جەنۋەدىكى خىتايپەرەستلەر خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلىيالامدۇ؟

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 55-نۆۋەتلىك يىغىنى بۇ يىل 26-فېۋرال باشلانغان بولۇپ، 5-ئاپرېلغىچە داۋام قىلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىغىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى مەزكۇر يىغىندىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. خىتاي گەرچە بۇ يىغىنغا ھەر يىلى قاتنىشىپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا خىتاينىڭ ئوبرازى ياخشىلانغىنى يوق. بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ چەت ئەللىك ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر» ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۆرنەك كەلتۈرىدىغان بولساق، بۇ قېتىملىق يىغىندا لاتىن ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى دەيۋىد لوپېز خىتاي بىلەن غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ سۆز قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ قانداقلىقىنى، نۆۋەتتە پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن سېلىشتۇرسىلا ئوتتۇرىغا چىقارمىش. چۈنكى خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، ئۇلارنى «مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان» مىش. ئۇنىڭ قارىشىچە، «خىتاي نامراتلىقنى تۈگىتىش ئارقىلىق، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقنى ئازايتقان» مىش! . . .

دەيۋىد لوپېزنىڭ لوگىكىسى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق، مائارىپ ئېڭىنى ئۆستۈرگەنلىك» دەپ چۈشىنىش؛ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بولسا «ئۇيغۇرلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان» لىق دەپ چۈشىنىش كېرەك ئىكەن. دەيۋىد لوپېزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەتتا خىتايغا بېرىپ، خىتايدىكى ئاجىز مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ مائارىپ ھەقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلگەنمىش.

مەزكۇر يىغىندا خىتاينى ئاقلىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەردىن يەنە بىرى، جەنۋە دىپلوماتىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالفېرد مورىس دېزايىس (Alfred-Maurice de Zayas) دۇر. 20-مارت خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش «دېموكراتىيە: پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى» ناملىق يىغىندا ئالفېرد مورىس دېزايىس «ئامېرىكا دېموكراتىيەسى دېموكراتىيەنىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق. . .» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دۇنيا تەرتىپىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش دەپ چۈشىنىشكە تامامەن بولىدۇ.

يەنى، يۇقىرىقى ئىككى «مۇتەخەسسىس»، خىتاي بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاينى ئاقلاشقا تىرىشقان. لېكىن شۇنى ئېيتماي تۇرالمايمىزكى، ئۇلارنىڭ خىتاينى ئاقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن «دەلىل» لىرى خىتاينى چۈشىنىدىغانلار ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي مەنتىقىسىغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر.

خىتاي ھەقىقەتەن يىللاردىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا «40 يىل ئىچىدە 800 مىليۇن خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردۇق» دېگەن شۇئارنى توۋلاپ كەلدى. شۇنداقلا بۈگۈن بۇ شۇئار خىتاينىڭ ئاتالمىش «خىتايچە سوتسىيالىزم تۈزۈلمىسىنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىسى» قىلىپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ «ئالەمشۇمۇل نەتىجە» پەقەتلا «ھاكىمىيەت يالغانچىلىقى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتاي 1994-يىلى ئاتالمىش «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش پىلانى» نى يولغا قويغاندا، خىتاي ئۆزىدە 800 مىليۇن نامرات بارلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان، شۇنداقلا بۇنچە كۆپ «نامراتلار» نى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارادىكى پايدىلىنىش قىممىتى بار بارلىق يوچۇقلاردىن پايدىلانغان. لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر، خىتاي ئېلان قىلغان بۇ 800 مىليۇن نامراتلارنىڭ قاچاندىن بۇيان، نېمە سەۋەبتىن «نامرات» لىشىپ قالغانلىقىغا ھېچكىم قىزىقمىغان، ھەتتا سوراپمۇ قويمىغان!

خىتايدىكى شۇ مىليۇنلىغان نامرات ئىچىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاشۇ نامراتلار ئىچىدىكى «ئەڭ نامرات خەلق» دەرىجىسىگىمۇ چۈشۈرۈلگەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، نوپۇسى ئۇنچە كۆپ بولمىغان، تۇپرىقى خىتاي زېمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان، يەر ئاستى بايلىقلىرى كۆپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، قۇياش نۇرى، سۇ ۋە تۇپراقلىرى ساپ بۇ بىپايان زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتۇن تاۋاقنى كۆتۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىش قىسمىتىگە چۈشۈپ قېلىشىدۇر. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن نامرات ياكى شۇنچە نامراتلاشقان؟

بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بەك يىراققا كەتمىسەكمۇ، خىتايدا 1958-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە ئارىلىقتا يۈز بەرگەن «ئۈچ يىللىق ئاچارچىلىق» تىن باشلىساقمۇ، دۆۋە-دۆۋە ئىسپاتلار ئالدىمىزغا تاشلىنىدۇ. ئاچارچىلىق دەۋرىدە خىتايدا ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان خىتاي ئاققۇنلار قاتتىق ئاچارچىلىقتىن قېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن. ئەمما ئۇيغۇرلاردىن ئاچارچىلىق سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ كەتكەنلەر يوق. يەنە بىر مىسال، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرى ئاخىرلىشىپ، بىڭتۈەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە بولغان قىسقىغىنە ئون يىلدا ئۇيغۇرلار مەۋجۇت شارائىتتا ئۆزلىرىنى ئىقتىساد، پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردە قايتا كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشقان. بۇ ئاچارچىلىقتا قالغان بىر مىللەتنىڭ رېئاللىقىغا تازا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قورساق تويغۇزۇشقا قۇربىي يەتمىگەن بىر خەلقتە باشقا مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگۈدەك كۈچ ياكى قىزغىنلىق نېمە قىلسۇن؟

يۇقىرىقى ھادىسىلەر ھېچبولمىغاندا خىتاي مۇستەملىكىسىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىقنىڭ مۇستەملىكىلىكتىن كېيىن باشلىنىپ، تەدرىجىي ئېغىرلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازىيىشى بىر تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن، بەلكى بىڭتۈەننىڭ ۋەھشىيانە زوراۋانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزگەن «يەر ئىسلاھاتى»، «ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش» قاتارلىق بىر تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقىتىلىشىنى، چەت ئەللەرگە كوللېكتىپ كۆچۈپ كېتىشىدەك ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىڭتۈەن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى ئەڭ ياخشى، تۇپراقلىرى ئەڭ مۇنبەت، سۇ مەنبەسى ئەڭ ئەلۋەك، يەر ئاستى بايلىقلىرى ئەڭ كۆپ جايلىرىغا كەڭ-كۇشادە يەرلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان. لېكىن خىتاي بۇ زېمىنلارنى ئىگىلەش بىلەنلا بولدى قىلغان ئەمەس. ئەكسىچە، 50-60-يىللاردا مودا بولغان «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» تە، بىڭتۈەن ئاتالمىش «بوز يەر ئېچىپ، ئېتىز بەرپا قىلىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ مەنبەسى بولغان تارىم دەرياسى سۇ ئېقىنى ۋە ماناس دەرياسى سۇ ئېقىنلىرىنى پۈتۈنلەي تىزگىنلىۋالغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 570 كە يېقىن چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى بىڭتۈەننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لېكىن دېھقانچىلىق ئۈچۈن يېتەرلىك سۇ بولۇشى كېرەك. سۇ مەنبەلىرى بىڭتۈەن خىتايلىرى تەرىپىدىن ئىگىلىۋالىنغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق كەسپى بىلەن باي بولۇشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇ ھالدا دېھقانلارنىڭ باي بولۇشى ئۈچۈن باشقا بىر چىقىش يوللىرىنى تېپىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر ئىلىدا نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن قاتارلىق تۈرلۈك يەر ئاستى بايلىقلىرى ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ بايلىقلىرىنى قېزىپ ئىشلىتەلمەيدۇ. چۈنكى، ئاتالمىش «كوممۇنالاشتۇرۇش» ئارقىلىق خىتاي بۇ بايلىقلارنى دۆلەت مۈلكى قىلىۋالغان. ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ، خىزمەت تاپالمايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ساھەلەر خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن سۆز ۋە ئاتالمىش «ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ قىممىتى ئەزەلدىن بولۇپ بولمىغان. خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەركەزدىن ئاجراتقان ئىقتىسادىي مەبلەغلەر» نىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى بولمىغان. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا «شىنجاڭ» دېگەنلىك «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن قالپاق ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك تېرىتورىيەسىنى ئەمەس، بەلكى بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئاپتومومىيەسى» نى كۆرسىتىدىغان بىر نام بولۇپ قالغان.

ھەتتا دېڭ شاۋپىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغاندا، «شارائىتى بولغانلار ئالدىن تەرەققىي قىلسۇن» دېگەن. ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۈەن خىتايلىرى دېڭ شاۋپىڭنىڭ ياردىمىدە «شارائىتى يار بەرگەنلەر» قاتارىغا كىرىپ، تېزلا تەرەققىي قىلغان ۋە باي بولغان. ئەمما ئۇيغۇرلار داۋاملىق نامراتلاشقان.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىشىشى خىتاي مۇستەملىكىسى بىلەن باشلانغان، بىڭتۈەننىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېغىرلاشقان. ئۆز ۋەتىنىدە ئۆز بايلىقلىرىدىن پايدىلىنالماسلىق، ئۆز ۋەتىنىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىش، ئالتۇن تاۋىقى تۇرۇپ، مۇھتاجلىقتا قېلىش. . . مۇقەررەر ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەيلى 80-يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بولسۇن ياكى 90-يىلاردىكى «بارىن ئىنقىلابى»، «غۇلجا قەتلىئامى» بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر خىل ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بولسۇن، قايسى بىرسى نامراتلاشتۇرۇلۇش، ھەق-ھوقۇقسىزلاشتۇرۇلۇشلارنىنگ مەھسۇلى ئەمەس؟

ئەسلىدىنلا نامرات بولغان خەلقلەرنى باياشات تۇرمۇشقا، باراۋەر ھەق-ھوقۇققا ئېرىشتۈرۈش ئالقىشلاشقا تېگىشلىكتۇر، ئەمما ئەسلىدىنلا بايلىقلىرى ئۆزىگە يېتىپ-ئېشىپ تۇرغان بىر خەلقنى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىپ، مەجبۇرىي نامراتلاشتۇرۇش قىپ-قىزىل سىياسىي زوراۋانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خەلقنىڭ ھاكىمىيەت زوراۋانلىقىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى «تېرور» لۇققا باغلاش-چەكتىن ئاشقان نومۇسسىزلىقتۇر. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاستىلىق ۋە پىلانلىق نامراتلاشتۇرۇلۇشقا، ھەق-ھوقۇقسىزلاشتۇرۇلۇشقا قارشى ھەقلىق قارشىلىقلىرى خىتايلار تەرىپىدىن نومۇسسىزلارچە «تېرورلۇق» دەپ تەشۋىق قىلىندى. ئۇيغۇرلار بولسا «تېرورلۇق»، «ئەسەبىيلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» نى يوقىتىش نامىدا خىتاي تەرپىدىن ئىرقىي قىرغىن قىلىندى.

ئەمدىلىكتە بولسا، يۇقىرىقىدەك ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» لەر ئۇيغۇرلارنىڭ «نامرات» لىق سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى «نەتىجە»، يالغانلىرىنى بولسا «ھەقىقەت» دەپ جۆيلۈشمەكتە. ئەگەر خىتاي راستتىنلا ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئامېرىكادەك دېموكراتىك بىر دۆلەت بولالىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرىغا سەۋەب قالارمىدى؟

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.