مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق جىنايىتى قالدۇرغان روھىي ئاسارەتلەردىن قانداق قۇتۇلۇشى كېرەك؟»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىدەك پاجىئەلەرنىڭ پاش بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ جىنايى پاكىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ھالبۇكى، بۇ خىل تراگىدىيەنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان كىشىلەردىكى چوڭقۇر روھىي زەربىلەر ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشىغا مۈشكۈل رىقابەتلەر يارىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر پروگراممىمىزدا زىيارەت قىلىنغان بىر قىسىم زۇلۇم قۇربانلىرى ھەمدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ قۇربانلىرى دۇچ كېلىدىغان روھىي كىرىزىس، رىقابەت ۋە ئۇنى قانداق يېڭىش ھەققىدە ئۆز كۈز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىكەنلىك سىملار بىلەن قورشالغان ئېگىز تاملار ئىچىدىكى زۇلمەتلىك لاگېرلاردا ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىستېمىلىق باسقۇنچىلىققا ۋە باشقا جىنسىي خورلاشلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ئەمدىلىكتە يوشۇرغىلى بولمايدىغان جىنايى قىلمىش سۈپىتىدە ئاشكارىلاندى. بۇ تراگېدىيەنى يالغۇز ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى دۇنيامۇ تونۇپ يەتتى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىي جىنايىتى داۋاملاشماقتا، ئۇيغۇر خەلقى بۇ دەھشەتلىك زۇلۇمغا قارشى ھايات-ماماتلىق كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلاردا ھەر خىل روھىي ۋە پىسخىكىلىق توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى بۇ زۇلۇمدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۆزىگە ۋە ياكى باشقىلارغا قىلغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ خورلۇقلىرى ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىشى كەمدىن كەم ئۇچرىماقتا.

يېقىندا خىتاي لاگېرىدا بېشىدىن كەچۈرگەن قورقۇنۇچلۇق جىنسىي زوراۋانلىقنى دۇنيا ئاخباراتلىرىغا پاش قىلغان لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ھەتتا ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش خىتاي لاگېرلىرىدا ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنىپ، ئىپپەت-نومۇسى پايخان قىلىنغان، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن مىڭلىغان ئۇيغۇر، قازاق قىز-ئاياللىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا شاھىد بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، سىياسى ۋە دىننى تۇتقۇنلارنىڭ «قارا تۈرمە» دەپ ئاتىلىدىغان غەيرى-رەسمى سولاقخانىلاردا تەن جازاسى، جىنسي تاجاۋۇز قاتارلىق ھەر خىل قىيىن-قىستاقلار بىلەن ئاتالمىش «جىنايەت» لىرىگە ئىقرار قىلىىشقا قىستىلىدىغانلىقى مەلۇم.

ياۋروپادا ياشاۋاتقان ھەبىبۇللا ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان قاماقخانىسىدا سىياسىي جىنايەتچى بولۇپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلىدە ئەرلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ئەشۇ خورلۇق زۇلۇملارنىڭ ھېلىمۇ كۆز ئالدىدىن كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرمۇ پىسىخىكىلىق توسالغۇلاردىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقانلىقىنى، كۆپىنچە ھاللاردا بۇ خىل زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى سۈكۈتنى تاللايدىغانلىقى ئېيتىدۇ.

بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى جىددىي ئويلىنىپ، ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان روھىي ۋە ئەخلاقىي كىرىزىسلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنۇپ كېلىۋاتقان نورۋېگىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى، شۇنداقلا خىتاي تۈرمىسىدە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن جىنسي خورلۇقلارنى دۇنياغا ئەڭ دەسلەپ پاش قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ بۇ مەسىلىدە جىنسىي خورلۇق پەيدا قىلغان پىسخىك توسالغۇلاردىن باشقا، يەنە ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي، ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرىنىڭمۇ بۇ ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىگە بەلگىلىك توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ زۇلۇملىرىدىن ھايات قۇتۇلۇپ چىققان شاھىدلارنىڭ بەزىلىرى زىيارىتىمىز داۋامىدا، گەرچە ھازىر ئەركىن ئەللەردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ توغرا چۈشەنمەسلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلىپ، ئۆزى ئۇچرىغان ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشنىڭ ئورنىغا سۈكۈت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى فاتىمە ئابدۇغۇپۇر خانىم بۇ مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق يېشىپ چىقىشتا ۋە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ پىسىخىك ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئالاھىدە يول تۇتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ «روھىي زەربە ۋە ئەسلىگە كېلىش» ناملىق ئېنگىلىزچە كىتابنى تەرجىمە قىلىپ، مەزكۇر كىتابتىكى مۇقىم نۇقتىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە سېلىشتۇرۇپ يەكۈنلىگەن ھەمدە بۇ تېمىنى تورلاردا ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئورتاقلىشىپ كەلگەن.

فاتىمە ئابدۇغوپۇر بۇ كىتابتىن مۇنداق بىر نەقىلنى كەلتۈرۈپ ئۆتتى: «جەمئىيەت ئۇرۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىشنى خالايدىغان بولۇپ، ھەرقانداق ئازابلىق ۋە غەمكىن ئىشلارنى ‹يېپىق پېتى› قالسىكەن دېگەن ئۈمىدتە ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بىز بۇ يەردە بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولغان ئىككى تەرەپنى كۆرىمىز: بىرى ئازابلىق ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقان، ئەمما مەغلۇپ بولۇۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدۇر. يەنە بىر تەرەپ بولسا ناھايىتى زور ئىرادە بىلەن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئويلايدىغان، ھەتتا يوشۇرۇن ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ خىل ئىدىيەنىڭ تەسىرى تۈپەيلى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇپ كېتەلىگەن شاھىدلاردۇر. بۇ خىل قارىمۇ-قارشىلىق ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن ئازابلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ دىيالوگنىڭ مەغلۇبىيەتچىلىرى يەنىلا ئاجىز ھېسابلىنىدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن بولۇشى بىلەن تاماملىنىدۇ.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم نۇمۇس شەرىپى دەپسەندە قىلىنغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسىنى پۈتۈن بىر مىللەت سۈپىتىدە ئۇچراۋتقان زۇلۇم ۋە يوقۇتۇش دەپ تونۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكلىرىنى پاش قىلغان زۇلۇم قۇربانلىرىنى قەھرىمان سۈپىتىدە ھىمايە قىلىش-پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مىللي مەجبۇرىيىتى ۋە ۋىجدانىي بۇرچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.