئەيىبلەپ ئېيتقان «سوت كوللىگىيىسى فىلىپپىن دۆلىتىنىڭ پۇلىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن، فىلىپپىننىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقاردى» دېگەن سۆزىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنغان دۆلەت فىلىپپىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ سوتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، قانۇنىي تەرتىپكە ئاساسەن سوت ھەققىنى دەۋاگەر تەرەپ فىلىپپىن ئۈستىگە ئالىدۇ ئەلۋەتتە» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ئەمەلدارى لىيۇ جېنمىن قىلغان سۆزلەرنى تەنقىتلىگەن يۈەن گۈەنجوڭ ئىسىملىك تورداش«جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى لىيۇ جېنمىڭنىڭ سۆزىدىن-ھەركىتىگىچە لۈكچەكلىك ھاراكتېرى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان لىيۇ جېنمىڭ نارازىلىق باياناتىدا خەلقئارادا دۆلەتلەر ئارا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىدىغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئار سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قارىتا بەرگەن نارازىلىق باياناتىدا ئەڭ ئەقەللىي بولغان خەلقئارا قانۇنىي بىلىملەردىنمۇ ساۋاتسىزلىقىنى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىدىلا بولىدىغان مۇتىھەملىكىنى ئىپادىلىدى» دېگەن ئىنكاسنى يازغان.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى چېن پوكوڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ھەققىدە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى.
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى مارجان خادا تاش ئاراللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ‹ئەزەلدىن ئۆزىگە تەۋەلىكى› نى تەكىتلىشى، مەزكۇر دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان مالايشىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام ۋە بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىلىشىشىگە سەۋەب بولدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان زېمىن تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ‹ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى› دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. ئەمما ‹ئەزەلدىن› دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن مۈجمەل بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹ئەزەلدىن ئايرىلماس قىسمى›،دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئېنىق تارىخى دەۋرى ھەققىدە ھېچقاچان ئىزاھات بېرىپ باقمىدى. خەلقئارادا بولسا ھەرقانداق ھۆكۈمنى ئېلان قىلىشتا ئېنىق پاكىتلىق ماتېرىيال تەلەپ قىلىنىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا بەرگەن نارازىلىق باياناتىدا ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا فىللىپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەكىتلىگەن. خىتاي دۆلەت ئىچىدەبولسا «خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن تۇيقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدە جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت خەلقئارا سوتنىڭ قارارى چىقىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى يەنى 11-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ بىر ھەپتىدە يەنى«6 كۈن ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرى جىددىي ھالىەتتە تۇرىدىغانلىقى، شەھەر ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق نۆۋەتچى خادىملار ئۆز خىزمەت ئورنىدا ھازىر بولۇشى، تۇيقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زور ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقى پۇختدا بولۇشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ھەققىدىكى قارارىغا نارازىلىق باياناتى بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ «تۇيقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشىدەك بۇ ۋەزىيەت خىتاي مەسىلىلىرى ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان چېن پوكۇڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن قوزغىلىدىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى. شۇڭا بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنياغا نىسبەتەن خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتى سەۋەبلىك خىتاي خەلقىدە چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا بېيجىڭ دائىرىلىرى خەلقئارا سوتنىڭ ھۆكۇمى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا بېيجىڭ شەھىرىدە ‹بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش ھالىتى› ئۇختۇرۇشىنى ئېلان قىلىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى بولغان.» دېدى.
نيويوركتىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى خې چىڭلىيەن خانىممۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خې چىڭلىيەن خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتتە پوپوزا خاراكتېرلىك باياناتلارنى بېرىشنى ئادەت قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيىتىدە مەسىلىنى ھەربىي كۈچ قوللىنىپ ھەل قىلىشقا ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتى سەۋەبلىك خەلقىدە قوزغىلىپ كەتكەن نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.